ئىتالىيە كامىرىنو ئۇنۋېرسىتىتىغا كومپيۇتېر، گېئولوگىيە ۋە فىزىكا كەسىپلىرىدنن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ.
ئىتالىيە كامىرىنو ئۇنۋېرسىتىتىغا كومپيۇتېر، گېئولوگىيە ۋە فىزىكا كەسىپلىرىدنن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ.
كامىرىنو ئۇنىۋىرستىتى (Università degli Studi di Camerino ) ئىتاليەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋىرستىتلارنىڭ بىرى بولۇپ گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما تەبئي پەن تۈرلىرى بويىچە ئىتاليدە خىلى كۈچلۈك ئۇنىۋىرستىتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىندۇ. بۇ ئۇنۋىرسىتىت يىقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قانچە ماگىسترلىق پروگراممىسىنى ئىنگلىزچە ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ ھەر يىلى بۇ پروگراممىلارغا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ كىلۋاتماقتا.
مۇناسىۋەتلىك پروفىسورلارنىڭ قىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋىرسىتىتنىڭ گئولوگىيە، كومپيۇتېر ۋە فىزىكا كەسىپلىرىدە ماگستىر پروگراممىسىدا ئوقۇش پۇرسىتى بىرىلگەن بولۇپ بۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى كۇچلۇك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ ھىساپلىندۇ.
ماگستر پروگراممىلىرىغا ئائىت قىسقىچە ئۇچۇرلار:
1. گئولوگىيە كەسپىدىكى ماگستىرلىق پروگرامىسىنىڭ نامى Geo-Environmental Resources and Risks بولۇپ ئۇنىۋەرسىتىتنىڭ پەن-تىخنىكا مەكتىپى، گئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئىلىپ بىرىلدۇ. بۇ پروگرامما گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن ئۇنىۋىرسىتىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلىپ بىرىلدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇنىۋىرسىتىتتا بىر يىلدىن ئوقۇسا بولىدۇ ھەم ئىككى ئۇنىۋىرسىتىتتىن ماگسترلىق ئۇنۋانى ئالالايدۇ. ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن قىسقا مۇددەت ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋىرسىتىتلاردا( چارلىز پىراگ ئۇنۋىرىسىتىتى (چىخ)، خېلېسېنكى ئۇنۋىرىسىتىتى (فىنلاندىيە)…) ئوقۇپ كىلىش پۇرسىتى بولىدۇ. (بۇ پروگراممىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توۋەندىكى بەتلەردىن تەپسىلى كورۇڭ:
http://www.unicam.it/geologia/teaching/guida_LM-GRR_eng_2012-131.pdf
2. كومپيۇتىر كەسپىدىكى ماگسترلىق پروگراممىسى ئۇچۇر ۋە ماتىماتىكا فاكۇلتىتىدا ئىلىپ بىرىلدىغان بولۇپ پروگرامما نامى كومپيۇتىر ئىلمى (Computer Science). بۇ پروگرامما ئىسلاندىيە ۋە شۋىتسارىيەدىكى ئىككى ئۇنىۋىرسىتىت بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلىپ بىرىلدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئوزىنىڭ كىيىنكى يۆنىلىشگە ئاساسەن ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن بۇ ئۇنىۋىرسىتىتلارنىڭ بىرىگە بىرىپ بىر يىل تۇرسا بولىدۇ ھەم ئىككى ئۇنىۋىرسىتىتتىن ماگستىرلىق ئۇنىۋانى ئالالايدۇ. (بۇ پروگراممىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توۋەندىكى بەتلەردىن تەپسىلى كورۇڭ:
http://www.cs.unicam.it/home
http://www.cs.unicam.it/images/guida%20classe%20lm18_eng.pdf
3. فېزىكا بۆلۈمى گەرچە كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ نۇقتىلىق ساھەلەردە،مەسىلەن:قاتتىق جىسىم نەزەرىيەسى X-نۇرى سپەكتراسى،كۋانتۇم ئوپتىكىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلار خەلقارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ھازىرغىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئوقۇش ئىككى يىللىق بولۇپ،ئەھۋالغا ئاساسەن بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ. فېزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ماگىستىرلىق پروگراممىسىغا قوبۇل قىلىنغان ھەرقانداق ئوقۇغۇچى ئىراسمۇس (Erasmus) پىلانى ئىچىدە بولۇپ، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئۇنۋىرستىتلاردا ئوقۇش ۋە تەتقىقات پائالىيتى بىلەن شوغۇللىنالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇنۋىرستىتتا بىر يىلدىن ئوقۇسا بولىدۇ ئاخىرىدا ھەر ئىككى ئۇنۋېرستىتتىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالالايدۇ.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قويۇلدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكچە:
1. چوقۇم كەسپى دەرسلەردە نەتىجىسى ياخشى بولغان بولىشى، تىرىشچان، جاپاغا چىدايدىغان،ئوقۇش مۇددىئاسى ئىنىق ھەم گېئولوگىيە ياكى كومپيوتىر كەسپىگە كۈچلۈك قىزىقىشى بار بولغان بولىشى كىرەك.
2. گئولوگىيە كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم گئولوگىيە، موھىت ئىلمى،موھىت ئىنجىنىرلىقى دىگەن كەسىپلەردە ئوقۇغان ۋەياكى گىئولوگىيە، جۇغراپىيە، مىنىرالوگىيە، پېترولىگىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلگەن كەسىپتە ئالي مەكتەپ دىپلومى ئالغان بولىشى كىرەك. ئۇندىن باشقا ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە(ئىنورگانىك) قاتارلىق پەنلەردىن پۇختا ئاساسى بار بولىشى كىرەك.
3. كومپۇتىر كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم كومپۇتىر، يۇمشاق دىتال لاھىيەلەش، ئۇچۇر تىخنىكىسى دىگەندەك كومپۇتىر ھەم پروگرامما تۇزۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە ئوقۇغان بولىشى، پروگرامما تىللىرىدىن ئاز دىگەندە بىرگە پۇختا بولىشى، يۇمشاق دىتال لاھىيەلەش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا قاتناشقان تەجىربىسى بولىشى كىرەك. ئۇنىدىن باشقا ماتىماتىكا، فىزىكا پەنلەردىن بەلگىلىك ئاساسى بولىشى كىرەك.
4. فىزىكا كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچى بۇيىل ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرس فېزىكا كەسپىنى تاماملايدىغان،ياكى تاماملىغىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت يىل بولغان بولىشى كېرەك. تولۇق كۇرس كەسپى نەتىجىلىرى ياخشى بولىشى،بولۇپمۇ فېزىكا ۋە ماتېماتىكا كەسپى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولىشى كېرەك.
5. ھەممەكەسىپكە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىنگلىز تىلدىن ياخشى ئاساسى بولىشى كىرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەڭ توۋەن دىگەندە ئالي مەكتەپ ئنگىلىس تىلى ئىمتىھانلىرى(CET-4,6) دىن ياخشى نەتىجە ئالغان بولىشى شەرت. ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ TOEFL ياكى IELTS نەتىجىلىرنىڭ بولىشى ھازىر تەلەپ قىلىنمايدۇ، بىراق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىلىپ بىر يىلغىچە چوقۇم IELTSئىمتىھان نەتىجىسىنى كورسىتىش كىرەك.
ئەگەر سىز بۇ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ كامىرىنو ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇپ قالسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە پايدىلىق شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولالايسىز:
1. ئىقتىسادي جەھەتتىن كامىرىنو ئۇنىۋىرسىتىدا ھەر يىلى نەتىجىسى ياخشى، ئىقتىسادى قىيىنچىلى بار ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى (Borsa di Studio) بار بولۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.ئەگەر بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشەلىسىڭىز بىر يىللىق (ئىككى ئايلىق يازلىق تەتىلنى ئوز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەقسىز ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئائىلە ئىقتىسادىدا ئالاھىدە قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى 1600 ياۋرو ئەتراپىدا مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش ئىمكانىيتى بار. بۇ مۇكاپات بىلەن ھىچقانچە قىينالماي ئوقۇيالايسىز. بۇ مۇكاپاتنى ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتى(Grant for excellent students) دىگەن يەنە بىر مۇكاپات تۇرى بار بولۇپ يۇقارقى ئوقۇش(Borsa di Studio) مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەن، ئەمما نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كامىرىنو كىچىك شەھەر بولۇپ تۇرمۇش خىراجىتى تۆۋەن، شۇڭا تەتىل مەزگىلدىمۇ سىزگە كوپ ئىقتىسادى بىسىم بولمايدۇ.
2. ئىتالىيە تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ مائارىپى ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەم تەتقىقات شارائىتى ياخشى. سىز ئىككى يىللىق ماگسترلىقنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىز ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتى تاپالايسىز.
3. ئىتالىيەگە چىقىش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئاسان، ئەلچىخانىدا قويۇلدىغان تەلەپلەر يۇقىرى ئەمەس ھەم ئاساسى جەھەتتىن ۋىزا ئالالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتالىيە ياۋروپا ئىتپاقىغا ئەزا دولەت، بۇ سىزنىڭ كىيىنكى ئوقۇش ياكى تۇرمۇش پىلانلىرىڭىزغا پايدىلىق شارائىتلارنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن.
ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئۇنۋېرسىتىتقا كىلىپ ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلار ھەممىسى دىگۈدەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن بولۇپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى تاللىغانلار ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتىدۇ.
يۇقارقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كىلدىغان ھەم چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىلەن ئالاقىلشىشنى ئۈمىد قىلمىز.
ئىلتىماس قىلىشقا كىرەكلىك ماتىرىياللار:
ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(CV)، ئالي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى (سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئالي مەكتەپ ئۇنۋانى(سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئىنگىلىزچە سەۋىيە ئىسپاتى، ھەم نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بىر پارچە ئىلتىماس خىتى (motivation letter)نى ئىنگلىزچە يىزىپ تۆۋەندىكى ئادرىسلارغا ئەۋەتسە بولىدۇ:
گېئولوگيە كەسپىگە ئىلتىماس قىلىدىغانلار : geounicam@gmail.com
كومپىيوتىر كەسپىگە ئىلتىماس قىلىدىغانلار: compunicam@gmail.com
فىزىكا كەسپىگە ئىلتىماس قىلىدىغانلار: physicsunicam@gmail.com
ئىتالىيە ئەلچىخانىسنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىتالىيەگە ئوقۇشقا كىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىتالىيەنىڭ بېيجىڭ ياكى شاڭخەيدىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ئالدىن تىزىملىتىشى كىرەك. بۇ يىلقى ئالدىن تىزىملىتىش ۋاختى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بۇلۇپ مۇشۇ ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلار 2-ئاينىڭ 15دىن بۇرۇن بىزگە ئىلتىماسنى يوللاپ بولىشى كىرەك.
2013-01-20
كامېرىنوغا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بولسا كوت-كوت نۇرمۇرىمنى قېتىڭلار. 353599906
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
كامېرىنو ئۇنۋېرسىتىدىن جاۋاپ خەت تاپشۇرۋالغالار بارمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇرات ئابدۇغەنى Reply:
ئاپرېل 2nd, 2013 at 10:42
ھەئە، ماڭا كەلدى، رەھمەت سىلەرگە!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
غۇلامجان Reply:
ئاپرېل 2nd, 2013 at 13:11
@مۇرات ئابدۇغەنى, ئەلچىخانىغا بىرىپ تىزىمغا ئالدۇرسىڭز بولىدۇ دەپتىمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇرات ئابدۇغەنى Reply:
ئاپرېل 4th, 2013 at 16:00
selected دەپلا قويۇپتۇ شۇ.
ياپراق Reply:
ئاپرېل 7th, 2013 at 02:08
@غۇلامجان,
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ماڭا ئەلچىخانىغا بىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇڭ دەپ، ئۆز نامىدىن تونۇشتۇرۇش چىقىرىپ بىرىپتۇ. ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىلاشسام، ئۇلار تىزىملىتىش تىخى باشلانمىدى دەيدۇ. قانداق قىلىش كىرەك؟ يەنە ئەلچىخانىغا بىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇڭ دىگەنلەر بارمۇ؟ بولسا پىكىر ئالماشتۇرساق دىگەن ئۈمىدتىمەن…….رەھمەت
غۇلامجان Reply:
ئاپرېل 7th, 2013 at 06:30
@غۇلامجان,
ماڭا رەھمەت ئىيتماڭلار،مەنمۇ بىر ئىلتىماس قىلغۇچى،بۇ ئىشلارنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن،بىۋاستە ئاشۇ تەرجىمھالىڭزنى ئەۋەتكەن ئېل-خەتكە خەت يىزىپ سورىسڭز بولىد.شۇنى سوراپ باقسام،سىز قايسى كەسىپكە ئىلتىماس قىلغان؟
ئەنۋەر Reply:
ئاپرېل 25th, 2013 at 04:45
@مۇرات ئابدۇغەنى, بىز پىكىرلەشسەك بوپتىكەن. چچ: 353599906
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
اللا خالىسا مەن شىنفاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ فىزىكا كەسىپىنى پۇتتۈرىمەن، لىكىن كىچىكىپ قاپتىمەن، بۇ مەكتەپكە ھازىر ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ؟
رەھمەت!
؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
غۇلامجان Reply:
مارت 8th, 2013 at 06:57
@مۇرات ئابدۇغەنى, ئىلتىماس قلسڭىز بولىدۇ،بىراق 3-ئاينىڭ 15-كۇنىدىن بۇرۇن ئىلتىماسنى تاپشۇرۇڭ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇرات ئابدۇغەنى Reply:
مارت 10th, 2013 at 12:12
@غۇلامجان,ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
نەتىجەمنى ئەۋەتىۋەتتىم. كۆپىرەك غەمخورلۇق قىلارسىلەر!ئىشلىلىرڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم Unicam Team، قانداق ئەھۋالىڭلار؟
مەن يىقىندا سىلەر تەلەپ قىلغان ماتىرياللارنى بەلگىلەنگەن خەت ساندۇقىغا ئەۋەتكەن ئىدىم، ماڭا ئەلچىغانىدىن مەكتەپنى ئىلتىماس قىلسام بولىدىغانلىقى توغرىسىدا جاۋاب خەت كەلدى. مەن ئەلچىخانا تورىغا كىرىپ ئىزدەپ مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى تاپالمىدىم. سىلەردىن سورايدىغىنىم:
1. بىز چوقۇم ئەلچىخانىغا بىرىپ تىزىملىتىشىمىز كىرەكمۇ ياكى توردىلا تىزىملىتامدۇق؟
بۇ توغرىسىدا تەپسىلىيرەك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلار بوپتىكەن، سىلەرگە كۆپ رەھمەت.
جاۋبىڭلارنى كۈتۈپ……..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
‹ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليەدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى ›تېمىسىدىكى ئۇقتۇرۇش بىر قانچە تور بەتلەردە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ھەر قايسى كەسىپلەردە ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقرى بۇلۋاتقان دوستلارنىڭ بەس-بەستە سۇرىغان سۇئاللىرىنى ۋە ئەۋەتكەن ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق . كۆپىنچە دوستلارنىڭ ماتىرىياللىرى تەلەپ بۇيىچە تەييارلىنىپ ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما بىر قىسىم دوستلار يەنىلا ماتىرىياللىرىنى ئۆلچەم بۇيىچە تەييارلىيالمغان ۋە ياكى تەييارلاشتا بەزى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان . مۇشۇ سەۋەپلىك بىز سۇرالغان سۇئاللارنى ۋە ئەۋەتىلگەن ماتىرىياللاردىكى كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلەرنى خۇلاسىلەپ ، دوستلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن تۈۋەندىكى بىر قانچە نوقتىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتۇق . ۋاقىپ بولغايسىلەر .
مەكتەپنىڭ ۋە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تۇنۇشتۇرلۇشى تېمىمىزدا خېلىلا تولۇق بېرىلگەن بۇلۇپ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرمۇ قۇشۇپ يوللانغان . بۇ توغرىسىدا ئىلخەتكە خەت يېزىپ سۇئال سۇراشتىن بۇرۇن تېمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەردىن كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى سۇرايمىز .بۇ ئەھۋالدىمۇ يەنىلا سۇئالىڭلار بۇلۇپ قالسا جاۋاپ قايتۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييارمىز .
ئىلتىماس قىلىشقا كىرەكلىك ماتىرىياللارغا كەلسەك ، بۇ ماتىرىياللار مۇناسىۋەتلىك پىراففىسسورلارغا سۇنۇپ بېرىلىدۇ . شۇڭا دوستلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى سۇرايمىز. ئالدى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ماتىرىياللارنىڭ تۇلۇق بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ (كۆرۈلگەن مەسىلىلەردىن مىسال : تەرجىمھالغا توفۇدا كىنىشكەم بار دېيىلگەن ئەمما كىنىشكە سايىلنىپ ئەۋەتىلمىگەن ، ۋەھاكازالار . ).
ئالي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى (سايىلەنگەن نۇسخىسى) : ئىنگىلىزچە نۇسخىسى بۇلىشى ۋە چۇقۇملا مەكتىپىڭىزنىڭ تامغىسى چۈشىشى كېرەك . (پىراففىسسورلارنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا دىققەت قىلىدىغىنى مۇشۇ ، سىزنىڭ تاللىنىش-تاللىنالماسلىقىڭىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ چۇقۇم ئېنگىلىزچە نۇسخىسى لازىم بۇلىشىدىكى سەۋەپمۇ مۇشۇ . )
ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(CV، ئېنگىلىزچە).
ئالى مەكتەپ ئۈنۋانى(سايىلەنگەن نۇسخىسى ، تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز ، كىنىشكىڭىز قانداق بولسا شۇ بۇيچە سايىلەڭ .)
ئىنگىلىزچە سەۋىيە ئىسپاتى(سايىلەنگەن نۇسخىسى ، تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز ، كىنىشكىڭىز قانداق بولسا شۇ بۇيچە سايىلەڭ .)
نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يازغان بىر پارچە ئىلتىماس خىتى .(motivation letter ، ئېنگىلىزچە)
ئەگەر سىزنىڭ باشقا ئىناۋەتلىك كېنىشكىللىرىڭىز بولسىمۇ سايىلەپ قۇشۇپ قۇيۇڭ، پايدىسى بۇپ قالا . (سايىلەنگەن نۇسخىسى ، تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز ، كىنىشكىڭىز قانداق بولسا شۇ بۇيچە سايىلەڭ .)
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتىرىياللارنى ماس ھالدىكى ئىلخەت ئادرىسلىرغا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ .
يەنە بىر گەپ ئەلچىخانىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى گەپلەر پەقەتلا سىزنىڭ ماتىرىيللارنى دىيىلگەن مۆھلەتتە ئەۋەتىشىڭىز ئۈچۈن بېرىلگەن . مۇنداقلا پايدىلىنىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ ، ئىچكىرلەپ نىمە گەپتۇ دەپ ئويلىنىپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ . ئەگەر سىز تەلەپكە لايىق بۇلۇپ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز ئاندىن بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدىغان گەپ . ئەلۋەتتە ۋاقتى كەلگەندە ئۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار سىزگە ئايرىم ئۇقتۇرىلىدۇ ئىنشائاللا . ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز .
تورداشلارغا :
‹ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليەدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى ›تېمىسىدىكى مەزمۇنلار تورداشلار تەرىپىدىن باشقا تورلارغىمۇ يوللىنىپتۇ ، ئەلۋەتتە بىزمۇ كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ياخشى پۇرسەتتىن خەۋەر تېپىشىنى ۋە قولدىن بەرمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، شۇڭا تورداشلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز . مۇمكىن بولسا باشقا تور بەتتىكى بۇ تېمىنىڭ ئايىغىغا يۇقىرىدا دېيىلگەن تۇلۇقلىما گەپلەرنى چاپلاپ قۇيۇشىڭلارنى سۇرايمىز . ھەممىڭلارغا رەھمەت .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel