لېكىن، چوقان ۋەلىخانوفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تاغلىق دەپ ئاتالغا قەشقەرلىكلەرنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان پامىر-ئالاينىڭ ئېتەكلىرىدىكى قىسىملىرى ئارىسىدا قىرغىز قەبىلىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىش نەتىجىسىدە قىرغىزلاشقانلارنىمۇ يوق ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ.
1960-يىللاردا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى مەخسۇس تەكشۈرۈلگەن سوۋېت ئالىملىرى ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوفنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 1960-يىللاردا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئاھالىلار ئىچىدە ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن ھەمدە ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بىراق ئەسلى كېلىپ چىقىشىنىڭ قەشقەر ئىكەنلىكىنى ئېيىتقانلار كۆپرەك بولغان. ئوش ۋىلايىتى ۋە ئەنجان ۋە مەرغىلان ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپلىگەن ئەسلى قەشقەرىيىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن جاي ئىسىملىرى ۋە مەھەللە ئىسىملىرى ئۇچرىغان بولۇپ، پەقەت ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى موسكۋا رايونى ، يەنى ھازىرقى شەھرىخان ناھىيىسىدىلا ئارتۇش، دولان، جاڭجال، قەشقەرمەلە، قەشقەرقىشلاق قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق جاي ئىسمى تىزىمغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ ئىزباسقان ناھىيىسى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يېزىسىدا قەشقەرمەلە دېگەن جاي بار بولۇپ، 1960-يىللىرىدا بۇ يېزىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ھېسابلىغان كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ 110-120 يىللار ئىلگىرى قەشقەردىن كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردە قەشقەر مەھەللىسى پەيدا قىلغان. بۇ كىشىلەر 60-يىللارغا كەلگەندە تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن[97]. 1960-1970-يىللىرى ئارىسىدا يەنە شەھرىخان يېزىسىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرى ئەلىخان موللاخۇن ئوغلى ئارازىنىڭ ئوغلى 73 ياشلىق مۆمىنجان ئەلىخانوفمۇ ياشىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا شەھرىخان يېزىسىغا ئارازىنىڭ قەبرىسىگە ئورنىتىلغان خاتىرە تاشقا ئارازىنىڭ 1869-يىلى، مەرغىلان ناھىيىسىنىڭ شەھرىخان يېزىسىنىڭ قەشقەر مەھەللىسىدە تۇغۇلغانلىقى، ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ 1930-1835-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەردىن كېلىپ، يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، ئارازىنىڭ ئوغلى مۆمىنجان ئەلىخانوف شۇ ۋاقىتتىكى شەھرىخان يېزىسىنىڭ زور كۆپچىلىك ئاھالىسىنىڭ قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن[98]. بىراق بۇ ئاھالىلارنىڭ ھەممىسى 60-70-يىللاردا ئاللىقاچان ئۆزبېكلىشىپ، ئۆزلىرىنى ئۆزبەك دەپ ئاتايدىغان بولغان ئىدى. غوجاخمەت سادۋاقوسوف قاتارلىقلار يەنە ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ بۇتاقارا يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش جەريانى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ يېزىدىكى قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ 1939-1940-يىللىرى ئارىسىدىن باشلاپ ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ھېسابلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان[99].
1959-1960-يىللىرى ئارىسىدا ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى تارقاق ياشىغان بولۇپ، سوۋېت ئېتنوگرافلىرى شۇ ۋاقىتتا پەقەت ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ۋىلايەتتىكى 79 كولخوزغا ھەمدە پەرغانە ۋادىسىنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بېكىتكەن[100].
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]