يەتتە خوجا قوزغىلىڭىدىن يەنە 10 يىل ئۆتۈپ، ۋەلىخان تۆرە باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ يۈز بەردى. ئۈچ ئايغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار جەريانىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى شۇنىڭدەك ۋەلىخان تۆرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار چىڭ قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ۋەلىخان تۆرە قاتارلىقلار پەرغانىغا قاچتى . 19-ئەسىردىكى رۇس تارىخچىسى ۋ. نالىۋكىننىڭ مەلۇماتىچە، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 15مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىك پەرغانە ۋادىسىغا قاچتى[41]. بۇ ھەقتە جۇڭگو تارىخچىلىرىمۇ مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، لىئۇ فېڭۋۇ پەرغانىغا كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى[42]، لىئۇ زىشاۋ 15 مىڭ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[43].
سېڭ مېنۋۇ جۇڭگو مەنبەلىرى ئاساسىدا جاھانگىر خوجا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خوجىلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوزگىلاڭلىرىغا قاتناشقانلارنىڭ ئادەم سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، جاھانگىر خوجىغا ئەگىشىپ چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن قەشقەر ئەتراپىدا بولغان جەڭگە قاتناشقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ 100 مىڭ ئەتراپىدا[44]ئىكەنلىكىنى، 1857-يىلى ۋەلىخان تۆرىگە ئەگىشىپ چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلغانلارنىڭ بىر قانچە تۈمەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[45]. دېمەك، چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭلەرگە قاتناشقان بۇ ئادەملەرنىڭ ھايات قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىردىن بىر ھاياتلىق يولى ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ پەرغانىغا قېچىپ پاناھلىنىش بولۇپ، قوزغىلاڭغا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ پەرغانىغا قېچىپ پاناھلىنىش نىسبىتىنىڭمۇ كۆپ بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەر قېتىملىق قېچىپ پاناھلىنىش جەريانىدا بىر قىسىم ئۈلگىرەلىگەن كىشىلەر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، بالاۋاقىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە خېلى كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تاشلاپ ئۆزلىرى تەنھا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئائىلىسى ئۆز ۋەتىنىدە قالغان بۇ ئەرلەرنىڭ بىر قىسىمى پەرغانە ۋادىسىدا خوجىلار تەشكىللىگەن قوشۇنلار تەركىبىگە قوشۇلۇپ، قايتىدىن قەشقەرگە كېلىپ، ئۆز يۇرتلىرىنى چىڭ قوشۇنلىرىدىن ئازاد قىلىش ئارقىلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى جەم بولۇش يولىنى تاللىغان ئىدى.
1877-1878-يىللىرى ئارىسىدا چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن قەشقەرىيىنى قايتا بويسۇندۇرغاندا، قانچىلىك ئادەمنىڭ پەرغانە ۋادىسىغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق. لېكىن، يەنىلا خېلى كۆپ ساندا ئادەملەر رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى پەرغانىغا قاچقانلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىستاندىكى رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن خاتىرىگە ئېلىنغان ئىدى[46]. پەرغانىدىكى رۇسىيە ئەمەلدارى 1877-يىلى 12 مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىك ۋە تۇڭگاننىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە قېچىپ ئۆتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 7 مىڭ نەپىرىنىڭ يەتتە سۇ تەرەپكە، قالغانلىرىنىڭ ئوش ئارقىلىق پەرغانە ۋىلايىتىگە كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[47]. بىراق، بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارمۇ ھەر خىل بولۇپ، ئابلەت كامالوفنىڭ رۇسىيە مەنبەلىرى ئاساسىدا تەكشۈرۈشىچە، ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلى بەكقۇل بەك بىر قىسىم ئۆز قوشۇنلىرى ھەم ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى باشلاپ، 1877-يىلى، 15-دېكابىر كۈنى چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئوشقا يېتىپ كەلگەن ھەمدە ئارقىدىن، يەنى 16-17-دېكابىر كۈنلىرى زور ساندىكى قەشەرلىك مۇساپىرلار چېگرىدىن ئۆتكەن بولۇپ، 23-دېكابىر كۈنىدىكى رۇسىيە تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئوشقا 4641 نەپەر قەشقەرلىك كۆچمەن ( بۇلارنىڭ 3573 نەپىرى ئەر، 968 نەپىرى ئايال) ئورۇنلاشقان[48]. رۇسىيە ئارخىپىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، چېگرىدىن كوللېكتىپ ھالدا ئۆتۈپ قېچىش ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، 1877-يىلى، 14-دېكابىردىن 29-دېكابىرغىچە بولغان 15 كۈن جەريانىدا 5675 ئادەم ( 4413 ئەر، 1262 ئايال) كۆچۈپ كەلگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە 500 ئادەم قاراسۇ ئارقىلىق ئەنجانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. دېمەك، ئەنە شۇ 15 كۈنى ئىچىدىلا 6000 ئەتراپىدا ئادەم ئوش ۋە ئەنجان تەۋەسىگە قېچىپ كەلگەن. رۇسىيە ئارخىپ ئۇچۇرلىرىغا كۆرە قوقەنت خانلىقى مەۋجۇت بولغان ۋاقىتتىلا ئوش شەھىرى ئاھالىسىنىڭ 3تىن 1 قىسىمىنى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، 1877-يىلى، ئوش تەۋەسىگە كىرگەن 1459 قەشقەرلىكنىڭ 959 نەپىرى ئوش شەھىرىگە قېپ قالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 909 نەپىرىنىڭ ئوشتا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشقان[49]. قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسىمى پەرغانە ۋادىسىدىكى ھەر قايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن. ئەلۋەتتە، قەشقەرىيىدىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ تەركىبى ھەر خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەرلىكلەر، يەنى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلاتتى. ئۇلاردىن قالسا، تۇڭگانلارمۇ بار ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە قوقەنتلىكلەر ۋە ئەنجانلىقلارمۇ بار ئىدى. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار پەقەت رۇسىيە تەرەپنىڭ 15 كۈن ئىچىدىكى كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇمات بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن كەلگەنلەر شۇنىڭدەك باشقا جايلاردىن ئۆتكەنلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. چىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چىقىرىپ، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى پەرغانىدا تۇرىۋاتقانلارنى دەرھال چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. بۇ بۇيرۇق بويىچىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پەرغانىغا كەتكەنلىكىدە شەك يوق.