خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(18)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

1)    تارىخىي مەنبەلەر بويىچە پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسى

1759-1760-يىلىدا زادى قانچىلىك ئادەم كۆچكەنلىكى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلار يوق. بىراق،  سېرگېي  ئاباشىن  مەنبەلەر بويىچە  بۇ ۋاقىتتا 12 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىك ۋە قالماقنىڭ كۆچكەنلىكى، بۇلارنىڭ 9 مىڭ ئائىلىنىڭ پەرغانىغا، ئۈچ مىڭ ئائىلىنىڭ بەدەخشاننىڭ پەيزاباد رايونىغا كۆچكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. بۇ 9 مىڭ ئائىلە، يەنى تەخمىنەن 40 مىڭ ئادەمنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[31].  بۇنداق كۆچۈش ئىزچىل داۋاملىشىۋەرگەن بولۇپ، بۇرۇن بەلكى ئاممىۋى تۇس ئالغان بولسا، كېيىنكى ئۇزۇن يىللاردا جەريانىدا  ئايرىم -ئايرىم ھالدا كۆچۈش داۋاملاشقان. يۈسۈپ خوجىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان مىرزا شەمسى بۇخارىنىڭ مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا، 1830-يىلى قوقەنت قوشۇنلىرى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشنىڭ ئالدىدا   قوقەنتتە 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە قەشقەرلىك بولغان[32]. 1830-يىلى، يۈسۈپ خوجا قوزغىلىڭى مانجۇلار تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا 70 مىڭ ئادەم قەشقەردىن پەرغانىغا كۆچۈپ بېرىپ، سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى خوجەنت ۋە تاشكەنتتىن يىراق بولمىغان  جايلارغا ئورۇنلاشقان.[33]  بۇ ھەقتە جۇڭگو تارىخچىلىرىمۇ جۇڭگو مەنبەلىرىگە تايىنىپ مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، جۇڭگو تارىخچىسى ليۇ فېڭۋۇ 1936-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە  يۈسۈپ خوجا قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئاق تاغلىقلاردىن 60-70 مىڭ ئادەمنىڭ  قوقەنتكە كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[34].
چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتىدىكى 70 مىڭ  ۋە مىرزا شەمسى بۇخارىنىڭ مەلۇماتىدىكى 10مىڭدىن 12 مىڭغىچە بولغان ساننى قوشقىنىمىزدا، بۇ چاغلاردا پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ سانى 80مىڭدىن ئارتۇق بولىدۇ.
1847-يىلى، يەتتە خوجا قوزغىلىڭى  مانجۇر قوشۇنلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا،  قەشقەر تەۋەسىدىن يەنە 20 مىڭ ئادەم مانجۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ  پەرغانىغا قاچتى[35] . كروپاتكىن بولسا  100 مىڭ ئادەم ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بېرىدۇ [36].  جۇڭگو تارىخچىسى سېڭ مېنۋۇ 1936-يىلى يازغان ئەسىرىدە  بۇ قېتىمقى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قانچە ئون مىڭ ئادەم خوجىلار بىلەن قوقەنتكە قېچىپ كەتتى دەپ مەلۇمات بېرىدۇ [37].
بۇ قېتىمقى كۆچۈش قىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا نۇرغۇن ئادەم پامىر -ئالاي تاغلىرىدىن ئۆتكىچە ئاچلىق، قاتتىق سوغۇق ۋە قار شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توڭلاپ ئۆلگەن. كۆچكەنلەرنىڭ ئارىسىدا قەرى-چۆرىلەر، بالىلارمۇ بولۇپ، ئادەملەر ئائىلە-ئائىلە بويىچە كۆچكەن. كروپاتكىننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىم كۆچكەنلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت قەشقەر ۋە يېڭىھىساردىن كۆچكەنلەرنىڭ سانىلا 37 مىڭ ئەتراپىدا بولغان[38]. بۇ كۆچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ساق-سالامەت پەرغانە ۋادىسىغا يېتىپ بارالمىغان بولۇپ، ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ  جەسەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن تېرەك داۋان ئەتراپىدىكى دەريا سۈيىنى شۇ يەردىكى قىرغىزلار ئۈچ يىلغىچە ئىچەلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلگەن.[39] 
  مۇسۇلمان تارىخچىلىرىدىن  مۇھەممەد ئاتىف  ئۆزىنىڭ <<تارىخىي كاشىغەر >>ناملىق ئەسىرىدە  قەشقەر ئاھالىسىدىن 100 مىڭغا يېقىن نوپۇس ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوقەنتكە كۆچتى>> دەپ بايان قىلىدۇ.[40]

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار