خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(42)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42


   تارىم، يەتتە سۇ ۋە  پەرغانە ۋادىسىدا ياشىغان  تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ  كۆپىنچىسى 8-9-ئەسىرلەردە  ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە  ئۇيغۇر مىللىي ۋە سىياسىي كىملىكى رامكىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئىسسىق كۆل ۋە پەرغانە ۋادىلىرىغىچە يېتىپ كەلدى شۇنىڭدەك   9-ئەسىردە ئۇيغۇر قالغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن غەربكە كۆچكەن  ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىمى  ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغىمۇ كىرىپ يەرلەشكەن ئىدى.    جۇڭگو   مەنبەلىرىدە   يەنە 13-ئەسىردە  ئىسسىق كۆل، پەرغانە  ھەتتا سەمەرقەنتكە بولغان جايلاردا ياشىغان خەلقلەر ئۇيغۇر، يەنى خەنسۇچە << خۇيخۇ>> ئاتالغۇسى بىلەن ئاتىلىپ؛ ئۇلارنىڭ  ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى  بايان قىلىنغان. ئىدى.
كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە  چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ زېمىنلارنى ئىدارە قىلىشى ۋە  چاغاتاي خانلىقى ھەمدە كېيىن، تۆمۈرىلەر  دەۋرى ۋە  سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋىرلىرىدىمۇ  پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تارىم ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ  ئېتنىك  تەرەققىياتىدا قىسمەن ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، بۇ تۇپراقلارغا موڭغۇل تىللىق قەبىلىلەر كۆچۈپ كەلىپ يەرلىشىپ، قەدەم-قەدەمۇ مۇسۇلمانلىشىش ۋە تۈركلىشىش ھەم ئۇيغۇرلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرىشى بىلەن رايوننىڭ ئېتنىك تەركىبىگە يېڭى ئېلېمېنتلار قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا  ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەقلەر ئارىسىدا ئېتنىك زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئايرىم ئېتنىك كىملىك چۈشەنچىلىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.  بولۇپمۇ، ئولتۇراق ھاياتتىكى پەرغانە ئاھالىسى بىلەن تارىم ۋادىسى ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدا ئېتنىك كىملىك پەرقى مەۋجۇت  ئەمەس ئىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېتنىك  پەرقلەر  تۈركىي قەبىلىلەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى  تۈركىي خەلقلەر بىلەن  پارس تىللىق خەلقلەر ۋە موڭغۇل تىللىق موڭغۇل قەبىلىلىرى ھەم جۇڭغارلار ئارىسىدا ئىپادىلىنەتتى. ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ  ئولتۇراق   ھاياتتىكى  تۈركىي خەلقلىرى بىر-بىرى بىلەن ياشىغان شەھەر ۋە ماكانلىرى ئارقىلىق پەرقلىنەتتى. تارىم ۋادىسىدىكى شەھەرلەردە ياشىغۇچى ئاھالە  بىلەن پەرغانە ۋادىسىدىكى شەھەرلەردە ياشىغۇچى ئاھالە بىر-بىرىنى ئايرىم مىللەت ئەمەس بەلكى ئايرىم شەھەرلەردە ۋە ماكانلاردا ياشىغۇچى سۈپىتىدە چۈشەنگەن ئىدى. مەسىلەن، قەشقەرلىق، ئەنجانلىق، سەمەرقەنتلىك، قوقانلىق ۋە  باشقىلار.
ئولتۇراق ھاياتتىكى تۈركىي خەلقلەر بولسا، قەبىلە تۈزۈلمىسى مەۋجۇت تۈركىي خەلقلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەبىلەن نامى بىلەن ئاتايتتى خالاس ! ھازىرقى قازاقلار ۋە قىرغىزلار ئىچىدىمۇ  نۇرغۇن قەبىلىلەر  ۋە ئۇرۇغلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلاردىمۇ  ئورتاق قازاق ۋە ياكى قىرغىز مىللىي كىملىك چۈشەنچىسى يوق ئىدى.
ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان بىر-بىرلىرى بىلەن ئايرىم مىللەت سۈپىتىدە ئايرىلماي كەلگەن  ھەر خىل تۈركىي خەلقلەر ۋە قەبىلىلەر 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا كەلگەندە ھازىرقى زامان مىللەت كاتېگورىيىسى  ۋە نەزەرىيىلىرى  بويىچە سۇنئىي يوسۇندا بىر -بىرلىرىدىن ئايرىۋېتىلدى. مەزكۇر سۇنئىي ئېتنىك چېگرا ئايرىمىسى نەتىجىسىدە  تۈركىي خەلقلەر بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تەخمىنەن 40قا  يېقىن ئايرىم تۈركىي مىللەتكە ئايرىلدى. ئايرىم مىللىي  ۋە ئايرىم مىللىي سىياسىي كىملىك تەرەققىيات يولى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن مەيدانغا كېلىپ، ئۈزلۈكسىز  راۋاجلىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە لېنىنىزم ۋە ستالىنىزمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىبارەتتۇر.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار