Home » Archive

Articles Archive for فېۋرال 2008

ياخشى كىنو »

[2 فېۋرال 2008 | 4 Comments | 997 قېتىم كۆرۈلدى]

لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دىگەن بۇكىنونىڭ داۋرىڭى بۇلۇۋاتقىلى خېلى بۇلغان ئىدى، بۇ كىنونىڭ بىزدە كۆپراق داۋرىڭى بولۇشىدىكى سەۋەپ بۇكىنونىڭ بەك بىر ياخشى كىنو بولۇپ كەتكەنلىگى ئەمەس بەلكى بۇ كىنونىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىگى ئىدى. شۇڭا مەنمۇ مۇشۇنداق بىر كىنو ئىشلىنىدىكەن دىگەن ۋاقىتتىن تارتىپ بۇ كنو توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدىم. كىنومۇ ئىككى ئايلار بۇرۇن ئامرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە قويۇلدى، لېكىن مەن بار قىشلاققا ئەكەلمىگەچكە كۈرەلمىگەن ئىدىم. بۈگۈن كەچتە قارىسام بۇ كىنونى كىنوخانىدا قويۇلىدۇ دەپ ئىلان بىرىپتۇ، مەنمۇ دەرھال ياتاقدىشىمنى ئېلىپ، يەنە ئىككى ئۈچەيلەنگە تىز كىلىڭلار كىنو كۈرىمىز دەپ جامائەت يىغىپ، قارلىق كىچىنى ساياھەت قىلغاچ پىيادە …

جەميەتكە نەزەر »

[1 فېۋرال 2008 | 4 Comments | 655 قېتىم كۆرۈلدى]

توختىماي قار ياغقىلى بىر ھەپتە بۇلدى، تازىلانمىغان  يەرلەردىكى قارلار بىلىمدىن ئاشقىلى تۇردى. ئۈيۈمنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتىكى قارمۇ تىزىمدىن ئېشىپتۇ. بۈگۈن ئەتىگەندە مەكتەپ قاتناشتىكى بىخەتەرلىكنى كۈزدە تۇتۇپ مەكتەپكە كەلمەسلىكنى ئۇختۇرۇپتۇ. ئەتىگەندە ئۇخلاپ ياتسام جىددى خەۋەر دەپ تېلفۇن، ئىلخەت سانغۇقۇم توشۇپ كىتىپتۇ. سۇغاقتا خوش يېقىپ بىر كۈن ئۆيدىن چىقماي يېتىپ ئاراپ ئاپتىمەن، دەنشىنىڭ قاناللىرىنى قالدۇرماي ئاختۇرۇپ چىقىپتىمەن، بۇنداق ئازادىچىلىك ھىس قىلىپ باقمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن. كەچتە ئولتۇرۇپ بىر قۇر ئامرىكىنىڭ كىلەر قېتىمقى پرىزدىنت سايلىمىنىڭ دىموكراتلار پارتىيسى ئىچىدىكى ئىككى كۈچلۈك نامزاتنىڭ تېلىۋىزىيە مۇنازىرىسىنى كۈرۈپتىمەن. ئامرىكنىڭ سىياسى رەھبەرلىرىنى "ئۇنى دىدى، بۇنى دىدى" دەپ دەنشىدە يا …