Articles Archive for ئاپرېل 2009
ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

ئۆتكەندە بىر نەچچە ۋەتەندە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار ماڭا خەت يېزىپ 国家留学委员会 نىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەنلىگىنى، ئامرىكىدىن ئوقۇتقۇچى ئىزدەشتە قىينىلىپ قالغانلىغىنى ئېيتىپ خەت يېزىپتىكەن، تۇنۇشلىرىم جىق بولمىغاچقا ئۇنچە بەك ياردەم قىلالمىغانتىم. بۈگۈن بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ قېلىپ كۈچۈرۈپ قويدۇم. پايدىسى بولسا ئالاقە قىلىپ كۆرگەيسىلەر. شۇنداق تۇنۇشلىرىڭلار بولسا يەتكۈزۈپ قويساڭلار بۇلىدۇ.
公派研究生(联合培养博士生)at Pennsylvania State University (USA)
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

دۇنيادا بلوگ يېزىش باشلانغاندىن تارتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بلوگ يازغۇچىلار دۇنيادىكى مۇھىم بولغان مېدىيا( تاراتقۇ) ۋاستىسىگە ئايلىنىپ جەميەتنىڭ مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇرۇن جەميەتتە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەر مۇنتىزىملاشقان شىركەتلەر بولغان بولسا بلوگنىڭ بۇ قاتارغا قۇشۇلىشى بىلەن شەخىسلەرمۇ ئۈزىنىڭ كۈز قاراش، بىلىم ۋە ھىسياتلىرىنى ئۈزىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان بلوگى ئارقىلىق جەميەتكە تارقتىشقا باشلاپ بلوگچىلار جەميەتكە شىددەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.بولۇپمۇ ئامرىكىدا مۇقىم بلوگ يازىدىغان كۈچلۈك بىر قوشۇن يىتىشىپ چىقىپ ئۈزگىچە بولغان بىر مۇھىتنى بەرپا قىلدى. ئامرىكىدىكى بلوگلار ئاددى بولغان كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان شەكىلدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ ئۆتۈپ نۇرغۇنلىغان بلوگلار ئۈزىنىڭ ماركىسىنى قۇرۇپ چىقتى. …
Featured, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ئۇنى بۇنى دەپ بلوگ يېزىپ يۈرگىلى ھەش پەش دىگۇچە 3 يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ. دوستلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بلوگنى دەسلەپتە مۇنبەرلەردە يېزىپ قويغان ئوزۇنراق ئىنكاسلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويۇشتىن باشلىغان، كىيىنچە تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈم قويۇشتىن باشلىدىم، كەينىدىن ئىنكاس ئۆچۈرۋېتىپ تىمىلارنىلا ساقلاپ بارا رەسمى بلوگ شەكلىدە يېزىشقا باشلىدىم. دەسلەپ باشلىغان ۋاقىتلىرىم كۈڭلۇم خاتىرجەم، ئىشلىرىم ياخشى كىتىپ بارغان ۋاقىتلار بولسا كىرەك.بلوگ يېزىشقا ۋە ئۇيغۇرۋە مۇنبەرلەرنى ئويناشقا خېلى ۋاختىم چىقاتتى. ھازىر شۇ ۋاقىتلاردا يېزىۋەتكەن تىمىلارنى ئۆزۈم كۆرسەممۇ قانداقمۇ يېزىپ بولغاندىمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئۇ ۋاقىتلاردا تورداشلار بلوگ ئىشلىتىپ كۆنمىگەن بولغاچقا مەنمۇ پەقەت مۇنبەرلەرگە يازغان تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويغاندىن …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار »

ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەندەك، قوغدىلىش رايونلىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇلار ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ھەر قايسى قەبىلە رايونلىرىدا چوقۇم بىر ھۈكۈمەت بولۇشى كىرەك ئىكەن. بۇنى قەبىلە ھۈكۈمىتى ياكى قەبىلى كىڭىشى دەپ ئاتاپ بۇنى فىدىراتسىيە ھۈكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن ۋە ئۈز ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ھۈكۈمەتنىڭ چوڭلۇقى ئەزا ۋە زىمىنىغا قاراپ چوڭ كىچىك بولىدىكەن. بۇلار يەرنى قانداق تەقسىم قىلىش، قانداق تۈزۈم قوللىنىپ باشقۇرۇش دىگەندەك بىر قاتار ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى، سوت مەھكىمىسى، ساقچىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، مەكتەپ، پاراۋانلىق، داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار فونكىسىيەلىك …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

ئامرىكىدا دۇنيانىڭ باشقا يىرىدە، بولۇپمۇ ياۋرۇپادا يوق بولغان بىر بايرام كۈنى بار. بۇ كۈن رەھمەت ئېيتىش بايرىمى (Thanksgiving day)كۈنىدۇر. 1620-يىلى 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى باسقان بىر كىمە ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۈتۈپ يىڭى دۇنياغا كەلگەن. بۇ بىر گۇرۇپپا دىنى ئادەملەر ئەنگىلىيە باش چىركاۋىنىڭ دىننى يولغا قويۇش ۋە چەكلىمىسىگە چىدىماي قېچىپ يىڭى چىقىش يولى ئىزدەپ كەلگەنلەر بولۇپ بۇلار ماسساچۇستىس شىتاتىدا قىرغاققا چىقىپ شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان. بۇلار كەلگەن ۋاقىت كۈز ئۆتۈپ كىتىپ قىش كەلگەن ۋاقىت بولۇپ بۇلار ئېلىپ كەلگەن يىمەكلىك تىزلا تۈگەپ قالغان. بىر نەرسە تېرىپ يەي دىسە قىش كىرىپ بولغان بولۇپ بۇ ئۇزاق …
Featured, جەميەتكە نەزەر »

Jeck ئىلاۋىسى: بۇ سۈھبەت ئالغا نامىدىكى بىر توردىشىمىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ بەرقى تورىدا ئىلان قىلىنغان. تىما Jeck بلوگىنىڭ خاسلىقىغا ماس كىلىدىغان بولغاچقا ئەسلى يازغۇچىنىڭ ۋە بەرقى تورىنىڭ ئالاھىدە روخسىتى بىلەن بۇ بلوگدا ئىلان قىلىندى. ئالغا ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىگە كۆپ رەھمەت. باشقا تور بەتكە كۈچۈرۈپ چاپلىغۇچىلار يەنە چوقۇم بەرقى تورى ۋە ئالغا ئەپەندىدىن روخسەت ئالغايسىزلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئامېرىكاننىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار
ئاپتۇردىن سۆز:
مەن بۇ يىگىت بىلەن تاساددىبىي پۇرسەتتە تۇنۇشۇپ قالغانتىم.ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ئىشتىياق مەندە ئۇنىڭغا بولغان ئۆزگىچە ئىشتىياق قوزغىغان ئىدى.چۈنكى ھازىر ئۆزىمىز قەدىرلەمەيۋاتقان ئانا تىلىمىز باشقا بىر مىللەت تەرەپىدىن شۇنداق قەدىرلىنىۋاتاتتى. …
ئامرىكدىكى ئىشلار »

ئامرىكىنىڭ يىڭى دۈلەت باشى ئوباما ئۈتكەن ئايدىكى نۇرۇزدا ئىران خەلقىگە قارىتىپ توردا نۇرۇز تەبرىكنامىسى يوللىغان ئىدى. بىلىكتىكى تورداشلار ھەمكارلىشىپ بۇ نۇتۇقنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى ۋە تەرجىمىنى فېلىمگە كىرگۇزدى. چۈشۈرۈش ئادېرسى ئەسلى تىمىدا تەملىنگەن. مەن بۇ نۇتۇقنى Youtube قا چىقىرىپ قويدۇم. بوشلۇق بولمىغانلىغى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادېرسى مەندە يوق. جىددى لازىملار بولسا دىسەڭلار مەن چ چ دا ياكى ئىلخەتتە يوللاپ بىرەي.
يىڭىلاندى: بۇ نۇتۇقنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرەلمىسىڭىز ماڭا ئىلخەت يېزىڭ.
بىلىتىكى تىمىنى بۇ يەردىن كۆرۇڭ.
خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

تۈنۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن بىللە سان فىرانسىسكو دا ئېچىلىۋاتقان web.20 كۆرگەزمىسى ۋە يىغىلىشىغا بارغان ئىدىم. بۇ يىغىلىش web 2.0 دۇنياسىدىكى تەسىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان يىغىلىش بولۇپ مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق تېخنىكىلىق شىركەتلەر يىغىلىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، كۈ قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ، يىڭى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ كۆلىمى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن مەن ئۇچۇر بەرگەن ۋە رەسىملەرنى چىقارغان Macworld دىن سەل كىچىكرەك. لېكىن ئىنتېرنېت ئۇچۇرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ئۈچۈن مۇھىم ھىساپلىنىدۇ. پېقىرمۇ توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتمەكچىمەن. ئېلىپ بارغان ئاپىراتىمغا توك قاچىلىماشنى ئۇنتۇپ قېلىپ بېرىپتىكەنمەن، شۇڭا رەسىمگە تارتالمىدىم. چىقىرىپ قويغان رەسىملەر توردىن ئېلىنغان.
web 2.0 …