چىڭ سۇلالىسى مەنبەلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى ئەھۋالنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، بىراق، قانچىلىك ئادەمنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرمىغان. ئەمما 1877-يىلى، 17-دەكابىر كۈنى قەشقەر چىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، زو زوڭتاڭ بېيجىڭدا چىڭ ئىمپېراتورغا قەشقەردىكى ئۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى ئىچىدە خەلى كۆپچىلىكنىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان[50].
چىڭ سۇلالىسى رەسمىي ھۆججىتى بولغان << چىڭ شىلۇ>> دا بولسا، بەي ياڭخۇ قاتارلىقلارگغا ئەگىشىپ قاچقان توپىلاڭچىلارنىڭ 5 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرمۇ مەۋجۇت. بۇ پەقەت تۇڭگانلارنىلا كۆرسىتەمدۇ ۋە ياكى باشقا بارلىق قاچاقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ داۋاملىق ئېنىشلار كېرەك، ئەمما، بۇ سان رۇسىيە رەسمىي ئۇچۇرلىرىغا بىراز يېقىنلىشىدۇ.
مەلۇمكى،
چار رۇسىيە 1876-يىلى،قوقەنت خانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ، پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چەگرىسى بىۋاسىتە قەشقەرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلاندى. رۇسىيە قوقەنت خانلىقى تېررىتورىيىسى بولغان پەرغانە ۋادىسىنى ، تۈركىستان گېنېرال -گۇبېرناتورلۇقىنىڭ پەرغانە ئوبلاستى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، 1881-يىلى، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئەنجان، نامەنگان، قوقەنت، چۇست، ئىسفارىن، مەرغىلان ۋە ئوشتىن ئىبارەت يەتتە ناھىيە تەسىس قىلغان ئىدى. نوپۇسى 564 970 ئادەم دەپ بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئوش ناھىيىسىنىڭ نوپۇسى 59760 ئادەم بولۇپ، ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسى 3950 ئادەم ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئوش پەرغانىدىكى 6 شەھەر ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ ئاز شەھەر ھېسابلىناتتى. بىرىنچى ئورۇننى مەرغىلان ئىگىلىگەن بولۇپ،44،480 ئادەم ياشىغان. بىراق، 1910-يىلىغا كەلگەندە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى پەرغانە ئوبلاستىنىڭ نوپۇسىنى 2مىليون 34مىڭ 62 ئادەم دەپ ھېسابلىغان. پەرغانىدىكى بەش ناھىيىنىڭ نوپۇس تەركىبى مۇنداق بولغان :
نامەنگان ناھىيىسىدە 467423
ئەندىجان ناھىيىسىدە 461240
قوقەنت ناھىيىسىدە 453555
سكوبېلېۋسكىي ناھىيىسىدە 453462
ئوش ناھىيىسىدە 193.382[51]
بىراق، 1910-يىلىدىكى بۇ ئىستاتېستىكىدا ئوش شەھىرىنىڭ 44204 كىشىلىك نوپۇس تەركىبىدە قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ، 500 نەپەر قەشقەرلىك بارلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما نوپۇسى ئەڭ كۆپى سارتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 38646 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن[52]. ئەلۋەتتە، بۇ سانغا ئوش شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ ئاھالىسى كىرمىگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئوش شەھىرىدە بىر قانچە ئونلىغان مەھەللىلەر بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە تاشلاق-گۈزەر، تۆرت كوچا ، ئەندىجان كوچا، شامال كوچا، قوش تاش، داۋان، شاھىدان تۆپە، شېيخلەر، گۈزەر، جىدەلىك ، ئىمام- ئاتا، ئارچا-مازار، ساراي كوچا ۋە رابات كوچا قاتارلىقلار مەشھۇر ئىدى. بۇ مەھەللىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ناملىرى قەشقەرىيە تەۋەسىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ مەھەللىلەرنىڭ بىر قىسىمى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققانلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنىپ، شۇلار تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.