خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(16)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا  قوشما پەرغانە ۋادىسىدا  يەرلىشىپ قېلىشىدا ھەمدە ئىككىنچى يېرىمىدىكى كۆچۈش ھەرىكىتىدە  ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئامىلنى نەزەرگە ئېلىش لازىم.

بىرىنچى ئامىل،  بۇ رايونلاردا ئىلگىرىدىنلا  يەرلىشىپ بولغان بىر قانچە ئەۋلاد  زور ساندا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ،  يەرلىك ئاھالىلار  بىلەن بولغان نىسبەتتە مەلۇم  سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى.

ئىككىنچى ئامىل.   ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە  مەدەنىيەت ئامىلى.

 بۇ رايوننىڭ چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەركىبىدە بولۇش بىلەن سودا-ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە سانائەت  جەھەتلەردىن  ئۇيغۇر ئېلىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلغار ۋە راۋاجلانغان بولۇشى.

بولۇپمۇ،1918-يىلىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ،ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئۆزگىرىشلەر. بولۇپمۇ مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتلەردىكى كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلار.

ئۈچىنچى ئامىل.  سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيە ۋە مىللەتپەرۋەرلىك .

1917-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. رايوندا مۇستەقىللىق، ئىسلامى گۈللىنىش،  تۈركچىلىك، كوممۇنىزم قاتارلىق يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىپادىسىنى  تاپتى.

بولۇپمۇ،   گرازھدانلار ئۇرۇشى مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ مىللىي چېگرىلارنى ۋە مىللىي مەمۇرىي چېگرىلارنى ئايرىش ھەم بېكىتىش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ  ئايرىم مىللەت ھەم مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرى ھەمدە ئايرىم ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىدىيىلىرى دۇنياغا كەلدى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، كوممۇنىستلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ << قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە ئىشچى دېھقانلار ئىتتىپاقى>> دەپ ئاتالغان تەشكىلاتى 1921-يىلى،4-ئىيۇندا  تاشكەنتتە تۇنجى قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرىپ،  بۇ ناملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، << ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى >> دېگەن نام ئاستىدىكى تەشكىلاتنى قۇردى. بۇلارنىڭ تۈپ سىياسىي شۇئارى ، ئابدۇللا  روزىباقىيېۋ  قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە <<ئۇيغۇرسىتان>>  ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ،  ئۇلار قەشقەرلىك ۋە تارانچى دەپ ئاتالغان  ئاھالىلارنىڭ ئايرىم خەلق ئەمەس بەلكى ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىيدىن كۆچۈپ چىققان بىر خەلق-ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ، ئۇلارغا ئورتاق ئۇيغۇر نامىنى بېكىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلدى.  ئۇلارنىڭ پروگراملىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قوشنا شىنجاڭدىكى جۇڭگو مىلىتارىست ھاكىمىيىتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۇ يەردىكى ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.   بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار گېزىت ۋە مەبۇئاتلارنى پەيدا قىلىپ، كەڭ تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا كۆپ ساندىكى قەشقەرىيىدىن  كۆچۈپ چىققان خەلقلەر  بۇ ھەرىكەتلەرگە قوشۇلدى ۋە قوللىدى.  دېمەك ئەنە شۇنداق  خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار  ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ بارسا، مىللىتارستلارنىڭ  ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىشى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا دۇچ كېلىۋاتقان قالاق ۋە مۇستەبىت ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي  تۈزۈمنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقىدىن بۇ جايلارغا يەرلىشىش يولىنى تاللىغان.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار