3) ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى مەلۇماتلىرى
پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستاندا ( تۇركېستانسكىي كرايد-رۇسچە) 1918-يىلى، كوممۇنىسلار تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ، تۈركىستان سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى( 1918-1924) قۇرۇپ، سوۋېت بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن دىن كېيىن، بولۇپمۇ 1924-يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېتنىك چېگرىلار ئايرىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىتتىپاقداش ۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىستاتېستىكىسى ھەر خىل تۈردە ئېلان قىلىندى. ھۆكۈمەت مەلۇماتى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ كەتتى. ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ئاھالىسى، يەنى پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار بىلەن يەتتەسۇ رايونىدا ياشىغۇچى ئىلى ئۇيغۇرلىرى ( تارانچىلار)نىڭ ئومۇمىي سانىنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك سانلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلىرى 1921-يىلى، ئىيۇن ئېيىدا تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ بەلكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەلۇم دەرىجىدە تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئۆزلىرى توپلىغان بۇ مەلۇماتلار ئاساسىدا تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى قاتارلىق رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، تارقىلىشى، سىياسىي-ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇماتلار يوللىغان ئىدى. ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىغا يوللىغان دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان ئۇيغۇر دۆلەت ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرى ئابدۇللا روزىباقىيېف[74] 1923-يىلى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيروسىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يوللىغان دوكلاتىدا، پۈتۈن تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يەتتەسۇ رايونىدا 265مىڭ، سىر دەريا رايونىدا 30 مىڭ، پەرغانە ئوبلاستىدا 300 مىڭ، تۈركمەنىستاندا 2500، سەمەرقەنتتە 2500 بولۇپ، جەمىئىي 600 مىڭ ئۇيگۇر بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ[75].
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]