ئامرىكىنىڭ ئاپتۇنۇمىيە رايونلىرى(2) The Autonomous Regions of USA
ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەندەك، قوغدىلىش رايونلىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇلار ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ھەر قايسى قەبىلە رايونلىرىدا چوقۇم بىر ھۈكۈمەت بولۇشى كىرەك ئىكەن. بۇنى قەبىلە ھۈكۈمىتى ياكى قەبىلى كىڭىشى دەپ ئاتاپ بۇنى فىدىراتسىيە ھۈكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن ۋە ئۈز ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ھۈكۈمەتنىڭ چوڭلۇقى ئەزا ۋە زىمىنىغا قاراپ چوڭ كىچىك بولىدىكەن. بۇلار يەرنى قانداق تەقسىم قىلىش، قانداق تۈزۈم قوللىنىپ باشقۇرۇش دىگەندەك بىر قاتار ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى، سوت مەھكىمىسى، ساقچىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، مەكتەپ، پاراۋانلىق، داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار فونكىسىيەلىك ئورۇنلىرى بولۇپ ئۈزىنىڭ قانۇنى بۇلىدىكەن. ھەر قايسى قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ ئۈز ئەنئەنىسى ۋە تارىخىغا ئاساسەن چىقارغان قانۇنلىرى بۇلىدىكەن. بەزى رايونلاردا ھۈكۈمىتىنى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق سايلايدىكەن، بەزى رايۇنلاردا ئاقساقاللار بىۋاستە باشقۇرىدىكەن. ھەر بىر قوغدىلىش رايونىغا فىدىراتسىيە ھۆكۈمەت بىر ۋەكىل ئەۋەتىپ قەبىلە ئىشلىرىنى كۈزىتىش ۋە فىدىراتسىيە تەرەپتىن يۈرگۈزگەن ھەر خىل پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى ئەمىلىلەشتۈرىدىكەن. مەن بارغان Coeur D’Alene رايونىنىڭ ساقچىلىرى باشقىچە فورما كىىيىدىكەن. ئەگەر مەسىلەن سىز موشۇ رايوندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسىڭىز چوقۇم مۇشۇ رايوندىكى سوتقا چىقىدىكەنسىز ھەم بۇنىڭ قارارىغا بويسۇنىدىكەنسىز. ئەگەر بۇ رايۇننىڭ ھىندىيان ئەزالىرى باشقا يەرلەردە قانۇنغا خىلاپلىق قىلسىمۇ مۇشۇ رايۇننىڭ ھۈكۈمىتى ئارلىشىپ ئەزالىرىنى قوغدايدىكەن. ھۈكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى چوقۇم ھىندىيانلار بولۇشى كىرەك ئىكەن. يەنى رايۇن ئىچىدە ھىندىيانلارنىڭ ۋە ھىندىيان ئەمەسلەرنىڭ ھوقۇقى ئىنىق بەلگىلەنگەن ئىكەن. مەسىلەن رايۇن ئىچىدە پەقەت ھىندىيانلارنىڭلا يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بار بولۇپ ھىندىيان ئەمەسلەر بۇ رايۇندىن يەر زىمىن سېتىۋالالمايدىكەن ياكى ئىگىدارچىلىق قىلالمايدىكەن. ئۈز ئىچىدە ئېلىپ سېتىشسا بولىدىكەن ھەم بۇنى سوتتىن تەستىقلايدىكەن. لېكىن ئىجارە بەرسە بۇلىدىكەن. ماشىنا نۇمۇرىمۇ ئايرىم بۇلىدىكەن. كىم ھىندىيان ياكى ئەمەس دەپ تىزىملىغاندا قېنىدا تۆتتىن بىر ئۈلۈش ھىندىيان قەبىلىسى بولسا ھىندىيان ھىساپلىنىپ شۇ ھوقۇقلارغا ئىگە بۇلىدىكەن. ئۇندىن باشقا بۇندىن بىرەر يۈز يىل بۇرۇن رايۇن بىلەن فىدىراتسىيە ھۈكۈمەت كىلىشىم ئىمزالىغاندا ھىندىيانلارغا مەڭگۈلۈك تۈلەم تۈلەيدىغان بولۇپ بۇ تۆلەم ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كىلىۋېتىپتۇ. ئۈز ۋاختىدىكى تۆلەمنى ھازىرقى پۇلغا سۇندۇرغاندا ھەر بىر ھىندىيانغا يىلىغا 12000 دوللار توغرا كىلىدىغان بولۇپ بۇنى شۇ قەبىلىگە تىزىملىتىلغان ئەزالار مەيلى قەيەردە ياشىسۇن بۇنى ئالىدىكەن. شۇڭا بەزى ھىندىيان ئەمەسلەرمۇ بۇ پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن بەزىدە يالغاندىن ھىندىيان بولۇۋېلىشنى ئىستەيدىكەن. ئۇندىن باشقا بۇلار يەنە ئالاھىدە تۈرلەردىن باشقا فىدىراتسىيە ۋە شىتاتلىق باج تاپشۇرمايدىكەن. يەرلىك باجنى قانچىلىك ئېلىشنى ئۈزلىرى بىكىتىدىكەن ھەم بۇ كىرىم ئۈزلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن. لېكىن ھىندىيانلار ئۈز رايۇنىنىڭ سىرتىدا قىلغان سودا ۋە تىجارەت ئىشلىرىدا شۇ رايۇننىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە باج تاپشۇرۇدىكەن. دىمەك ئامرىكىنىڭ ھىندىيانلار قوغدىلىش رايونى تۈزۈمىدە رايۇنغا ھوقۇق بەرگەندىن سىرت زىمىننىڭ ھۇقۇقىمۇ مىللەتكە بىرىلگەنىكەن. لېكىن يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن قانداق پايدىلىنىدۇ قانداق يوسۇندا تەقسىم قىلنىدۇ بۇلارنى ئىنىق ئۇخمىدىم.
ھىندىيانلارنىڭ رايۇنىنىڭ كۆپىنچىسى نامرات رايونلار بولغاچقا ئۈز رايۇنىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ئالاھىدە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۈزى جايلاشقان شىتات ياكى ھۈكۈمەت يول قويمايدىغان تۈرلەردە ئايرىم قانۇن چىقىرىپ كىرىم ئەكىرىدىكەن. مەسىلەن، ئامرىكىنىڭ نۇرغۇن شىتاتلىرىدا تاماكىدىن بەك يۇقىرى باج ۋە قوشۇمچە ھەق ئالىدۇ. بولۇپمۇ مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىڭتون شىتاتىدا شۇنداق. مەسىلەن ھېلىقى خىزمەتداش چىكىدىغان بىر قاپ مارىلبورو تاماكا 5.80 دوللار بولۇپ Coeur D’Alene رايونىدا بۇ تاماكىنى 2.80 دوللار ساتىدىكەن. شۇنداقمۇ باھا پەرقى بارمۇ دەپ ھەيران قالدىم. تاماكا چىكىدىغانلار كارتونلاپ ئېلىۋالدى. ئۇندىن باشقا ئامرىكىدا نېۋادا شىتاتىدىن باشقا شىتاتلاردا قىمارخانا ئېچىشقا يول قويۇلمايدۇ. لېكىن ھىنىدىيان رايونلىرى ئۈز رايونىدا قىمارخانا ئاچسا بۇلىدۇ دەپ ئايرىم قارار ماقۇللاپ ئامرىكىنىڭ ھىندىيانلار قوغدىلىش رايونى بار بولغان ئاساسەن ھەممە رايوندا قىمارخانا بار. باشقىلار ئېچىشقا يول قويۇلمىغاچقا بۇ قىمارخانىلارنىڭ تىجارىتى ئالاھىدە ياخشى. شۇنداقلا بۇ قىمارخانىنى ئاچقۇچىمۇ چوقۇم ھىندىيان بولۇشى كىرەك ئىكەن ياكى قەبىلى ھۈكۈمىتى ئۈزى ئاچىدىكەن ۋە كىرىمنى بۈلەپ بىرىدىكەن. ھازىر ئامرىكىنىڭ 28 شىتاتىدا ھىندىيانلار تەرىپىدىن باشقۇرلۇۋاتقان 290 دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى قىمارخانا بولۇپ 2002-يىلدىكى كىرىمى 12 مىليارد دوللار بولغان. بۇ ھىندىيانلارنىڭ ئومۇمى كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللىگەن. 90-يىللاردا فىدىراتسىيە ھۈكۈمەت قانۇن چىقىرىپ بۇ قىمارخانىلاردېن باج ئېلىشنى بەلگىلىگەن. ئۇندىن باشقا بەزى ھىندىيان رايونلىرى مەنزىرىسى گۈزەل رايونلارغا جايلاشقانلىغى ئۈچۈن ئۇلار ساياھەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرغان.
تارىختىن بۇيانقى چەتكە قېقىلىش ۋە باشقا سەۋەپلەردىن ئامرىكىدىكى ھىندىيانلارنىڭ تەرەققىىياتى يەنىلا ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا ھىندىيانلار ئۈزىگە قوشنا بولغان رايۇنلارغا يىقىن بولغاچقا مەدىنىيەت جەھەتتە كۈچلۈك ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچرىغان. بىز بارغان Coeur D’Alene رايونىدا مەيلى ساقچىلار ياكى باشقا ھىندىيانلار بولسۇن چىرايىدىن باشقا جەھەتتە ھىندىيان پۇرىقىنى بايقىمىدۇق. ئىنگىلىسچىنى ئامرىكا تەلەپپۇزىدا ئۆلچەملىك سۈزلەيدېكەن. ئۇندىن باشقا كىچىك بالىلار ۋە ياشلار ئۈز رايونىنى قالاق كۆرۈپ بۇرۇنلا ئۆيدىن چىقىپ كىتىدىكەن. ئۇندىن باشقا نەچچە ئون يىل ھىندىيانلارنىڭ مائارىپىغا ياردەم بىرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسى ئېقىمغا كىرىشىگە ياردەم قىلىش مەقسىتى بىلەن نۇرغۇن ھىندىيان رايونلىرىدا يەرلىك قەبىلە ھۈكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ ھىندىيانلارنىڭ ئۆز مەكتەپلىرىنى پۈتۈنلەي تاقاپ ئىنگىلىسچە سۈزلەيدىغان رايونغا مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن ۋە بۇلارنى ئائىلە تەربىيسىدىن ئايرىۋەتكەن. ئاخىرى بۇ بېرىپ بۇ ياشلار پۈتۈن ئۈز مەدىنىيتىنى ئۇنتۇپ پۈتۈنلەي ئامرىكىلىق بولۇپ چوڭ بۇلغان. ئاخىرى ئاقساقاللارنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ كۈچلىك تەلىۋى بىلەن نۇرغۇن رايونلاردا بۇ پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
ئامرىكىدىكى ھىندىيانلارنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى، ھازىرقى ھالىتى بىر قىززىق تىما. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى ئاز سانلىق مىللەت بار دۈلەت ۋە رايونلارنىڭ تەتقىق قىلىپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان مەزمۇن ئىكەن.
ھىندىيان قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى
يەنە 1990-يىلى ئىشلىنىىپ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بۈرە بىلەن ئۇسۇل ( dance with volves, 与狼共舞) دىگەن كىنودا ئامرىكا ئارمىيسىنىڭ غەرىپكە كىڭىيىش جەريانىدىكى ھىندىيانلارغا ئائىت مەزمۇنلار تەسۋىرلىنىدۇ.
تۈگىدى.
ئۈستىدە [ ] ئىچىگە ئېلىنغان سانلار رەت تەرتىۋى بويىچە تۈۋەندىكى پايدىلانغان مەزمۇنلارنى كۈرسىتىدۇ.
[1] Stephen L. Pevar, The Rights of Indians and Tribes, 3rd ,p.87
[2] David H. Getches, Charles F. Wilkinson, Robert A. Williams, Federal Indian Law (St. Paul: West Publishing CO., 1995,), 3rd , pp.401~404.
[3] Pevar,The Rights of Indians and Tribes, 3rd, p.50
[4] American Indian Policy Review Commission, Final Report (Washington, D.C.: Government Printing Press, 1977), p.130
ھەيييييي ش ۇ ئا ر نىڭ مىللى تىرتوريىلىك قانۇندا سېكىرتار چۇقۇم خەن بۇلىشى كېىرەك دەپ بەلگىلەنگەندەك ناھىيە يىزلارنى قۇيۇپ تۇرايلى ، بىزنىڭ مەھەللىنىڭ سېكىرتارىمۇ خەن دىسە !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!