تەھلىل قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تېخى ئۇيغۇر دېگەن ئېتنىك نام ئاستىدىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرى شەكىللەنمىگەن، ئۇيغۇر نامى ئاستىدىكى ئورتاق ئېتنىك كىملىك ۋە ئېتنىك مىللەتچىلىك ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي بىرلىك خاھىشلىرى ئىنتايىن ئاجىز بىر ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ئاتالمىش تارانچى-قەشقەرلىك جېدىلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى.
قىزىق نۇقتا شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىگە ھەم لېنىن ۋە ستالىننىڭ مىللىي سىياسەتلىرىگە قارشى ھەر قانداق ئىدىئولوگىيە ۋە پىكىرنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى خالىمايدىغان سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇ خىل تارانچى-قەشقەرلىك جىدىلىگە تاكى ئون نەچچە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت يول قويدى. ھەتتا موسكۋا شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەپ، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈلگىسى بويىچە ئوخشاش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ئايرىپ، تارانچىلارنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى تارانچى مىللىتى قىلىپ بېكىتىشىگە يول قويدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل مىللەت تەركىبىنى ئايرىپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىدە 14 مىللەتنى رەسمىيلەشتۈرۈشمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت باش كونسۇلىنى ئاساس قىلغان سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.
سوۋېت رۇسىيىسى تەۋەسىدىكى تارانچى-قەشقەرلىك جېدىلى، 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئاساسەن سۇسلاشتى ھەمدە 1937-يىلىدىكى ئالمۇتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىملا يىغىنى ئورتاق لايىھە قارار قىلىندى ھەمدە شۇ يىلدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش جەدۋىلىدە قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ناملار ئۆچۈرۈلۈپ ، پەقەت بىرلا ئۇيغۇر نامى رەسمىيلەشتۈرۈلدى. قىسقىسى سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ ۋاقىتتا تارانچى ۋە قەشقەرلىك دەيدىغان ئىككى مىللەت يوقلۇقى، پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى قانۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا تارانچى مىللىتى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويۇلۇش داۋاملىشىۋەردى. ئون نەچچە يىل ۋاقىت تارانچى-قەشقەرلىك كۇرىشىگە سۈكۈت قىلىپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بىر-بىرى بىلەن توختاۋسىز كۈرەش قىلىشىنى كۆزىتىپ تۇرغان سوۋېت رۇسىيىسى ئاخىرى 1937-1938-يىللىرىدا مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپىدىكى زىيالىيلار ۋە ئاكتىپلار ھەتتا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئابدۇللا روزىباقىيېف ھەمدە قەشقەرلىك ئايرىم مىللەت دەپ ئۆزلىرىنى تارانچىلاردىن ئاخىرىغىچە ئايرىپ كەلگەن قادىر ھاجىنىمۇ ئوخشاشلا <<خەلق دۈشمىنى>> دېگەن جىنايەت بىلەن ئېتىپ تاشلىدى. ستالىننىڭ رەھىمسىز جازاسىدىن تارانچى ۋە قەشقەرلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە تارانچى-قاشقارلىق كۈرىشى تولۇق ئاخىرلىشىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر دېگەن نام ئاخىرقى قېتىم رەسمىيلەشتۈرۈلدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق زەربە بېرىش ئوبېكتىغا ئايلاندى.