خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(34)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

1937-1939-يىللىرىدا، تاشكەنتتە چىقىدىغان << شەرق ھەقىقىتى>>  گېزىتى  ۋە ئالمۇتىدا نەشىر قىلىنىدىغان <<قىزىل تاڭ جۇرنىلى>>،  << قىزىل تۇغ>> گېزىتلىرى  بىراقلا تاقالدى.   خېلەم خۇدابەردىيېف  سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ 1937-يىلىدىكى  كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن خەلقلەرگە ئېغىر پاجىئە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ  قاتتىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

<< ئۇيغۇرلار بۇ ئاممىۋى قىرغىن-تۇتقۇننىڭ  زەررىچىسى ئىدى.  زەررىچىسى  بولغان بىلەن  نوپۇسى ئاز بولغاچقا باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا بەك زىيادە زەرەر كۆردى. نېمە ئۈچۈن دەڭ؟  بىز يۇقىرى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدەنىي -ئاقارتىش  ئورۇنلىرىنىڭ  بىرىمۇ قالماي يېپىپ تاشلاندى . ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى ئۆزبېك، قازاق ،قىرغىز، تۈركمەن مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەمدى ئانا تىلدا ئوقۇيدىغان بىر پارچىمۇ گېزىت ۋە كىتاب قالمىدى. مىللىي مەدەنىيەت بىردىنلا گۇمران بولغىنى ئاقىۋىتىدە  بولۇپمۇ ياش ئەۋلاد ئاستا-ئاستا ئانا تىلىدىن قاقاس بولدى. ئەدەبىي تىل بۇزۇلدى>>[89].

  ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ يېپىلىپ كېتىشى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور زەربىلەرنىڭ بىر بولۇپ-، بۇ ھال ئارىلىقتا 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە مەيدانغا كېلىپ، راۋاجلىنىش يولىغا كىرگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خاراپلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى  پەرغانە ۋاسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل  بولۇپ قالدى.  چۈنكى، ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولماسلىقى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش قەدىمىنى بېسىشقا مەجبۇر قىلدى.   ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىپ كېتىشى مەسىلىسى ئۇيغۇر  پۇقرالىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك  ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ،   يەرلىك زىيالىيلار بۇ ئىشنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان قارار دەپ ھېسابلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى  مەركىزىي كومىتېتىنى ، جۈملىدىن ستالىننى خەۋەرلەندۈرۈش ئويلىرىدا بولغان. ئەمما، ھازىرغىچە مەۋجۇت بولغان مەنبەلەردە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى،  ئۇيغۇر نەشىرىيات ھەم مەدەنىي -مائارىپ ۋە سەنئەت  ئورگانلىرىنى تاقىۋېتىش توغرىسىدا بىۋاسىتە موسكۋادىن كەلگەن بۇيرۇق بولغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق  مەلۇمات ئېلان قىلىنغىنى يوق.   ھەقىقەتەن، مەزكۇر بۇيرۇق بىۋاسىتە موسكۋادىن كەلگەنمۇ ؟ يەرلىك  ھۆكۈمەتلەرنىڭ قارارىمۇ ؟ بۇنىسى ھازىرگتھىچە ئېنىق ئەمەس.    خېلەم خۇدابەردىيېف  بۇ مەسىلە بويىچە 1940-يىلى، 12-ئاينىڭ 28-كۈنى موسكۋاغا، يوسىف ستالىننىڭ نامىغا بىۋاسىتە خەت يازغان بولۇپ، مەزكۇر خەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بېشىغا چۈشكەن  پاجىئەنىڭ  جانلىق ئىسپاتىدۇر. چۈنكى، خەتنىڭ مۇئەللىپىنىڭ رىيالىقنى بۇرمىلاپ، ياكى قەستەن ھالدا مۇنداق خەتنى ستالىنغا ئەۋەتىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەگەر رېئاللىق ئۇنداق بولمىسا، خەت ئاپتورىنىڭ كاللىسى كېتىشى تەبىئىي ئىدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار