<< شورا ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى-ن .ت)دا بىر يۈز مىڭ <تارانچى> بولسا، ئىككى يۈز مىڭ < قەشقەرلىق> بارلىقىنى بىلمەمسىز؟ شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنى < قەشقەرلىك> ھەم < تارانچى>، يەرسىز، يەرلىك دەپ بۆلمەكچى بولسىڭىز، پەرغانىدىكى يۈز مىڭدىن ئوشۇق يەرلىك < قەشقەرلىق>لەرگە نېمە دەيسىز؟ دېمەك شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ئىككى خىل قىلىپ كۆرسەتمەك مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۈچ يۈز مىڭ ( 300) ئۇيغۇرنىڭ ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇقى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل.>>[79]
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدىكى بۇرۇنقى يۇقىرى كۆرسىتىلگەن مەلۇماتلىرى ئەنە شۇ 1926-يىلىدىن كېيىن بىردىنلا بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق كۆرسىتىلىشكە باشلىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بولۇپ، بۇ ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 1926-يىلى، 17-دېكابىردىكى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، بىراق ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا 300 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشى باشلىنىشتىن تەخمىنەن 8 ئاي بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئەمما ئۇ بۇ ۋاقىتتا موسكۋادىكى شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر ۋە ئېتنىك چېگرىلارنى ئايرىش كوممىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى تېخى بېجىرىۋاتاتتى . ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتىنى كۆرسىتىشتىن 8 ئاي ئىلگىرىلا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 500 مىڭدىن 700 مىڭغىچە دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1926-يىلىدىكى تۇنجى قېتىم نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارانچى، قەشقەرلىك ۋە ئۇيغۇر دېگەن ئۈچ خىل ئايرىم مىللەت كاتېگورىيىسى بىلەن تىزىملىتىشىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش تىزىملىكىدە ئۇيغۇرلار "قەشقەرلىك"، "تارانچى" ۋە "ئۇيغۇر " دېگەن ئۈچ ئايرىم مىللەت تەۋەلىكىدە ئورۇن ئالغان. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 1926-يىلى، پۈتۈن سوۋەت ئىتتىپاقىدا قەشقەرلىكلەر 13010 نەپەر، تارانچىلار 53010 نەپەر، ئۇيغۇرلار 42550 نەپەر بولغان[80].
ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1926-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدىن تاكى 1937-يىلىدىكى 2-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرىشىگىچە بولغان 11 يىل جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا بارغانسېرى ئازلاش كۆرۈلگەن. 1926-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندا 40115 ئۇيغۇر بارلىقى كۆرسىتىلگەن. لېكىن، يەنە باشقا ماتېرىياللاردا 1926-يىلى، ئۆزبېكىستاندا 4421 قەشقەرلىك، 31مىڭ 941 ئۇيغۇر بارلىقى قەيت قىلىنغان. 1937-يىلىدىكى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندا 61 مىڭ 180 ئۇيگۇر بارلىقى يېزىلغان[81].