سوۋېت ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرمەسلىك ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزبېكلەرگە قوشۇۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نوپۇس تەركىبىنى ئازلىتىش ئۇسۇلىنىمۇ قوللاندى.
يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، دەسلەپكى چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئىدىيىسىمۇ تېخى كۈچلۈك بولمىغان ئىدى. 1921-يىلىدىكى تاشكەنت قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى بويىچە پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇدىكى پۈتۈن قەشقەرلىكلەر ۋە تارانچىلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ دېگەن ئىدىيە قارارلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر نامى بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئورتاق ئېتنىك نامى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن ھەم تەرغىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ زىيالىيلىرى ۋە ئاۋاملىرى ئارىسىدا مەزكۇر ئىدىيىنى قوبۇل قىلمايدىغانلارمۇ كۆرۈلدى. بىر قىسىم قەشقەرلىكلەر ئۆزلىرىنى تارانچىلاردىن ئايرىم مىللەت، ئۇنىڭ ئەكسىچە يەنە بىر قىسىم تارانچىلار ئۆزلىرىنى قەشقەرلىكلەردىن ئايرىم مىللەت دەپ ھېسابلاپ، مەزكۇر ئىدىيىنى تەرغىپ قىلدى. ئەسلى قەشقەردىن پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى قاتلىمىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى قادىر ھاجىنى يادرو قىلىپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف باشچىلىقىدىكى ئىلى ۋادىسىدىن يەتتەسۇغا كۆچۈپ چىققان تارانچى ( ئىلى ئۇيغۇرلىرى) ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىيالىيلىرى بىلەن تاكى 1930-يىللارغىچە تارانچى-قەشقەرلىك كۆرۈشىنى داۋاملاشتۇردى . قادىر ھاجى باشچىلىقىدىكى قەشقەرلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن <<تارانچىلار ئۇيغۇر ئەمەس، ھەتتا ئۇلار تۈركىي خەلق ئەمەس، ئۇلار موڭغۇل نەسلىدىن كېلىپ چىققان>>(105) دېگەن كۆز قاراشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە << تارانچىلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ھېسابلاپ بارلىق جايلاردىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا كىرىۋالدى. ئوقۇشنى تۈگىتىپ خىزمەتلەرگە جايلىشىۋېلىشقا باشلاپتۇ. دېمەك، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلىرىنى ھەم ئالىي مەكتەپلەردە ، ھەم خىزمەت جايلىرىدا شۇلار ئېلىۋاپتۇ، ھەقىقىي ئۇيغۇر چەتتە قالدى>>(106) دېگەن پىكىرلەرنى تارقاتقان. قادىر باشچىلىقىدىكى بۇ بىر قىسىم زىيالىيلار يەنە ئىلى شىۋىسىنى ئاساس قىلغان ئەدەبىي تىل شەكىللەندۈرۈشكىمۇ قارشى چىققان بولۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف ۋە باشقىلار بۇ خىل ئىدىيىگە قاتتىق قارشى تۇرۇپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىككى يەرلىك تارمىقى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قادىر باشلىق گۇرۇپپا < قۇتۇلۇش>> گېزىتىنى نەشىر قىلىپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ تىلىنى قەشقەر شىۋىسىنى ئاساس قىلىپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار مەسئۇل بولۇپ چىقارغان ئىلى شىۋىسى ئاساس قىلىنغان << كەمبەغەللەر ئاۋازى>> گېزىتى بىلەن رىقابەتكە چۈشتى. مەزكۇر ئىككى خىل ئىدىيىنى يورۇتىدىغان ھەمدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى دەلىللەيدىغان ماقالىلار بۇ ئىككى گېزىتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلان قىلىنىپ تۇردى. <<كەمغەبەللەر ئاۋازى>> ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئىدىيىسىنى، <<قۇتۇلۇش>> گېزىتى قادىر ھاجىچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ياقىلىدى.