خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(3)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

ئەمما،   قازاقىستان ۋە  قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتەسۇ گۇرۇپپىسى بولسا ئۆز مىللى كىملىكى، مىللىي  مەدەنىي-مائارىپى ، ئەدەبىيات-سەنئىتى، مۇزىكىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىزچىل تۈردە  ياخشى ساقلاپ قالدى شۇنىڭدەك بۇلارنى  مەلۇم دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى بىر قىسىمىلىق رولىنى ئوينىماقتا.  بۇ گۇرۇپپىنىڭ يەرلىك قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىشى ئاساسەن دېگۈدەك كۆرۈلمىدى.  

بىز بۇ ماقالىدە  بۈگۈنكى مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي  جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئومۇمىي ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى  يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ   پەقەت پەرغانە گۇرۇپپىسىنىڭ  شەكىللىنىش ۋە ئاخىرىدا يەرلىك ئاھالىلارغا سىڭىپ كېتىپ، ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ  ئاساسلىق يادروسى  بولغانلىق رولىنى يوقىتىپ قويۇشىغا مۇناسىۋەتلىك  جەريانلار ھەم سەۋەب-ئامىللار ھەققىدە توختىلىمىز.  

پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئەسلىدە نورمال تەرەققىيات بويىچە ئالغاندا، بۇگۈنكى كۈندە بىر قانچە مىليون نوپۇسلۇق خەلققە ئايلىنىش لازىم ئىدى. بىراق، ئۇلار ئۇزۇن تارىخىي جەريانلاردا قەدەممۇ-قەدەم يەرلىك ئۆزبەكلەرگە سىڭىپ، ئۆزبەكلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى  ھەم ئاقىۋەتتە پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقاپ كەتكەن خەلققە ئايلاندى. بىراق، ئۆزبەكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئېتنىك، تىل ۋە باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرى ئاساسىدا بۇ ھادىسىنى يوقاپ كەتكەن دېگەننىڭ ئورنىغا سىڭىپ كەتكەن دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتىم، شۇنىڭدەك ئاسسىمىلياتسىيە ئىبارىسىنىمۇ ئىشلەتمىدىم. چۈنكى، ئىككى ئوخشاش خەلق ئىچىدە سىڭىشىش مەۋجۇت، بىراق، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەممۇ-قەدەم سىڭىشىش جەريانى  بىر پۇتۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى  ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشتا يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگىدۇر. مەن بۇ ھەقتىكى ئىلمىي ماقالەمنى  تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن  خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا  ئوقۇدۇم. 2012-يىلى، 23-26-ماي كۈنلىرى ئېچىلغان بۇ يىغىنغا، ئامېرىكا، رۇسىيە،  تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى، جۇڭگو،ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 90 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس قاتنىشىپ، يوقىلىش تەھلىكىسىدىكى تۈركىي تىللار، جۈملىدىن  نوپۇسى ئاز بولغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرىنىڭ تەقدىرى  ۋە مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى. مەلۇم بولدىكى، بىر قىسىم كىچىك تۈركىي تىللار ۋە توپلۇقلار تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا قەدەممۇ-قەدەم يوقاش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ،  ئالىملار بىردەك ھالدا بىر قىسىم كىچىك تۈركىي تىللارنىڭ ھامان يوقىلىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ چارىلىرىنى قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مېنىڭ تېمام  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەسلىدە كۆپ سانلىق خەلق بولۇشقا تېگىشلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بولۇپ  يېقىنقى ئىككى ئەسىردە سىڭىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئانالىز قىلدىم.  مەن بۇ قېتىم تېخىمۇ تەپسىلىيرەك ھالدا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتىنى ئوقۇرمەنلىرىمگە سۇنۇش قارارىغا كەلدىم.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار