خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(26)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42


بىراق، قەشقەرىيىلىك مۇھاجىرلار  18-ئەسىردىن 19-ئەسىرغىچە بولغان بىر ئەسىر جەريانىدا ئىلگىرى كەلگەنلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە يەرلىك ئاھالىلار بىلەن ئارىلىشىپ سىڭىشىپ كېتىش ھەمدە ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك دېمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇپ، پەقەت 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن باشلاپ كۆچۈپ چىققان ئاھالىلارلا ئۆز كىملىكىنى ساقلىغان. بەلكى چوقان ۋەلىخانوف ئېيتقان 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىك ئەنە شۇ 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ كەچكەنلەر بولسا كېرەك.
   ئەمما، پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەلگەن قەشقەرىيىلىكلەر پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا رايونلارغا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇلار بىر رايوندا مۇتلەق نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەشكە  مۇۋەپپەق بولالمىغان. ئۇلار بەرىبىر مۇھاجىر تەرىقىسىدە كۆرۈلگەن. بۇنداق بىر  ياكى بىر قانچە رايوندا توپلىشىپ ئولتۇرۇپ، شۇ رايوننىڭ نوپۇسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمىگەنلىكى، يەنى تارقالىشىپ كېتىشى بەرىبىر ئۇلارنىڭ قەدەم-قەدەم يەرلىك ، ئۆزلىرى بىلەن تىلى، ئۆرپ -ئادەتلىرى ئاساسەن بىر خىل بولغان شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرى بولغان-ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كېتىش جەريانىنى باشتىن كەچۇردى. مەسىلەن، رۇسىيە تۈركىستان گۇبېرناتورلۇقىنىڭ   پەرغانە ئوبلاستى  مەرغىلان ناھىيىسىنىڭ  1890-يىلى، تۈزگەن ئېتنوگرافىيىلىك تەركىبىگە ئائىت مەنبەدە  قەشقەرلىكلەرنىڭ پۈتۈن مەرغىلاندىكى 251 قىشلاقنىڭ 111غا تارقىلىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن[70].
لېكىن، چار رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ  20-ئەسىرنىڭ بەشىدا ئېلان قىلغان نوپۇس مەلۇماتلىرىدا  قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ كەتكەن  بولۇپ، چار رۇسىيە ھۆججەتلىرىدە تۈركىستان ئۆلكىسىدە  1904-يىلى، 47388،  1906-يىلى، 50238،  1917-يىلى،  پۈتۈن تۈركىستاندا  39528 نەپەر قەشقەرلىك بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. چار رۇسىيىنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسى ئەلۋەتتە، بۇ دەۋردە قەشقەرلىك بىلەن تارانچىنى ئايرىم خەلق تەرىقىسىدە كۆرگەن بولۇپ، چار رۇسىيە دائىرىلىرى 1917-يىلى يەتتەسۇدىكى تارانچىلارنىڭ سانىنى 60،988 ئادەم دەپ ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى نوپۇسنى قوشقاندا، 1917-يىلى چار رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى  100516 ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.
بىراق،  بۇ سانلىق مەلۇماتلار پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىرنىڭ بەشى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قەدەم كۆپىيىشى كەلپ چىققان ئىدى. مەسىلەن،  رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 1911-1913-يىللىرى ئارىسىدا ھەر يىلى 20مىڭدىن 25 مىڭغىچە بولغان قەشقەرلىك پەرغانە ۋادىسىغا پەسىللىك ئىشلەشكە كەلدى. پەقەت 1914-يىلى، بىر يىلدىلا 40 مىڭ ئادەم ئىشلەمچىلىككە كەلگەن. ئەمەلىيەتتە  قەشقەرىلىكلەرنىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە بېرىش، بەلكى تۇغقان يوقلاش، ئىشلەش، تىجارەت ۋە باشقا خىلدىكى سەپەرلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا باشلانغان بولۇپ،  1896-يىلىلا رۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى  68 مىڭ 760 ئادەمنىڭ رۇسىيىگە بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرگەن[71]. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا يەنە قانچىلىك ئادەمنىڭ رەسمىيىتى بەجىرىلگەنلىكى ھەققىدە قولۇمىزدا ماتېرىيال يوق.  بىراق، ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە،  يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ بەلكى ھېچقانداق رەسمىيەتسىز ھالدا چېگىرىدىن ئۆتۈپ، رۇسىيە تەۋەسىگە كىرىپ تىرىكچىلىك قىلغان. بەلكى رەسمىيەت بەجىرىش ئىشلىرى  ۋە چېگرىلارنى قاتتىق  كونترول قىلىش 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا  كۈچەيتىلگەن بولۇشى  مۇمكىن.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار