Headline, چەتئەلگە چىقىش

[24 دېكابىر 2010][12 پارچە ئىنكاس بار][3,405 قېتىم كۆرۈلدى]
Jeck ھەقلىق تەمىنلەيدىغان چەتكە چىقىش مۇلازىمەتلىرى

1. ئامرىكىدا تىل مەكتەپتە ئوقۇش
ئامرىكىدا ئىنگىلىس تىلى تەربىيەلەش مەكتەپلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ھەممە شىتاتلاردا ئاساسەن بار، شۇنداقلا ھازىر بۇ ئارقىلىق ۋىزا ئىلىپ كەلمەكمۇ ئۇنچە تەس ئەمەس. ئادەتتىكى كۇرس خاراكتىرلىق مەكتەپلەرمۇ بار، مەخسۇسلاشقان تىل تەربىيەلەش مەكتەپلىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى چوڭ ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ تارمىقىدىكى مۇنتىزىم تىل مەكتىۋىمۇ بار. چەتئەلدىن كىلىپ ئوقۇغانلار كەم دىگەندە ھەپتىسىگە 20 سائەتتىن ئارتۇق دەرىس ئوقۇشى كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئوقۇغۇچى ۋىزىسى ئېلىپ ئامرىكىغا كەلسە بۇلىدۇ. ئوقۇش ۋاقتى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولسا ۋىزا ئېلىشتا كۆپ توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ. ئوقۇش پۇلى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سۈپىتى، مەكتەپنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېچىلغانلىغى، مەكتەپنىڭ قايسى ئورۇنغا جايلاشقانلىغى دىگەندەك ئامىللارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. ئەرزان بولغاندا خەنزۇلار ئاچقان تىل مەكتەپلىرى بۇلىدۇ، ئوقۇش پۇلى ئايلىقى 500 دوللار ئەتراپىدا، لېكىن ئوقۇتقۇچىمۇ خەنزۇ بۇلۇشى مۇمكىن. بۇلار ئامرىكىغا كىلىۋىلىشنى مەقسەت قىلغانلارغا ماس كىلىدۇ.

Headline, ئىلىم-پەن, چەتئەلگە چىقىش

[21 دېكابىر 2010][3 پارچە ئىنكاس بار][2,970 قېتىم كۆرۈلدى]
PhD مۇ ياكى MS مۇ؟

مەنمۇ بۇرۇن ئامرىكىدا ئوقۇش ئىلتىماس قىلغاندا MS ئوقۇشقا قارىغاندا PhD ئوقۇش ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلى (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى)غا ئىرىشمەك ئاسانراق دەپ ئاڭلايتتىم. ھازىر مەن ئۇنۋېرسىتىتتا ئىشلەۋاتقان ۋاختىمدىمۇ يەنىلا PhD ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلىغا ئىرىشمەك ئاسان دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۈزەم بىلىدىغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق بۇ كۆزقاراشنى ئايدىڭلاشتۇرسام دەپ ئويلايمەن.
ئۇنۋېرسىتىتلار PhD ئىلتىماسىنى ئاۋال ئويلىشىدىغانلىغى راس.لېكىن PhD ئوقۇش ئىلتىماسىغا قويۇلغان تەلەپمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ. PhD /ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ياردەم پۇلىغا ئىرىشىش MS كە قارىغاندا ئاسان بۇلىدۇ دەپ قاراش توغرا ئەمەس. بەزى مەكتەپلەر MS دىپلومى بولمىسا PhD ئوقۇش ئىلتىماسى قۇبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا سىز ئاۋال MS ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشىڭىز كىرەك. شۇڭلاشقا سىز ئاۋال مەكتەپلەردىكى ھەر قايسى ئوقۇش پروگراممىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىڭىز ۋە پروفىسسورغا ئىلخەت يېزىپ ئۇنىڭ PhD ياكى MS ئوقۇغۇچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.

Headline, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم, چەتئەلگە چىقىش

[4 دېكابىر 2010][11 پارچە ئىنكاس بار][5,111 قېتىم كۆرۈلدى]
گېرمانىيەدە ئوقۇش ئىلتىماس قىلش

ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىت تا چەتكە چىقىپ ئۆرلەپ ئوقۇشقا نىمىشقا گېرمانىيەنى تاللىغىنىم ھەققىدە ئازىراق سۆز قىلاي. كىچىكىمدە بىر چوڭ دادام بولىدىغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆپ كۆرگەشكىمىكىن، نىمسىلارغا بەكلا ئامراقتى، بارمىغان بولسىمۇ گېرمانىيەنىڭ گىپىنى كۆپ قىلىدىغان. تۇنجى قىتىم ئۆيىگە بارغىنىمدا تامدىكى ئىسقىلىق خەرىتىدىن گېرمانىيە مۇشۇ يەردە دەپ، شۇنداق قىزىقىپ قالغان ئىدىم. يىزىلاردا بۇغداي ئورۇيدىغان كومبايىنلار ئىچىدە گېرمان كومبايىن دەپ ئاتايدىغان بىرى بولىدىغان، پەقەت بۇزۇلماي ماڭاتتى، ھەم بەك ئىتتىك ئىدى. شۇ چاغدا گېرمان سۆزى كاللامدا ئىسىل، پىششىق سۆزىگە تەڭ بولۇپ قالغان چىغى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا قەيەرگە چىقىشنى ئويلاشتىم، بىرىگە ياپونىيە، بىرىگە ئامىركا-كانادا، بىرىگە گېرمانىيە بار ئىدى. كەسپى ئاساسىمنىڭ ئاجىز بولۇشىنى تىل ئۈگىنىشكە كەتكەن ۋاقىت بەك كۆپ بولوپ كەتتى دەپ قارىدىم، دىمىسىمۇ خەنزۇچىغىمۇ ئاز ۋاقىت سەرىپ قىلمىدۇق. ئاندىن يەنە ئىنگىلىز تىلى ئۈگەندۇق. تەرەققىياتىم ئۈچۈن يەنە بىر تىلنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگىنىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.

Headline, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش

[8 نويابىر 2010][10 پارچە ئىنكاس بار][4,355 قېتىم كۆرۈلدى]
رەيھان بەكتۇر: مەكتەپنىڭ دەرىجىسى مۇھىممۇ ياكى پىروفىسسورمۇ؟ University Ranking or Professor?

كۆپىنچە ھاللاردا بىز مەكتەپ تاللىغاندا مۇنداق بىر تاللاشقا دۇچ كېلىمىز، مەكتەپتنىڭ دەرىجىسگە قاراش كېرەكمۇ، پىروفىسسورغىمۇ ياكى كەسىپكىمۇ؟ مەن بۇ توغرۇلۇق ئۆزۈمىنىڭ ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۆتمەكچىمەن. مەكتەپتىنىڭ دەرىجىسى مەسىلسىنى ئىككىگە بۆلۈپ سۆزلەشنى مۇۋاپىق تاپتىم

بىز بۇ مۇنبەرنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمزدەك ھەر بىر ئادەم چوقۇم ئۆزىگە مۇۋاپىق بولغان قارارنى چىقىرىشى كېرەك. چۈنكى ھەممىزنىڭ ئارقا كۆرىنىشىمىز ئوخشىمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن مېىنىڭ بۇ يەردە دەپ ئۆتمەكچى بولغانلىرىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان شەخسى پىكرىم خالاس، بۇ كۆز قاراشلىرىم بەلكىم سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا ماس بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ئەھۋاللارنى بىر تەرەپتىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلغان ئاساستا كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن بار مەسلىھەت ئىش كۆرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

Headline, خەۋەر, رەسىم

[30 ئۆكتەبىر 2010][22 پارچە ئىنكاس بار][15,522 قېتىم كۆرۈلدى]
پەرھاد خالىقنىڭ قېتىق مۇزىكا ئەترىتى گېرمانىيەدە

Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت ياۋرۇپادىن خەۋەر قىلىدۇ: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۇنى، گېرمانىيەنىڭ Osnabrück شەھىرى Lagerhalle مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن روك (rock) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتى قېتىق (Qetiq) كە قىززىقۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ئۆمرىگە كىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ قايەردە تۇرۇپ قەيەردە ياشايدىغانلىغىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئاھالىلىرى، بىرنەچچە كۇن ئىلگىرى مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى (Morgenland muzika festival) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئايشىگۇل مۇھەممەتنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىدىن مەس بولۇشقانلىقلىرىنى، كامىل ئابدۇشۇكۈرنىڭ رەڭدار رەسىم كورگەزمىسىنى، مۇقەددەس مىجىتنىڭ قېتىق نامىدىكى روك ئەترىتى توغۇرلۇق ئىشلىگەن ھۇججەتلىك فىلىمىنى ئەسلىشىپ، بۇ مۇزىكا كىچىلىكىنى قىززىقىش ئىچىدە كۈتىۋاتاتتى. پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى ياش مۇزىكانتلار گىتتارلىرىنى كوتۇرۇپ سەھنىگە كىرىپ كەلگەندە، زالدىكى تاماشىبىنلار ئۇزۇندىن كۇتىۋاتقان خەلقارالىق داڭلىق سەنەتكارلارنى كۆرگەندەك چوقان سىلىشتى.

Headline, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش

[18 ئۆكتەبىر 2010][7 پارچە ئىنكاس بار][11,694 قېتىم كۆرۈلدى]
فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى

ئىش تېپىش فرانسىيەدە بىر ئاز تەس. لېكىن ئىشنىڭ خاراكتېرىغا باغلىق ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن مۇتلەق كۆپچىلىكى موتو مىنىپ تاماق توشۇيدىغان ئىش قىلىدۇ. بۇ خىل ئىشنى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا بىر بىرىگە ئۇچۇر بېرىپ تېپىشىپ بېرىدۇ. يازدا يېزىلارغا چىقىپ مىۋە ئۈزۈش ئىشلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. قىزلاردىن تولىسى خەنزۇلارنىڭ ماگىزىنلىرىدا پىركازچىكلىق قىلىشىدۇ ياكى رېستورانلاردا كۈتكۈچى بولىدۇ. بۇ خىل ئىشلارنىمۇ ئۆز ئارا ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق تاپقىلى بولىدۇ. پارىژ رايونىدىن باشقا يەرلەردە بۇنداق ئىشلارنىمۇ تېپىش تەس. بۇنداق ئوقۇغۇچىلىق خىزمەتلىرىدە سائىتىگە 8 ياۋرو ئىش ھەققى ئالىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن شەخسى دەرسخانە شىركەتلىرى بولۇپ، تىل دەرسى ياكى باشقا دەرسلەرنى بەرسىمۇ، بۇنىڭ ھەققى بىر ئاز يۇقىرى ھەم يېنىك بولىدۇ. لېكىن، خەنزۇ تىلى ئاساسەن دەرس تىزىملىكىدە يوق. باشقا دەرسلەرنى بېرىش ئۈچۈن، يېتەرلىك فرانسۇز تىلى سەۋىيىسى بولۇشى كېرەك. يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزدىن ھەم ئەرزان تىل ئېگەللىشىدىكى يەنە بىر پۇرسەت، ”ئائىلىدە تۇرۇش“.

Headline, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم, چەتئەلگە چىقىش

[12 ئۆكتەبىر 2010][17 پارچە ئىنكاس بار][4,360 قېتىم كۆرۈلدى]
فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار

فىرانسىيەدە ئوقۇشقا چىقىش ھازىر ۋەتەندە چەتكە چىقماقچى بولغانلار ۋە چىقىۋاتقانلارنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق تاللىشى بولۇپ قالدى. چۇنكى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگەر سېلىشتۇرغاندا فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىقىشنىڭ چىقىملىرى نىسبەتەن ئاز، ئوقۇش پۇلى تۈۋەن، لېكىن مائارىپ سەۋىسىيە خەلقئارا ئالدىنقى قاتاردا، رەسمىيەتلىرى ۋە تەلەپلىرى نىسبەتەن ئاددى بولۇپ ئۇيغۇر جەميىتىدىكى بىر ئۈيدە ئىككى ئادەم ئىشلەپ نورمال ياكى نورمالدىن سەل يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىييسىدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا قاتلام ئائىلىلەر بىرەر-يۈزمىڭ يۈەن بىلەن بالىسىنى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتەلەيدۇ. فرانسىيەنى ھازىر ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت دىسەكمۇ بۇلىدۇ. ماڭىمۇ يىقىنقى مەزگىللەردە فىرانسىيەدە ئوقۇشقا ئۇچۇر ئىزدەپ كىلىۋاتقان خەتلەرنىڭ سانى بىردىنلا كۆپىيىپ قالدى. شۇنى نەزەردە تۇتۇپ فىرانسىيەدە ئوقۇش توغرىلىق تورداشلارغا تەپسىلى ئۇچۇر بىرىشنى ئويلىشىپ ھازىر فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان دىلنۇر رەيھان (پۇلات) نى بۇ تۈغرىلىق مەلۇمات بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم.

Headline, ئۇختۇرۇش, ئۇنىۋېرسال, جەميەتكە نەزەر

[7 ئۆكتەبىر 2010][8 پارچە ئىنكاس بار][6,883 قېتىم كۆرۈلدى]
ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسى ئۇيغۇر پۇتبۇلچى مىرەخمەتجاننى زىيارەت قىلدى. مىرەخمەتجان: دۇنيا لوڭقىسدا توپ تىپىش كىينكى نىشانىم. Mirakhmadjon dreams of a career in football

شەندوڭنىڭ زىبو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۇۋاتقان AFC U-19 Championship مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسدە جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى مەيدان ئۇتۇپ 8 كۈچلۇك قاتارىغا كىرگەن. مىرەخمەتجان 90 مىنۇت مۇسابىقىنى تولۇق ئوينىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر جۇڭگۇ ياشلار كوماندىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى بولۇپ ھىساپلانغان مۇزەپپەر مىرەخمەدجان ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان. ئۇ مۇخبىرغا شىنجاڭدا تالانتلىق توپچىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىگىنى، لېكىن ھەرخىل شارائىتلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان توپچىلارنىڭ 16-17 يېشىدا پۇتبۇل ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىغىنى، ئۈزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا توپ تىپىش ئىكەنلىگىنى ئېيتىقان.

Headline, ئويلانمىلار

[3 ئۆكتەبىر 2010][7 پارچە ئىنكاس بار][2,714 قېتىم كۆرۈلدى]
موللام ۋە چەلپەكچى موللام  توغرىسىدا Good and Bad Mollah

ئۆتكەن ھەپتە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تۈركىيە ئاساسىي قانونغا تۈزىتىش كىرگۈزدى دىگەن تىمىدا مىنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن يېزىپ قويغان ىىر جۈملە ئىنكاسىم بىلەن تىمىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزگىرىپ جىڭ موللا ۋە جا موللا دىگەنگە ئوخشاش باشقىچە يۈنىلىشكە ئۈزگىرىپ كەتتى. چىرايلىق ۋە سەت گەپلەر بولۇندى. جېك بلوگىنىڭ نۇرغۇنلىغان تىمىلىرى ئەسلى مۇنبەرلەردە بولغان مۇنازىرىلەردىن توپلانغان بولغاچقا بۇ تىمىنىمۇ بلوگدا يىڭى تىما سۈپىتىدە ئاڭلىدىم. بۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىنكاسلارنىلا كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم. تولۇق مەزمۇنىغا قىززىققانلار ئەسلى تىمىنى ئوقۇغايىسىلەر. مىنىڭ ئىنكاسىم ئىككىنچى بەتتىن باشلنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرى نەقىل ئىچىدە ئېلىندى، نورمال يېزىلغانلىرى مىنىڭ ئىنكاسىم.
دىنى ئالىمنى چەلپەكچى دەپ باقمىدىم، دىنى ئالىم ئەمەس جامائەتكە توغرا يول ئۈگىتىدىغان مەھەللە موللاملىرىنىمۇ بەك ھۈرمەيلەيمەن. ئۇلارنى چوڭ سۈزلەشتىن باشقىنى ئۇخمايدىغان بەزى يازغۇچىدىن بەكراق چوڭ كۈرەپ كەلدىم. ماڭا ئىلىم بەرگەن موللام سۈپەت ئۇستازلىرىم بار ئىدى، ئۇلارنىمۇ ھازىر ياد ئىتىپ تۇرىمەن.

Headline, جەميەتكە نەزەر

[27 سېنتەبىر 2010][2 پارچە ئىنكاس بار][3,026 قېتىم كۆرۈلدى]
خوتەن قاشتېشى نيۇرك ۋاقىت گىزىتىدە: جۇڭگۇنىڭ غەربىدە قاشتېشىنىڭ قىممىتى ئالتۇندىن يۇقىرى New York Times: Jade From China’s West Surpasses Gold in Value

جۇڭگۇنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋىتىشىگە ئەگىشىپ غەرىپنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگۇنىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولدى، لېكىن شىنجاڭ بولۇپمۇ خوتەندەك رايونلارغا غەرىپتىكى چوڭ گىزىتلەرنىڭ مۇخبىرى بىرەر ھاجىتى بولمىسا بېرىپ يۈرمەيتتى. ئەمما 3-4 يىلدىن بويان ئامرىكىدىكى ۋال كوچىسى گىزىتى، نىيۇرك ۋاقىت گىزىتى قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پات پات شىنجاڭنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇدىغان ماقالىلار كۆرۈلۇشكە باشلىدى، نىيۇرك ۋاقىت گىزىتدە ئۆتكەن ھەپتە ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىگە قارىغاندا بۇ گىزىتىنىڭ مۇخبىرى خوتەندە تۇيۇقسىزلا گۈللىنىپ كەتكەن قاشتېشى ئىقتىسادىغا قىززىقىپ قالغان ۋە كۆزىتىپ باققان. بۇ ماقالىنى مەن تەرجىمە قىلىپمۇ يۈرمىدىم، شۇڭا قىززىقىدىغانلار ئۆز ئادېرسىدىن ئوقۇغايسىلەر

Headline, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش

[6 سېنتەبىر 2010][16 پارچە ئىنكاس بار][13,569 قېتىم كۆرۈلدى]
رەيھان بەكتۇر:  دەرىسلەرنى ياخشى ئوقۇش ۋە ياخشى نەتىجە ئېلىش بەك مۇھىم Reyhan Bektur: Keeping a Good GPA  is Very Important

ئەگەر سىزنىڭ GRE ۋەTOEFL نەتىجىڭىز يۇقۇرى بولسا، ئۇ چۇقۇم سىزنىڭ بىرەر مەكتەپتىن چاقىرىق كىلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر سىزنىڭ ئۇنۋېرسىتىتىكى دەرىس نۇمۇرلىڭىز تۇۋەن بولسا، پروفىسورلار مۇنداق سۇئاللارنى سورايدۇ. «بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ يىتەرلىك ئاساسى بارمىدۇ؟». ئەگەر سىزنىڭ دەرىس نەتىجىلىرىڭىز يۇقۇرى بولۇپ، لېكىن ئىنگلىزچە نۇمۇرلىرىڭىز تۇۋەن بولسا، يەنىلا سىزگە پۇرسەت بۇلىشى مۇمكىن. ئۇنداق ۋاقىتتا، سىز پروفىسورلارغا مۇنداق چۇشەندۈرۈپ باقسىڭىز بۇلىدۇ: «مەن بىر ياخشى ئۇقۇغۇچى، مىنىڭ ئاساسىم ياخشى ۋە سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزغا قىززىقىمەن. گەرچە ئىنگلىزچە نۇمۇرۇم بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، مىنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەم يۇقىرى، سوزلىشىش ۋە يېزىشىمدا ھىچقانداق چاتاق يوق. »

جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر

[24 ئاۋغۇست 2010][14 پارچە ئىنكاس بار][15,626 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى Uyghur Dance in American’s Eye

ئۇيغۇر ئۇسسۇلى سەھىنىدە ئوينالسا نەپىس، چىرايلىق ئوينىلىدىغان، ئادەتتە ئوينالسا ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ بىلگىنىچە  ئۇينىغىلى بۇلىدىغان ئۇسسۇل. تويلاردا ياكى يىغىلىشلاردا بىرەر يۈز ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىر قاراپلا كىمنىڭ كەسپى ئۇسسۇلچى ياكى مەخسۇس تەربىيەلەنگەنلىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇسسۇل يوق بولسا كىرەك. ھەم ئۇسسۇل دىگەن سۈزنىڭ كاللىمىزدىكى ئەكىس ئىتىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، .ئادەتتتە نور مال ئادەملەر ئۈچۈن، ئامرىكىلىقلار ئۇسسۇل دىسە قولىنى ئىككى ياققا سېلىپ، بەدىنىنى چىڭ تۇتۇپ، كاسىسىنى لىڭشىتشش يەنى دىسكو ھەرىكەتلىرى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل دىسە ئوغۇللارنىڭ قولىنى كۈتىرىپ چۈرۈپ، ئۇ ياققا بۇ ياققا ماڭغان ھەركەت كۆز …

Headline, پارچە-پۇرات گەپلەر

[24 ئاۋغۇست 2010][13 پارچە ئىنكاس بار][2,510 قېتىم كۆرۈلدى]
ۋورېن بافىنىڭ ( Warren Buffett) تۇنجى مۇھەببىتى

ۋورېن بافى( Warren Buffett) دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ باينىڭ بىرسى بولۇپ دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ. پاي-چېكى، فوند، مەبلەغ سېلىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ۋورىن بافىنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ قويمىسا كۈزى ئېچىلمايدۇ،
1949- يىلى يازلىق تەتىلدە ۋورىن يورتى ئوخاماغا يېنىپ كىلىدۇ. يېنىپ كەلگەندىن كىيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشى ئىش تېپىپ ئىشلەپ پۇل تېپىش. ئۈز ۋاختىدىكى ئوماخا شەھىرىدە 200-300مىڭ نۇپۇس بار بولۇپ ۋەتەندىكى بىر ناھىيەگە توغرا كىلىدۇ. شەھەر ئىچىمۇ ئۇنچە چوڭ ئەمەس، ئىش بىرىدىغان ئورۇنلارمۇ ئاز بولۇپ ئۇ پىيادە شەھەر ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى بىرمۇ بىر چىكىپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئاخىرى JC Penny كىيىم كىچەك مەخسۇس سېتىش دوكىنىنىڭ ئەرلەر كىيىملىرى ساتىدىغان يىرىدە مال ساتقۇچى بولۇش خىزمىتىنى تاپىدۇ، دوكان باشلىقى ئۈزى يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئېلىپ قۇبۇل قىلىدۇ. قاراپ باقسا ئۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، تەتىلدە ئىشلەپ جان باقماقچى بولسا ئەلۋەتتە قوللاپ قويمىسا ئۈزىگىمۇ ياخشى ئەمەس.

ئىنگلىس تىلى, ئۈگىنىش

[26 ئىيۇل 2010][7 پارچە ئىنكاس بار][1,499 قېتىم كۆرۈلدى]
ئىنگىلىسچىدىكى i.e. ۋەe.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنى توغرا ئىشلىتىش

يىقىندا توردا ئىلمى ماقالە ئىزدەۋېتىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار يازغان بىر نەچچە ماقالىگە كۆزۈم چۇشۇم قالدى ۋە ئۇلاردا i.e. ۋە e.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنىڭ خاتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ياكى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئىككى سۈز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، لېكىن ئىلمى ماقالىلاردا بەك جىق ئىشلىتىلىدۇ. بۇرۇن مەنمۇ دىققەت قىلماي خاتا ئىشلىتىپ قوياتتىم. كىيىن ئامرىكىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن دىسىرتاسىيە يېزىۋاتقان ۋاختىمدا ئاندىن بۇ ئىككى سۈزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بۇلغان ئىشلىتىش ئورنى بارلىقىنى بايقىدىم. ۋەتەندە ئاسپرانىت ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ قويۇشىنى ياكى توردىن ئاختۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن، ماقالە يازغان ۋاختىڭلاردا ئالدىڭلارغا كىلىدۇ.
i.e. ئەسلى لاتىنچىدىكى id est دىگەن سۈزنىڭ …

ئىلىم-پەن, ئىنگلىس تىلى, ئۇختۇرۇش, ئۈگىنىش

[19 ئىيۇل 2010][8 پارچە ئىنكاس بار][1,401 قېتىم كۆرۈلدى]
«دوكتور ئاشتى» لىق ئۇنۋان ئەمەس، ئوقۇش تارىخىمۇ ئەمەس.  Post-doc is not a degree

يىقىندا توردا شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ بىر پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىغاندا دوكتور ئاشتى پالانچى، دوكتور يىتەكچىسى پالانچى دەپ نەچچە يەردە ئاتاپتۇ. بۇنداق ئاتاش دائىم تورلاردىمۇ، گىزىتلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىلىق چۈشەنچە بىرىپ تېلىۋىزىيە، گىزىت ژورناللاردا ئىشلەۋاتقان ئاخبارات خادىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتا چۈشەنچىسىنى ئۈزگەرتىۋالسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.
ئوقۇشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۋان دوكتورلۇق، شۇڭا ئۇنى ئادەتتە ئاخىرقى ئۇنۋان ( Terminal Degree ) دەپ ئاتايدۇ. ھەر قايسى دۈلەتلەردە دوكتورلۇققا قۇبۇل قىلىش ئوسۇللىرى ئوخشاپ كەتمىسىمۇ لېكىن بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۇنۋان ئىكەنلىگى بىردەكلىككە ئىگە.  يەنە بەزى كەسپلەردە مەسىلەن …