خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(11)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

مەلۇمكى، 19-ئەسىردىكى كۆچشلەردە مانجۇ-چىنلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشىدىن ئەنسىرەش ئامىلىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى، 1881-1883-يىللىرى ئارىسىدا رۇسىيە تەۋەسىدىكى  يەتتەسۇغا كۆچكەن تارانچى  ئۇيغۇرلىرىدا ئېنىق بولغان .  ئەنە شۇ تارانچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇلار بلەن كۆپ سۆھبەتلەردە بولغان رۇسىيە تارىخچىسى رۇمىيانسېۋ تارانچىلارنىڭ ئىئىئى چىنگە قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، چىنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن  ئىنتىقام ئېلىشىدىن  قورقۇپ رۇسىيە تەۋەسىدىكى  جايلارغا كۆچۈش يولىنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ[8]. ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئىلىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلىدىكى تارانچىلار ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدا قورقۇنۇچ ۋە ئەندىشە ھەم پانىكلار كۆتۈرۈلگەن ھەمدە تارانچىلار يېزا يېزا بويىچە كۆچكەن، ئىلىدىن كۆچكەن بۇ ئاھالىلارنىڭ سوتسىيال تەركىبى شەھەر ئاھالىلىرى، سودىگەرلەر، قول-ھۈنەرۋەنلەر ۋە دەھقان يېزا ئاھالىلىرى ئىدى[9].

چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭ ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقى، قوزغىلاڭغا قاتناشقان خەلقتىن رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىش بىلەن ئۆچ ئالغانلىقى  ئاھالىلاردا  ھامان قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوشنا پەرغانە ۋە باشقا جايلارغا قېچىش ۋە كېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ 1759-1765-يىللىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى ھەمدە 1816-1878-يىلىغىچە بولغان قارشىلىقلارنى باستۇرۇش جەريانلىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات  ئىگىلەش قىيىن، ئەمما  چىنلەرنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلغانلىقى ھەقىقەت.  جۇڭگو مەنبەلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،  1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدا چىڭ سۇلالىسى ئەنە شۇنداق قىرغىن قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار 6 ئايغىچە شەھەرنى مۇداپىئە قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. چىڭ سۇلالىسى قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىلىدىن بىر تۇمەن كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ كەلگەن ھەتتا  چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى << ئۇچتۇرپان ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىرمۇ ئۇرۇقىنى قالدۇرماي، ئۇلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ يوقىتىش كېرەك>> دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى[10]. ئەنە شۇ بۇيرۇق بويىچە قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، شەھەر ئىچىدىكى  2300 نەپەر ئۇيغۇر قوزھىلاڭچى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلانغان[11].  چىڭ ئەسكەرلىرى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن  خەلق ئۈستىدىن قانلىق چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىپ[12]، قورامىغا يەتكەن ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى  قىرىپ تاشلىغان[13]، ئاجىز ياشانغانلار، ئاياللار ھەم بالىلار كوللېكتىپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان[14]. ياش ئاياللارنىڭ بىر قىسىمى مەجبۇرىي تۈردە چېرىكىلەرگە خوتۇنلۇققا بېرىلگەن . نەتىجىدە 20 مىڭ نوپۇسلۇق ئۇچتۇرپان ئادەمسىز قالدۇرۇلۇپ،  كېيىن ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە يەركەندىن ئىبارەت توت شەھەردىن 500 ئائىلە كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان[15].

چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدىمۇ  يەنە كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلغان بولۇپ، جاھانگىر خوجا 1820-يىلى، 1824-يىلى، 1826-يىلى، ئۈچ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى چىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ئالدىنقى قېتىملىق ھەرىكەتلەردە غەلىبە قازىنالماي، ئۇنىڭ قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن نۇرغۇن كىشىلەر قىرغىنچىلىققا  ئۇچرىدى. ئەمما،  1826-يىلى، ئىيۇلدىكى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، ئۇزۇن ئوتمەي قەشقەر، يەركەنت، يېڭىھىسار ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارغىچە بولغان رايونلاردىكى چىڭ قوشۇنلىرى يوقىتىلىپ، بۇ رايونلاردىكى خەلقلەر ئومۇمىي يۈزلۈك جاھانگىر خوجىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى. بىراق، بۇ ۋاقىتتا چىڭ ھۆكۈمىتى جاھانگىر قوزغىلىڭىنى تىنجىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئەسكىرى كۈچىنى ئاقسۇغا توپلىغان بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ  40 مىڭغا يېقىن مۇنتىزىم قوشۇنى بىلەن جاھانگىر خوجا قوزغىلاڭچىلىرى ئارىسىدا ئاقسۇ شەھىرى يەنىدىكى قۇمباش، ئۇچتۇرپان، كەلپىن قاتارلىق جايلاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىر قاتار ئۇرۇشلار بولدى. چىڭ ئىمپېرىيىسى قوزغىلاڭنى تىنجىتىش ئۈچۈن ئەڭ ۋەھشىي قىرغىنچىلىق چارىسى قوللانغان بولۇپ، جاھانگىر خوجىنى قوللىغان ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى  << ئوغرىلار>> دەپ جاكارلاپ، قاتتىق قىرغىنچىلىق قىلىپ جازالاش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تىنجىتماقچى بولدى. چىڭ قوشۇنلىرى 1826-يىلى، 9-ئايدىن تاكى 1828-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان بىر قاتار ئۇرۇشلار جەريانىدا  قوزغىلاڭچىلار ئۈستىدىن بىر قاتار دەھشەتلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. مەسىلەن، 1826-يىلى، 23-سېنتەبىر كۈنىدە قۇمباش ئەتراپىدىكى ئۇرۇش جەريانىدا 1000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى ۋە پۇقرالارنى قىرىپ تاشلىدى. 11-ئايدا كەلپىن ئەتراپىغا ھۇجۇم قوزغاپ، 3000 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى. چىڭ قوشۇنلىرى 1827-يىلى، 3-ئايدا قەشقەرگە ئومۇمىي ھۇجۇم باشلاپ،  يەڭىئېرىق، بارچۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا  كەلگەندە يەنە 3000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى ئاممىنى قىرىپ تاشلىدى.  چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جاھانگىر غوجا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلىشىغا  ئائىت سانلىق ئۇچۇرلارنى ۋە بەزى ئەھۋاللارنى  ھازىرقى زامان تارىخىي كىتابى << شىنجاڭ قىسقىچە تارىخى>>  ھەمدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ رەسمىي تارىخىي ھۆججەتلىرى توپلىمى  ھېسابلىنىدىغان << چىڭ شىلۇ>> دىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىن.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار