خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(55)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42



ئەمما، ھازىرغىچە ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە زادى قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى ئېنىق ئەمەس مەسىلە، مەيلى  19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى 300 مىڭ ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئاز رەقەمدىكى قەشقەرلىكلەر ئاھالىسى بۈگۈنكى كۈندە كۆپىيىپ بىر قانچە مىليوندىن ئاشتى دېگەندە دېيىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار بەرىبىر ئاللىقاچان ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزبېك مىللىي كىملىكىنى قوبۇل قىلىپ بولغان.

ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ،پروفېسسور ئەخەت خوجايوف ئەپەندى بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى مۇئەللىپكە ئۆزبېكىستاندا تەخمىنەن 500 مىڭ ئۇيغۇر بار دېگەن بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، ئۆزبېكىستاندا 250 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  ئەمما، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ سانلىق ئۇچۇرلىرىنى  تەخمىنەن ھېساباتلارغا تايىنىپ ئېيتقانلىقىدا شەك يوق.  ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بولسا، 2009-يىلى، پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا 60 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى قەيت قىلدى.بەلكى مەزكۇر 60 مىڭ دېگەن سان ھازىر يەنە ئازراق كۆپەيگەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر 60 مىڭ دېگەن رەقەمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى  ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسىگە  20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى  كۆرسەتسە كېرەك.

پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېك كىملىكىگە سىڭىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا   ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاپتونومىيە ھەرىكىتى مەۋجۇت بولۇپ، سوۋېت  ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مۇنداق سالاھىيەتنى بەرمىدى ھەمدە بۇنى بەرمەسلىك ئۈچۈن  ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان پەرغانە ۋادىسىدىكى  توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنى   ئۆزبېكلەرگە قوشۇۋېتىشقا  ھەمدە دەسلەپتە رۇسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە بولغان  قىرغىز  ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە كېيىنكى قىرغىز  جۇمھۇرىيىتىگە   تەقسىم قىلىۋېتىشى  توغرا كېلەتتى. قىرغىزلار 1936-يىلى، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆزبېكىستان بىلەن تەڭ دەرىجىگە ئىگە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيىسىمۇ كۈچەيتىلگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستان ۋە  قىرغىزىستاندا  ئۈچىنچى قېتىملىق سىڭىشىش دولقۇنى 1937-يىلىدىن كېيىن يۈز بەردى. 1937-يىلىدىكى ستالىننىڭ چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ۋە  كىملىك كىنىشكىسى تۇرغۇزۇش  سىياسىتى يولغا قويۇلغاندا، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، تىياتىرلىرى ھەتتا كولخوزلىرى بىراقلا تاقالدى.  كولخوزلار ناملىرىنى ئۆزگەرتتى. نۇرغۇن ئۇيگۇر زىيالىيلىرى  ياپون ئىشپىيونى، پان تۈركىست دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىندى. ئەنە شۇ قېتىملىق كەڭ رېپرېتسىيىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار كىملىك تۇرغۇزۇش سىياسىتىگە ماسلىشىپ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتتى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى  ۋە  ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىراقلا تولۇق ئۆزبېكلىشىش دەۋرىنى باشتىن كەچۇردى. بۇ پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە ئىنتىگراتسىيە بولۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار