خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(33)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم مۇرات ھەمرايېفنىڭ يېزىشىچە، 1930-يىللاردا  ئۇيغۇرلاردا باشلانغۇچ مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولۇنغان  ھەمدە خەلقنىڭ مائارىپ ساپاسى ناھايىتى تەز سۈرئەتتە ئۆسكەن ئىدى.

1937-يىلى ئالمۇتىدا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى  بويىچە  ئۇيغۇر تىلى ،ئەدەبىياتى ۋە ئىملا مەسىلىسى بويىچە چوڭ كونفېرېنسىيە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،  تاشكەنتتىن بارغان زىيالىيلار بۇ يىغىننىڭ ئاساسى تەركىبىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلشۇناس ئالىملىرى  رۇس تىلشۇناسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئىملاس قائىدىلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئاساستا مۇھاكىمە قىلدى ھەمدە  ئورتاق ئىملا قائىدىسىنى بېكىتتى.

قىسقىسى ، 1921-1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبەكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە رول ئويناپ، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سېلىنغان ماكانغا ئايلاندى. ئومۇمەن 1920-1930-يىللار ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئايرىم بىر قانچە  دوكتورلۇق ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ تېمىسى بولۇپ، بۇ ماقالىدە پەقەت  مەزكۇر نۇقتىنى  قىسقىچە ئەسلەشتىن ھالقىش مۇمكىن ئەمەس.

1930-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇنداق ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ يەنە بىر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ موسكۋانىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 1934-يىلى، موسكۋا قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى  ۋە ما جۇڭيىڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، سوۋېتپەرەس شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تەسىس قىلىپ، بۇ رايوننى نامدا جۇڭگوغا، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 17-جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈپ،  ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىمتىيازلارنى قولغا كەلتۈردى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ  ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىرىنى  ۋە ئوبرازىنى تېخىمۇ تىكلەش مەقسىتىدە سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۇللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.

بىراق، 1937-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى  بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ بۇ تازىلاشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى.  ئالمۇتىدىكى  ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىملا  يىغىنىغا قاتناشقان زىيالىيلار ۋە ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى  تۈرمىلەرگە تاشلاندى ۋە ياكى ئۆلتۈرۈلدى.  1937-يىلىدىكى بۇ تازىلاش ئۇيغۇر ئېلىدە ماخمۇت مۇھىتىنىڭ ھىندىستانغا قېچىشى ۋە ئابدۇنىياز بەك ھەم مۇ خۇسەننىڭ ئىسيانىدىن كېيىن بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپتە ئۇيغۇر خەلقى بۇ تازىلاشلارنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۇ  ياقتا يوسىف  ستالىن، بۇ ياقتا شېڭ شىسەينىڭ خالىغانچە جازالىشىدىن قۇتۇلالمىدى.

1937-يىلىدىن كېيىن  ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف، ئەلىيېف، ئابدۇغوپۇر قۇربانوف  قاتارلىق ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان سىياسىي ئەربابلاردىن  باشقا يەنە   نۇر ئىسرائىلوف، ھېزىم ئىسكەندوروف، تۇردى ھەسەنوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، مۆمىن ھەمرايېف، ھەبىب زاكىرىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان ئەدىبلەردىن باشقا  يەنە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئاتاقلىق تەرجىمان، لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ تاغىسى  مىجىت مۇتەللىپوف،   بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىمى شۇنىڭدەك 20-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۇرپاندىن تاشكەنتكە بېرىپ ئوقۇپ، كۆزگە كۆرۇنگەن تىلشۇناس بولۇپ  يېتىشىپ چىققان  قادىر ھوشۇرى  قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېت دوتسېنت-پروفېسسورلىرى ھەم باشقا يۈزلىگەن زىيالىيلار بىراقلا قولغا ئېلىندى.  لېكىن، بۇ تازىلاش  يۇقىرى قاتلام سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئەربابلار  ۋە زىيالىيلار بىلەنلا قالماستىن،  بەلكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ھەم  نەشىرىيات ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىشىغىمۇ بېرىپ تاقاشتى. ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنتتە  خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن  ئابدۇمەجىت  روزىباقىيېف[87] ۋە خېلەم خۇدابەردىيېفلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋاقىتتا تاشكەنت ۋە  ئەندىجاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت  ئورگانلىرى تاقالغاندىن سىرت يەنە  ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرى تاقالدى.  ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلق دۈشمەنلىرى دەپ بېكىتىلدى[88] .   1937-يىلىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى مەرھۇم ئەخمەت ئېلىيېفنىڭ  << يېڭى ھايات >> گېزىتىدىكى خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1937-1938-يىللىرىدىكى تازىلاشتا تاشكەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبەكىستاندا 3800 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى << ئۇيغۇر ئازادلىق تەشكىلاتى>> دېگەن  سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى يەر ئاستى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى دېگەن  جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، جازالانغان، ئۇلارنىڭ كۆپى ھاياتىدىن ئايرىلغان.  قازاقىستاندا 1937-1938-يىللىرى ئۆلتۈرۈلگەن 1668 نەپەر ئادەمنىڭ ئىچىدە 97 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە جەمىيەت ئەربابلىرى بار.بۇ ۋاقىتلاردا ستالىننىڭ ن ك ۋ د ئورگانلىرى ۋە   شېڭ شىسەينىڭ   ساقچى دائىرىلىرى ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان جىنايەت << پانتۇركىس>>، << تروتسكىچى>>،<< ياپوننىڭ ئىشپىيونى>>، << خەلق دۈشمىنى>>، <<  جاھانگىرلارنىڭ قۇيرۇقى>> ۋە باشقىلارنى ئارتتى.  بىچارە ئۇيغۇر خەلقى،  دىنىي  ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلىرى  ھەر خىل جىنايى ناملار ۋە  سىياسىي قالپاقلارنىڭ قۇربانى بولۇشتىن قۇتۇلالمىدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار