خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(32)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ  مەدەنىي-مائارىپ،  پارتىيە ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش ساھەلىرىدە  يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكلىرىنى قولغا كەلتۈردى. يولداش ئاخبۇنبابايېف، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروف، ئابدۇغوپۇر قۇربانوف، ياقۇپ روزىن، ئەلىيەف  ۋە باشقا  ئونلىغان  ئەربابلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى دۆلەت رەھبىرىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن كىشى يولداش ئاخۇنبابايېف بولۇپ، ۋىكى ئېنسكلوپېدىيىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەرغىلاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يولداش ئاخۇنبابايېف 1924-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، 1925-يىلى ئۆزبېكىستان  سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى رەئىسى بولۇپ بېكىتىلگەن ھەمدە بۇ ئالىي ۋەزىپىدە تاكى 1938-يىلىغىچە ئولتۇرغان. ئەمما، مەرغىلاندا ئاددىي قەشقەرلىق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان يولداش ئاخۇنبابايېف  1937-يىلىدىكى تازىلاشتىن ساق قېلىپ، 1938-يىلى قايتىدىن ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، بۇ ۋەزىپىدە تاكى 1943-يىلى ۋاپات بولغىچە ئولتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان خەلق ئىچىدە كۆپ ئۇچۇرلار  بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئاشكارىلانماي ساقلىنىپ كېلىنمەكتە.  ھەتتا ھازىرقى زامان ئۆزبەكىستان  ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ   دادىسى ئۇرايىماخۇنمۇ ئەنە شۇ مەرغىلاندا  1926-يىلى تۇغۇلغان ئىكەن. ئەلۋەتتە، <<ئاخۇن>> قوشۇمچىسى ئۆزبېكىستاندا پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولۇپ، يۇلتۇزخاننىڭ دادىسى  مەرھۇم ئۇرايىماخۇننىڭ تېگى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار  مەۋجۇت.

1920-1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر مەشھۇر ئەربابلىرى ئارىسىدا  يەنە بىر  ئەڭ يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە بولغان كىشى  ئابدۇللا روزىباقىيېف  بولۇپ، ئۇ، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئالىي رەھبەرلىك دەرجىسىدىن ھالقىپ موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە رەھبىرى ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇردى.

بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئالىي مەكتەپلەر ۋە فاكۇلتېتلارنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ياقۇپ روزىن تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلدى.

تۇنجى ئۇيغۇر دوتسېنتى  بۇرھان قاسىموف ئوتتۇرا ئاسىيا پاختا-سۇغۇرۇش ۋە سانائەت ئىنستىتۇتى ئىشچىلار فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى. تۇنجى بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف،  1935-1937-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى دوتسېنت-پروفېسسورلار يېتىشىپ چىقتى. مەسىلەن دوتسېنت-پروفەسسورلاردىن   بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىمى، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقىلار تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى، ماركىسىزم -لېنىنىزم ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە دەرس ئۆتتى. 1934-1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئۇيغۇر ئۆلىدىن  تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ تۈركۈمدىكى 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى  ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي قىلغان  تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەنە شۇ  بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىمى، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقا ئۇيغۇر ھەم ئۆزبەك ئوقۇتقۇچىلار دەرس بەرگەن  ئىدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار