1950-1960-يىللاردا قەشقەر كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى يەنە نامەنگان شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىمۇ ياشىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا ئۇلار ئوخشاشلا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزبېك كىملىكىنى قوبۇل قىلىپ بولغان ھەمدە نامەنگان، ئەنجان ۋە باشقا جايلاردا ئۆزبېك تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئارىلاشقان ئۆزگىچە شىۋىلىق خۇسۇسىيەتلىرى شەكىللەنگەن.
سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسى ئا.ك بوروۋكوۋ ئۆزىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى تەكشۈرۈشلىرى نەجىتىسىدە 1963-يىلى يازغان ئىلمىي تەتقىقات ئەمگىكىدە نامەنگان ئاھالىسىنىڭ مۇھىم يادروسىنى قەشقەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر تەشكىل قىلغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىپ، ئۆزبېك تىلىنىڭ بىر شىۋىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى يەكۈنلىگەن[101] . ئۆزبېكىستان ئالىمى ئا.مەمەتوف بولسا، ئۆزىنىڭ 1967-يىلى ئۆزبېك تىلىنىڭ ئەنجان شەھەر شىۋىسى ھەققىدىكى دىسسېرتاتىسىيىسىدە، << ئەنجان شىۋىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇلار ھازىرمۇ ئەنجان شەھىرىدىكى مائارىپ، ئەسكىلىك، تاختاكۆپرۈك ، كالىنىن ۋە باشقا مەھەللىلەردە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزبەك تىلىدا سۆزلىشىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ تىزىملاتقان>> دېگەن مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان[102].
قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك تىللىرى ساھەسىدە كۆپ تەتقىقات قىلغان ئاتاقلىق سوۋېت تۈركىلوگى كونستانتىن يۇداخىن 1940-1950-يىللىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە 1950-يىلى مەخسۇس ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئارىلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش ھەمدە ئۆزبېك تىلىغا سىڭىپ تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇ، ئاساسلىقى پەرغانىنىڭ قىرغىزىستانغا تەۋە ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر -ئۆزبېك تىللىرى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، << ئوش شەھىرى ئاھالىسىنىڭ تەركىبىنى خېلى بۇرۇنلا تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت ۋە تىل جەھەتتىن يەرلىك ئۆزبېك ئاھالىسى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن مۇھىم قىسىم ئاھالە تەشكىل قىلىدۇ>> دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوشتىكى ئۆزبېك تىلى شىۋىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەنە شۇ كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.
سوۋېت ئالىملىرىدىن پولىۋانوۋ، رېشېتوۋ، يۇداخىن، بوروۋكوۋ، قايداروۋ، سادۋاقوسوف، ئىسمايىلوف ۋە باشقىلار پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېك تىلى شىۋىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرى سىڭگەنلىكىنى بىردەك ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ رايونلاردىكى ئۆزبېك تىلى شىۋىلىرى تەركىبىدە ئۆزبەك تىلىنىڭ باشقا شىۋىلىرىدە كۆرۈنمەيدىغان ، ئەمما پەقەت ئۇيغۇر تىلىغىلا خاس بولغان بىر قىسىم سۆزلەر ھەم فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقى ئالىملار تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلدى.
ئومۇمەن، پەرغانە ۋادىسىنىڭ ھەر قانداق بىر جايىدا ھازىرمۇ يەنىلا كۆپلىگەن ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتاپ يۈرگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدىغانلار مەۋجۇت. ئەنجان، مەرغىلان، نامەنگان ۋە ئوش قاتارلىق شەھەرلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى بۈگۈنكى كۈنلەردىكى ئۆزبېكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تەركىبىنى زور ساندىكى ئەسلى قەشقەرلىك كۆچمەنلەر- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەنلىكىدە شەك يوق.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]