دېمەك، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ، بولۇپمۇ ئاۋام خەلقى ئارىسىدا مۇنداق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا قوبۇل قىلماسلىقتەك مىللىي كىملىك تۇيغۇلىرىدىكى ئاجىزلىق خاھىشلىرىمۇ پەرغانە ۋە باشقا رايونلاردىكى خېلى كۆپ ساندىكى قەشقەرىيە كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىشىدىكى ئىچكى ئامىلغا ئايلانغان ئىدى. بىراق، تارانچىلار ئارىسىدا بولسا ئۆزبېك كىملىكىنى تاللاش ئەھۋالى يوق دېيەرلىك ئىدى.
بىر قىسىم ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك ۋە قىرغىز تارىخشۇناسلىرى ئارىسىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي كىملىك ۋە مىللىي جۇمھۇرىيەت چېگرىلىرى ئايرىلىش جەريانىدا سوۋېت ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي يوسۇندا بىر قىسىم قىپچاق، قازاق، تاجىك ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆزبېك دەپ تىزىمغا ئالغانلىقىنى، بۇنداق سۈنئىي يوسۇندا ئۆزبېكلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ھەمدە ئۆزبېك مىللىتىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەنە شۇنداق مەجبۇرىي تىزىملاش نەتىجىسىدە زور ساندىكى باشقا خەلقلەر ئۆزبېك تەركىبىگە كىرىپ كەتكەن. بۇ دەل ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە كېرەك بولۇپ، چۈنكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىللىق زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئورتاق تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىدىيىلىرى مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى، خارازم خەلق جۇمھۇرىيىتى نامىدىكى دۆلەتچىلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەتلەر تاشكەنتنى مەركەز قىلغان كوممۇنىستلارنىڭ تۈركىستان ئاپتونوم، جۇمھۇرىيىتىگە بويسۇنمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 1917-يىلى مۇستاپا چوقاي قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئورتاق تۈرك ئىدىيىسىدىكى قوقەنت ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، تاشكەنتكە بويسۇنمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن جىددىي خەۋپلەرنى تۇغدۇرغان ئىدى.
موسكۋا مانا مۇشۇ بىر قاتار ئەھۋاللار ئاساسىدا مەزكۇر ھاكىمىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئايرىم مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە قوشۇش قارارىغا كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالدى بىلەن ئەڭ چوڭ تۈركىي خەلق ئۆزبېكلەرنى يارىتىپ، ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ۋە خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا تۈركمەن مىللىتىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ تۈركمەنىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇش ئىمزاسىنى قويدۇردى.
موسكۋا بۇ ئىدىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخى ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتىمىغان ھەمدە ئۆزبېكلەردىن پەرقلىنىپ چۈشەنگەن سارتلار، قەشقەرلىكلەر ، قىپچاقلار ۋە بىر قىسىم تاجىكلار ھەم باشقا قەبىلىلەرنى ئۆزبېك مىللىي كىملىكىگە قوشۇۋەتتى. بۇ ھەتتا مەجبۇرىي تۈس ئالغان ئىدى. بۇ مەسىلىدە ھازىرقى زامان تاجىك، قىرغىز ۋە قازاق مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا شۇنداق قاراش مەۋجۇت.