پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(43)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42
مەيلى، قانداق بولۇشتىن قەتىي نەزەر بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن بۈگۈنكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق تارىخى ۋە ئېتنىك باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلىرى 18-ئەسىردىن ئېتىبارەن پەرغانە ۋادىسىدىغا كۆچۈپ يەرلەشكەن قەشقەرىيلىكلەر ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قەدەمدە يەرلىك خەلقلەرگە، يەنى بۈگۈنكى ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. ئەگەردە بۇ خەلقلەر ئارىسىدىكى ئۇزۇن مۇساپىلىق تارىخىي ۋە ئېتنىك ئورتاقلىقلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى بولمىغان بولسا، مۇنداق سىڭىشىشمۇ ئاسانغا چۈشمەيتتى.
2)تىل، دىن ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق مەدەنىيەت ھادىسىسىدىكى ئورتاقلىق ۋە يېقىنلىق
18-19-ئەسىردە پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار قەدەم-قەدەم يەرلىك خەلقلەرگە، بولۇپمۇ ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كېتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىشىدىكى ئاكتۇئال ئامىللار ئالدى بىلەن بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئېتنىك، ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى، دىن، تىل جەھەتتىن ئىنتايىن يېقىن ۋە زور دەرىجىدە ئوخشاشلىقلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىل جەھەتتىن ئالغاندا ، رۇسىيە تۈركولوگلىرى ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر گۇرۇپپىغا، يەنى تۈركىي تىللارنىڭ ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى تىلنىڭ قىسمەن فونېتىكىلىق ۋە مورفولوگىيىلىك تەرەپلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سىنتاكسىس ، لۇغەت تەركىبى ھەتتا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت زور دەرىجىدە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى. ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئارىسىدىكى پەرقلىق تەرەپلەرنىڭ كۈچىيىشى 20-ئەسىرگە مەنسۇپ بولۇپ، 20-ئەسىردە ئۆزبېك مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ جاۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزبېك تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىگە رۇسچە ئىبارىلەر ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى كۆپلەپ كىرىپ ئۆزلەشتى.
ئۇيغۇر تىلىغا بولسا، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن خەن تىلىنىڭ تەسىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە مەجبۇرىي يوسۇندا، ئۇنىڭدىن كېيىن زامان ۋەزىيىتىگە لايىق ھالدا سىڭدى.
لۇغەت فوندىدىكى بۇ خىل ئوخشىماسلىقلارمۇ ئىككى خەلق تىلىنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ، يەنى سوۋېت رۇسىيىسى ھاكىمىيىتى تېخى مۇستەھكەملەنمىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئايرىم ئېتنىك نام ئاستىدىكى زامانىۋى تۈركىي تىللار ، جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى دەيدىغان تىلشۇناسلىق ئۇقۇملىرى تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە پەرغانە ۋادىسى بىلەن تارىم ۋادىسى، بولۇپمۇ قەشقەر تەۋەسىدىكى ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەم ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىدە زور ئورتاقلىقلار مەۋجۇت بولۇپ ۋە ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئىككى تۇپراقتىكى ئاھالىلار بىر-بىرىگە كەلگەندە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىجتىمائىي ھايات تۈزۈلمىسىدە غەيرىلىك ھېس قىلمىغان.
ئەلۋەتتە، بۇ زېمىندا مەنچىڭ ۋە رۇسىيە ھۆكۈمرانلىرى ئايرىم ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىلغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ھاياتىدا پەرقلىق ئالامەتلەر پەيدا بولۇشقا ۋە روشەنلىشىشكە باشلىدى. قەشقەرىيىنىڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، دەھقانچىلىق مەدەنىيىتى پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ خىل مەدەنىيەت بىلەن ئورتاقلىق ۋە ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن كۆچمەن قەشقەرىيىلىكلەر يەرلىك ئاھالىلارنىڭ بۇ خىل ھايات قاتلاملىرىغا تېز ماسلاشتى ھەمدە ئۆزلەشتى.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]