خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(57)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42



يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ( ئەسلىدىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ) ئۆزبېكلەرگە  سىڭىپ كېتىشى، قەرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزارا يۇغۇرۇلۇشى ۋە  ئورتاق ئېتنىك گەۋدىگە ئايلىنىشىنىڭ  بىر ئۈلگىسى ۋە مودېلى بولۇپ، بۇ تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى مۇنداق سىڭىشىش، يۇغۇرۇلۇش ۋە بىرلىشىش ئالدى بىلەن ئۇلار ئىچىدىكى تىل، ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەڭ يېقىن بولغانلىرى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى،  تىل ۋە تۇرمۇش شەكلى جەھەتتىن  يېقىنلار  ئالدى بىلەن بىرلىشىش يولىنى تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى  ، جۈملىدىن فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ شەكىللىنىش شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتتە، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن قەدەم-قەدەم پەرغانە ۋادىسىدىكى ئاھالىلار تەركىبىگە  سىڭىپ كېتىشى  جەريانى مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى تەرەققىيات ھەمدە جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك توقۇنۇشلار بىلەن باغلىنىش مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتتى.  

نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قالدۇق ئۇيغۇر دىئاسپورىنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقى  ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ئانا ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟،   ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر يادرولۇق  گەۋدىسىدىن ئايرىم ھالدا   تولۇق ساقلاپ قالالامدۇ  ۋە ياكى قازاقىستان ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىمۇ خۇددى پەرغانە گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش  قەدەم-قەدەم يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىش تەقدىرىگە دۇچ كېلەمدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەر جەمىيەتشۇناسلىق، سىياسەتشۇناسلىق،  ئانتروپلوگىيىلىك ۋە باشقا نۇقتىلاردىن ئانالىز قىلىنىشى كېرەك.

------------

ئىزاھاتلار ۋە پايدىلانغان ئەسەرلەر

([1] .   Агентство Республики Казахстан по статистике. Численность населения Республики Казахстан по отдельным этносам на 1 января 2012 года.

[2] .Национальный статистический комитет Кыргызской Республики. Национальный состав населения (оценка 1 января 2012 года)

[3] . Этнический атлас Узбекистана. . Институт “Открытое Общество” - Фонд содействия - Узбекистан, 2002. Стр.217

[4] . К СТОЛЕТИЮ ПЕРЕСЕЛЕНИЯ УЙГУРОВ ИЗ СЕМИРЕЧЬЯ В ТУРКМЕНИСТАН

1890 - 1990гг. http://hamrajan.narod.ru/Bayram-Ali.html

[5] . James A. Millward. Beyond The Pass. Economy, Ethnicity , and Empire in Qing Central Asia, 1759-1864. P.245-249

(6) seyfidin Ezizi. Omur dastani.

[7] . Аблажей Н.Н. Репатрианты из КНР в районах освоения целинных и залежных земель (1954-1962). // Гуманитарные науки в Сибири. 2008. № 2. С. 105-106.

[8] .Li Danxui.  Xinjiang  Sulian qiaomin wentide lishi kaocha(1945-1965) // lishi yanjiu . 2003. № 3. С. 90.

(9).  We Changhui Chen Xianlin. Lun Erzhan houqi Zhongsu Guanyui Xinjiang suqiaode  jiaoshe  //  Xiyu Yanjiu. 2000. № 4. С. 44-45.\

(10). Tokon Yusubakun Yusubakunov. Delo mumber  geziti, Qirghizistan .

[11] . Румянцев , П . П . Уезды Жетысу.-Алматы:Жалын баспасы. Уезды Жетысу.-2000.- st.222.   Румянцев , П . П.  Таранчи. St.223.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار