قىرغىزىستاندا بولسا ، 1926-يىلى 7467 نەپەر قەشقەرلىك، 523 تارانچى، 73 ئۇيغۇر بولغان. 1937-يىلى 14 مىڭ 224 ئۇيگۇر بولغان. ئوخشاشلا قەشقەرلىك ۋە تارانچى نامى ئەمەلدىن قالغان.
قازاقىستاندا 1926-يىلى ، 1121 قەشقەرلىك، 51803 تارانچى ، 10 مىڭ 510 ئۇيغۇر بولغان[82]. 1937-يىلغا كەلگەندە 32 مىڭ 982 ئۇيغۇر قالغان.[83] بۇ جۇمھۇرىيەتتىمۇ ئوخشاشلا قەشقەرلىك ۋە تارانچى ئايرىمىسى بولماي ، ھەممىسى بىردەكلا ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان.
1926-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك، تارانچى ياكى ئۇيغۇر دەپ ئاتاش ئەركىنلىكى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق ھالدا "ئۇيغۇر" نامىنى قوبۇل قىلىش تېخى تولۇق ئىشقا ئېشىپ بولالمىغانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ بىر قىسىم تارانچى ۋە قەشقەرلىك زىيالىيلار ھەم جامائەت ئەربابلىرى ئارىسىدىكى تارانچى ئايرىم، قەشقەرلىك ئايرىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەمەس دېگەن تالاش-تارتىش ۋە تەشۋىقات بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەمما، 1937-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە قەشقەرلىك ۋە تارانچى ناملىرى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، پەقەت ئۇيغۇر نامىلا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ۋە بىرلىككە كەلگەن نامى سۈپىتىدە بېكىتىلدى. دېمەك، بۇ ۋاقىتتا قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ئايرىمىچىلىق قىلمىشلىرى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەتئىي يول قويۇلمىغان ئىدى.
ئومۇمەن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1926-يىلىدىن كېيىن بىراقلا ئاز كۆرسىتىلىشكە باشلىغاننىڭ سىرتىدا يەنە ئۇلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ھەر خىل بولدى. ھەتتا ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى سانى 1923-يىلى 300 مىڭ دېيىلگەن بولۇشىغا قارىماي، يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ك . غەيبۇللا ئوغلى 1928-يىلى ئۆزبېكىستاندا 50 مىڭ ئۇيغۇر بار دەپ يازدى[84]. تۇنجى ئۇيغۇر پروفېسسورلىرىدىن بىرى بۇرھان قاسىموف بولسا ئۆزىنىڭ 1924-يىلى، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغىنىغا قارىماي، 1925-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، 1923-يىلى، يەتتەسۇدىكى بارلىق تارانچىلارنىڭ 46100 نەپەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ 24064 نەپەر، ئاياللارنىڭ 22036 نەپەرلىكىنى قەيت قىلغان[85]. ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ 1937-يىلى يازغان ماقالىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 300 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
قىسقىسى، ھۆكۈمەت ئىستاتېستىكىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى دائىم زىت بولغان. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا دائىم ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پەرەزلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىش كۆرۈلگەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى كۆپ كۆرسىتىشىگە ئەلۋەتتە بۇ رايوننىڭ ئىككى ئەسىرلىك تارىخى مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلاردا ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ ئورۇنلاشقانلىقى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك.