خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(37)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى، يەنى پەرغانە ۋادىسىنىڭ قىرغزىستانغا تەۋە قىسىمىدىكى  ئوش ۋە جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەزەلدىن ئېنىق ئەمەس بولۇپ،   2009-يىلىدىكى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا، ئوش ۋىلايىتى بىلەن جالال ئابادتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 15 مىڭ ئەتراپىدا، ئوشتىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى قارا سۇ رايونىغا  جايلاشقان بولۇپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئوش ۋىلايىتىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ  11 مىڭ ئىكەنلىكى، ئوش شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 791 نەپەر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان[93]، بۇلار ئاساسلىقى قاراسۇ ناھىيىسىدىكى قەشقەر قىشلاق قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان. قىرغىزىستاننىڭ  ئوش شەھىرىدىكى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەپ كۆپچىلىكى ئەمەلىيەتتە، 1955-1962-يىللاردا كوچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يەردە ئەسلىدىن بار بولغان ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان ئوزبەكلەر تەركىبىدە يوقىلىپ بولغان ئىدى. بۇلار بۈگۈنكى كۈنلەردە داۋاملىق تۈردە ئۆزبەكلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

   پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرلىكلەر يەنى ئۇيغۇرلار ئىككى ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا  19-ئەسىردە بۇ رايوندىكى ئاساسلىق خەلقلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىق  ئەھۋالىنى يوقىتىپ، بۈگۈنكى كۈندە رايوندىكى ئەڭ ئاز نوپۇسلۇق مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى. نۇرغۇن ئۇيغۇر يېزىقلىرى، مەھەللىلىرى ، كوچىلىرى يوقالدى شۇنىڭدەك بۇ مەھەللە  ، قىشلاق ۋە كوچىلاردىكى ئەسلى قەشقەرلىكلەر-ئۇيغۇرلار سىڭىپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى بۈگۈنكى كۈندىكى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ تەركىبىگە سىڭىپ تۈگەپ، ئۆزبېك مىللىي كىملىكىگە ئايلاندى. شۇ ۋەجىدىن  مەيلى ئوش، مەيلى ئۆزگەند ۋە ياكى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئەنجان ، مەرغىلان ۋە باشقا جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئەجدادلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدىغان <<ئۆزبېكلەر>> ھازىرمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم قازاق، قىرغىز  ھەم باشقا مىللەت ئالىملىرى ئارىسىدا  ئەنجان ئاھالىسىنىڭ  60%  ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ  ستالىن دەۋرىدە ئۆزبېكلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى يازىدۇ[94].   

ئوش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەسلى  قەشقەرلىك  ئۇيغۇرلارنىڭ  قىرغىزلارنىڭ تەركىبىگە سىڭىپ كېتىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس، بىراق   سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئېتنوگرافى   س. م .  ئابرومزون  ئۆزىنىڭ  1955-يىللىرىدىكى بۇ رايونلاردىكى تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە جەنۇبىي قىرغىزلار تەركىبىدە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان قەبىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى[95]. ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تەۋە دەپ ئاتىغان گۇرۇپپا  ئۈچ-قورغان رايونىدا ۋە قارول بۇيغا، ئاۋۇزتام-پىلال، تېگىرمەچ، قاراغاندي، كېرېگېتاش، ئۆلېگىش، قاراقىشتاق، پۇم دېگەن جايلاردا ھەمە  بۇرۇن شىپى( شىببە)  يېزىلىرى ھەمدە لەڭگەر دەگەن جايغا تارقالغان. ئۆزلىرىنى  ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ دەپ قارىغان قېرىلاردىن كېنجىباي ئايتېمىروف  ۋە  رايىمبەردى  ئورمونوف بۇ گۇرۇپپىنىڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىنىڭ بۇخارادىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇچ قورغاندىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بولسا ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىمى ياشايدىغان قوش-تېگىرمەن دەگەن جايدىن كەلگەن. بۇ ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىر قىسىمى چارۋىچىلىق ، يەنە بىر قىسىمى دەھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، قارائوئول دەگەن جايدا << ئۇيغۇر ئارىق>> دەپ ئاتالغان سۇ قانىلى بار. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قىرغىزلارنىڭ بۇيگا ۋە تۆلەس قەبىلىسى بىلەن تۇغقانچىلىققا ئىگە دەپ قارايدۇ شۇنىڭدەك يەنە  قىرغىزلارنىڭ تېيىت قەبىلىسىنى ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئۇرۇقتىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ.[96]

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار