مەلۇمكى، 1931-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، 1933-يىلى، 12-نويابىردا قەشقەردە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ھۆكۈمەتنى قوللىماي، خەنزۇ مىللىتارستى شېڭ شىسەينى قوللاپ، سوۋېتپەرەس ئۆلكە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقتى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئۆلكىگە مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ھال ئۆلكىنىڭ سوۋېت مودېلىدىكى مەدەنىيەت-مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىش مەنزىرىسىنى ياراتتى. بارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئاساسەن دېگۈدەك ،سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېلىپ كېلىندى. كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈپ قايتىپ كەلدى.
1944-يىلىغاكەلگەندە ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى بولۇپ، غۇلجىدا <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى>> قۇرۇلدى. مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى تاكى 1949-يىلى، جۇڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭنى ئىگىلىگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي قاتارلىق ئازاد ئۈچ ۋىلايەت ھەمدە ئۆلكىنىڭ باشقا جايلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر خىل تەسىرى ئاستىدا بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1946-يىلىدىن كېيىن شىنجاڭدا سوۋېت پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش ئېلىپ بېرىپ، زور ساندا كىشىلەرگە سوۋېت پاسپورى تارقاتتى.
1949-يىلىدىن كېيىن، ئۆلكىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇشىدىن كېيىن كېلىپ چىققان بىر قاتار، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر ،مىللەتپەرۋەرلىككە زەربە بېرىش ھەمدە سىياسىي كۈرەشلەر شۇنىڭدەك يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېغى چېكىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر ئۇيغۇرلارنىڭ 1955-يىلىدىن تاكى 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا رەسمىي ھۆججەتلەر بىلەن سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىغا كۆچۈشى، 1962-يىلى، ماي ئېيىدا كەڭ كۆلەمدە ، ئاممىۋى يوسۇندا چېگرىدىن قېچىپ ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
4 . پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسى
بىز يۇقىرىدا قەيت قىلغاندەك بەش قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تەبىئىي. بۇ خىل ئۈزلۈكسىز كۆچۈش بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ سۈنئىي يوسۇندا كۆپىيىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەسلىدىن بار بولغان كۆچمەن ئاھالىلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى بىلەن يېڭىدىن كەلگەن توپلۇقلارنىڭ قوشۇلۇشى ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشى پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تېز سۈرەتتە كۆپەيتىدىغان مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.
پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 19-ئەسىردىلا زور ساننى ئىگىلەپ، پەرغانە ئاھالىسىنىڭ مۇھىم سالمىقىنى تەشكىل قىلغانلىقى ھەققىدە ئۈچ خىل مەلۇمات مەۋجۇت. بۇلار : 1) تارىخىي مەنبەلەر، 2) مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەنبەلەر بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇماتلىرى . 3) دەسلەپكى سابىق سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىگەن سانلىق ئۇچۇرلىرى. مەن بۇ نۇقتىنى ئەنە شۇ ئۈچ تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويىمەن:
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]