خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(54)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42



شۇنداق بولغاندا،   پەرغانە ۋادىسىدىكى، بولۇپمۇ ئەنجان ئەتراپىدىكى  مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا   ئۆزبېك مىللىي كىملىكىگە قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇنى  پەقەت ھۆكۈمەتنىڭلا تاللاش ۋە بېكىتىش ھوقۇقى بار ئىدى

   1924-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ،  پەرغانىنىڭ  بىر قىسىمى ، يەنى ئوش ۋە جالال ئاباد ۋىلايەتلىرى قىرغىزىستانغا قوشۇپ بېرىلگەندىن كېيىن،  بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ( قەشقەرلىكلەر) نىڭ زور بىر قىسىمى قىرغىزىستانغا بۆلۈپ بېرىلگەن.  مەسىلەن، 1925-يىلىل  <<كەمبەغەللەر ئاۋازى>> گېزىتى  ئوشنىڭ يېنىدىكى قەشقەر قىشلاقتا 2000 ئۇيگۇر بارلىقىنى يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ  ئۆز تىللىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان، ھەتتا بىر قىسىم جايلار قىرغىزىستان غا ئايرىلغاندا ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەت مۇنازىرىسىدە،  بۇ يەرلەردىكى 120 مىڭ ئۆزبېك دەپ ئاتالغان ئادەملەرنىڭ يېرىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە قەشقەرلىكلەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.  ئوش  ۋە جالال ئاباد ، ئۆزگەند قاتارلىق جايلاردىكى قەشقەرلىكلەر ئەنە شۇنداق پارچىلىنىش جەريانلىرىدا  ئۆزبېك كىملىكىگە ئۆزگەرتىلىپ، تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ سوۋېت سىياسىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا،  قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان چېگرىسىنىڭ قىرغىزىستان تەۋەسىدىمۇ زور ساندا ئۆزبېكلەرنى پەيدا قىلىش ھەمدە ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە يەنە ئوخشاشلا مەلۇم ساندا قىرغىزلارنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ، بۇ ئىككى مىللەت ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت ئارىسىدا  تەڭپۇڭلۇق پەيدا قىلىش  تاكتىكىسى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك ئىدى . 2009-يىلىدىكى قىرغىزىستان دۆلەت ئىستاتېستىكىسى بويىچە ئالغاندا ئوش ۋىلايىتىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 308 مىڭ، ئوش شەھىرىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 112 مىڭ، جالال ئاباد ۋىلايىتىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 257 مىڭ، جالال ئاباد شەھىرىدىكى نوپۇسى 38 مىڭ بولۇپ، مەزكۇر  ئىككى ئوبلاستتا قىرغىزلار ئۆزبېكلەردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپ ھېسابلىنىدۇ.  لېكىن، يەرلىك ئۆزبېكلەر  بولسا، قىرغىزىستان  ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانىنى قەستەن ئاز كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىشىدۇ. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇ جايلاردا يەرلىك ئۆزبېكلەر ئارىسىدا ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش  ھەرىكەتلىرى مەۋجۇت ئىدى. مەزكۇر ئۆزبېك نوپۇسى نۆۋەتتە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرى ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە بولۇپ، موسكۋا بۇ مەسىلىنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا كۆرۈپ بولغان ئىدى.  موكسۋانىڭ بۇ تاكتىكىنىڭ نەتىجىسى 1990-يىلى ۋە 2010-يىلىدىكى  ئوش ۋە جالال ئاباد ۋەقەلىرىدە نامايەن بولدى.   بۈگۈنكى كۈنلەردە پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىدا 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشىماقتا. پەقەت ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتىدە  2مىليون 67مىڭ ئادەم، پەرغانە ۋىلايىتىدە 3 مىليون 229 مىڭ ئادەم ياشايدۇ. پەرغانە ۋىلايىتىگە قوقەنت، مەرغىلان قاتارلىق شەھەرلەر  تەۋە بولۇپ، مەرغىلانى شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا  200 مىڭ ئادەم ياشايدۇ.

ئەگەردە چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلگەن 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى  ئەنجان، قاراسۇ ، شەھرىخان ۋە باشقا جايلاردىكى 300 مىڭ قەشقەرلىك ھەمدە باشقا رايونلاردىكى قەشقەرلىكلەر ئىزچىل ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ كۆپەيدى ۋە  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىگە ئايلاندى دەپ قارالسا، ئۇ چاغدا، مەزكۇر 300 مىڭ نوپۇس  150 يىل جەريانىدا كەم دېگەندە 7-8 ھەسسە كۆپىيىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا،  شۇنداق ھېسابلىغاندا پەرغانە ۋادىسىدا، بولۇپمۇ ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ  ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتاۋاتقان ئاھالىلارنىڭ  مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئەشۇ قەشقەرلىكلەر، يەنى ئۇيغۇرلار  تەشكىل قىلغان بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، قازاق مۇتەخەسسىسى   ئەرمەك نارىمباينىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتىدىكى  بىر يېرىم مىليون پاسپورتىدا ئۆزبېك دەپ يېزىلغان  نوپۇسنىڭ 65%-80% ئى ئەمەلىيەتتە ئېتنىك ئۇيغۇرلاردۇر (110).
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار