رەيھان بەكتۇر: دەرىسلەرنى ياخشى ئوقۇش ۋە ياخشى نەتىجە ئېلىش بەك مۇھىم Reyhan Bektur: Keeping a Good GPA is Very Important

First of all, I would like to thank my friend Tursunjan Ablekim for allowing me to use this site to share some of my opinion.
The purpose of these very short essays is to share some of my opinions about applying to a graduate school in US and partially about studying abroad. I have been asked a few times questions about how to apply for a school, etc. and I thought I can just summarize them here for your information.
I do encourage you to consider as many advices as you can. I know many Uyghur scholars have posted articles about studying and being successful, and you should read those too. My opinion is based on my experience as a student who took TOFEL and GRE, applied to graduate school in US, also as a professor in a US university and is now reviewing applications of potential graduate students. So, I am hoping to give you some insight in how a school and professor select their students.
Topic No.1: The importance of the course works
I have received some questions about “how can I find a school and assistantship in US?”, “how high my English test scores should be for me to come to US?”… most of the questions are regarding English scores such as TOEFL and GRE and regarding how to improve those scores. What I want to say here is that when we (universities and professors) look at applications, we not only look at the English scores, but also look at a student’s research interest, classes he or she has taken, and how well he or she did at school.
If you have very high GRE and TOEFL scores, it certainly will be helpful to get a scholarship. But, if your GPA is low, then the question for professors will be “does this student have enough background to work for me?” On the other hand, if you have good course work scores, and your English scores are not as high, then there may be a chance that you can explain to a professor that you are a very good student, that you have great background, and that although you did not score so high in TOFEL and GRE, your English is strong enough to communicate. You may offer to talk on telephone to show that you can communicate. Also, you may explain that you did not have enough time to study for English. Finally, you may argue that you can always re-take the English tests after you come to US and after working for the professor for one semester.
So, English scores are important, but you should not spend all your time to study English. In my opinion, you should take care of your course work first, learn English, and then spend some time to study for the tests.
Of course, maybe some of you may say that you do not like your major and do not feel like studying for it. I understand what you mean. Sometimes, you probably did not go to the major that you like. For example, maybe you liked law, but you ended up in Math department. I understand that you may not have enough motivation to start your major. However, unless you can take courses from the major you like and get a double degree, I suggest you try hard to like your major, or at least study it. Some students can get a double degree before graduation and then apply for the major they like, but not all can do that. Therefore, if you cannot get double degree, then just try your best to study whatever your major is. Please keep in mind, courses for undergraduate are still fairly basic and not that hard. You can do it. Also, if you want to make your dream come true, you will have to shed some sweat and tears. Nothing can come free.
As a concluding remark, I would like to remind you to study hard and learn your courses well. You may have difficulty sometimes, but as long as you keep working towards your dream, it will happen.
ئالدى بىلەن دوستۇم تۇرسۇنجان ئابلېكىمنىڭ مىنى بۇ يەردەئۆزەمنىڭ بەزى كوز قاراشلىرىم ۋە تەجرىبىلىرىمنى مۇھاكىمە قىلىدىغان پۇرسەت بەرگەنلىكىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. مەن يازماقچى بولغان بۇ يازمىلارنىڭ خاراكتىرى بولسا مىنىڭ ئامرىكىدىكى ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق پروگرامملىرىغا ئىلتىماس قىلىشقا بولغان بەزى كۆز قاراشلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش. بۇ كۆز قاراشلار بەلكىم چەتئەللەردىكى باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشلارغا ماس كىلىشىمۇ مۇمكىن.ماڭا خېلى جىق قېتىم «قانداق مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسام بۇلىدۇ» دەيدىغان سۇئاللار كەلدى. شۇڭلاشقا شۇ سۇئاللارغا بولغان كۆز قارىشىمنى ھەممىسىنى بۇ يەردە توپلاپ بىرەي دەپ ئويلىدىم.
مەن يەنە سىلەرنى باشقىلاردىن قانچىلىك پىكىر ۋە كۆرسەتمە ئالالىساڭلار شۇنچىلىك ئېلىشىڭلارنى، باشقىلارنىڭ بۇ توغرىسىدا بەرگەن پىكىرلىرىنمۇ توپلاپ ئويلاپ كۆرۈشۇڭلارنى سورايمەن. مىنىڭ بىلىشىمچە خېلى جىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى قانداق ئوقۇش ۋە نەتىجە قازىنىش توغرىسدا يېزىپ كەلدى، ئۇلارنىمۇ ئوقۇپ كۆرۈشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. مىنىڭ كۆز قاراشلىرىم ئۆزەمنىڭ تۈۋەندىكى ئۈچ تەجىرىبسىگە ئاساسەن تەييارلاندى. . (1) ئوقۇغۇچى بۇلۇپ TOFEL ۋا GRE ئىمتاھانىغا تايارلىق قىلغان ۋاقتىم؛ (2) ئامرىكىدىكى ئاسپرانىتلار ئىنستىتوتىغا ئىلتىماس قىلغان ۋاختىم (3) 2006 يىلىدىن بىرى ئامرىكىدا پروفىسور بۇلۇپ ئىشلەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس ماتىرياللىرىنى باھالىغان تەجىرىبەم. موشۇلار ئاساسىدا ئامرىكدىكى مەكتەپ ۋە پروپىسسورلىرىنىڭ ئوقۇش ئىلتىماسلىرىنى قانداق باھالايدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلىسەم دەپ ئويلايمەن.
1.تىما : دەرىس نەتىجىلىرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە
ماڭا خېلى جىق قېتىم تۇۋەندىكىدەك سۇئاللار كەلدى. «مەن قانداق قىلسام ئامرىكىدىكى بىر مەكتەپنى تېپىپ ئۇيەردىن مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشەلەيمەن؟»، «ئىنگلىزچە نۇمۇرۇم قانچىلىك بولسا ئامرىكىغا كىلىشىمگە يىتىدۇ» دىگەندەك. ، بۇنداق سۇئاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنگلىزچە ئىمتاھان نەتىجىسى (مەسىلەن TOEFL، GRE) ۋە شۇ نەتىجىلەرنى قانداق يۇقۇرلىتىش دىگەندەكلەرگە مۇناسىۋەتلىك. مىنىڭ بۇ يەردە دەيدىغىنىم، بىز (يەنى ئۇنۋېرسىتىت ۋە ۋە پروفىسسورلار) ئوقۇش ئىلتىماسلىرىغا قارىغاندا ئىنگلىزچە نەتىجىلەرگىلا قارىمايمىز. يەنە ئۇقۇغۇچىنىڭ قانداق تەتقىقاتقا قىززىقىدىغىنىغا، قانداق دەرىسلەرنى تۇقۇغانلىقىغا ۋە بۇ دەرىسلەرنى قانچىلىك سۈپەتتە ئوقۇغانلىقىغا قارايمىز.
ئەگەر سىزنىڭ GRE ۋەTOEFL نەتىجىڭىز يۇقۇرى بولسا، ئۇ چۇقۇم سىزنىڭ بىرەر مەكتەپتىن چاقىرىق كىلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر سىزنىڭ ئۇنۋېرسىتىتىكى دەرىس نۇمۇرلىڭىز تۇۋەن بولسا، پروفىسورلار مۇنداق سۇئاللارنى سورايدۇ. «بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ يىتەرلىك ئاساسى بارمىدۇ؟». ئەگەر سىزنىڭ دەرىس نەتىجىلىرىڭىز يۇقۇرى بولۇپ، لېكىن ئىنگلىزچە نۇمۇرلىرىڭىز تۇۋەن بولسا، يەنىلا سىزگە پۇرسەت بۇلىشى مۇمكىن. ئۇنداق ۋاقىتتا، سىز پروفىسورلارغا مۇنداق چۇشەندۈرۈپ باقسىڭىز بۇلىدۇ: «مەن بىر ياخشى ئۇقۇغۇچى، مىنىڭ ئاساسىم ياخشى ۋە سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزغا قىززىقىمەن. گەرچە ئىنگلىزچە نۇمۇرۇم بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، مىنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەم يۇقىرى، سوزلىشىش ۋە يېزىشىمدا ھىچقانداق چاتاق يوق. » بۇنداق دەپ چۇشەندۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇ پروفىسور بىلەن تېلپۇندا سوزلىشىشنى تەلەپ قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.ئۇنداق بولغاندا ئۇ پروفىسور سىزنىڭ ئىنگىلىزچىدە كىشلەربىلەن سوزلىشىش قابىليىتىڭزنى بىلەلەيدۇ. يەنە «مىنىڭ ئىنگلىزچە ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىدىغان ۋاختىم يەتمەي قالدى » دەپ چۇشەندۇرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىسىدا «ئامرىكىغا كىلىپ سىزگە بىر مەۋسۇم ئوقۇپ ۋە ئىشلەپ بەرگەندىن كىيىن ئىنگلىزچە ئىمتاھاننى باشقىدىن بىرەي» دەپ ۋەدە بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
شۇڭلاشقا، ئىنگلىزچە نەتىجىلەر مۇھىم لېكىن سىز پۇتۇن ۋاقتىڭىزنى ئىنگلىزچە ئۈگۇنۈشكىلا سەرىپ قىلماسلىقىڭىز كىرەك. مىنىڭ كۆز قارىشىمدا، مەكتەپتىكى دەرىسلىرىڭىزنى ئالدى بىلەن ياخشى كۆڭۇل قۇيۇپ ئۇقۇشىڭىز كىرەك. ئاندىن ئىنگىلىزچىنىمۇ تەڭ ئۇقۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن تەتىللەردە ئىنگىلىزچە ئىمتاھانلارغا تەييارلىق قىلىسڭىز بەكرەك مۇۋاپىق بۇلىدۇ.
ئەلۋەتتە، بەلكىم بەزىلىرىڭلار ئوقۇغان كەسپىڭلارنى ياخشى كورمەسلىكىڭلار مۇمكىن ۋە ئۇ كەسىپدىكى دەرىسلەرنى قىزىقىپ ئوقۇغۇڭلار يوق بۇلىشىمۇ مۇمكىن. مەن بۇنى چۇشۇنىمەن. بەزىلەر ئوزەڭلارنىڭ ياخشى كۇرىدىغان كەسپلەرگە كىرەلمىگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. مەسىلەن سىزنىڭ قانۇن ئۇقىغىڭىز بولغان بۇلۇپ، لېكىن ماتىماتىكا فاكۇلتىتىغا كىرىپ قالغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئۆز كەسپىڭىزنى ئۇقۇغىڭىز كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشىنى مەن چۇشۇنىمەن. مىنىڭچە ئۇنداق ئەھۋالداسىزنىڭ بەلكىم ئىككى يولىڭىز بار. بىرىنجىسى، سىز ھازىرقى كەسپنى ئۇقۇپ، ۋە ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كەسپىنىڭمۇ دەرىسىنى ئېلىپ ، مەكتەپ پۇتكۈزگەندە ئىككى كەسپنىڭ دەرىس نەتىجىسىنى مەكتەپكە كۆرسىتەلىشىڭىز كىرەك. بۇ بىرىنجى يولنى بەزەنلەر ماڭالايدۇ. لېكىن ھەممە ئادەمدە ئۇنداق چىدامچانلىق ۋە پۇرسەت يوق. ئەگەر بۇ بىرىنجى يولنى قاملاشتۇرالمىسىڭىز ئىككىنجى يول بار. ئۇ بولسىمۇ چىداپ تۇرۇپ، ئۇزىڭىزنى بېسىپ ھازىرقى كەسپىڭىزنى ئۇقۇشىڭىز كىرەك. گەرچە ئۇنىڭغا شۇنداق ئۆچ بولسىڭىزمۇ. بىر ئىشنى ئىسىڭلارغا سېلىپ قۇياي. ئالى مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىرى يەنىلا نىسبەتەن بەك مۇرەككەپ ئەمەس. زىھنىڭلارنى بۇزماي ئۈزەڭلارنى توختىتىپ ئوقۇساڭلار ، ئۈگىنىپ كىتىسىلەر. ھىچقانداق ئىش بىكارغا كىلىپ قالمايدۇ. ئۆزەڭلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەر ۋە ياشلار چۇقۇم تۇكۇلۇپ قالىدۇ.
خۇلاسىلىغاندا،مىنىڭ سىزنى ئەسكەرتمەكچى بولغىنىم، دەرىسلىرىڭىزنى تىرىشىپ بەلەن ئۇقۇشىڭىز كىرەك. بەلكىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئارزۇيىڭىز ئۇچۇن تىرىشىپ بەرسىڭىز بىر كۈنى ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ. بەزىدە تىز بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بەزىدە ۋاقىت كىتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن سىز ئۈمىت ۋە تىرىشىشنى يۇقاتماسلىغىڭىز كىرەك.
你好,我即将参加GRE考试,我很感兴趣rayhan老师的研究方向,所以我打算联系一下她,能不能留一下她的邮箱地址,谢谢~~~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
我是在中国内地读大学的本科生,专业是能源动力系统及自动化,今年在读大二,学习成绩还行,去年拿到了奖学金。我现在很困惑,失去了努力的方向。我从小喜欢研究东西,想成为一个科学家,但以我现在的情况,这完全不可能。中国的大学只能造出一堆会考试机器而无法培养出会思考的科学家。所以为了实现我的梦想,我非常非常想出国留学。我父母是农民无法给我很多钱,所以只能靠自己。我能不能在美国免费读硕士研究生?我现在需要做哪些准备?
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] يازمىسى بۇلۇپ . ئۇ بۇندىن بۇرۇن يازغان يازمىلاردىن دەرىسلەرنى ياخشى ئوقۇش ۋە ياخشى نەتىجە ئېلىش بەك مۇھىم…, مەكتەپنىڭ دەرىجىسى مۇھىممۇ ياكى پىروفىسسورمۇ؟ [...]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە.~!
مەيلى بىز قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانمايلى بىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىمىز ئىنتايىن مۇھىم،بىراق بەزى ئىنىق ياكى ئىنىق ئەمەس سەۋەبلەر تۈپەيلى تولۇق كۇرۇسنىڭ 3-يىللىقىغا چىقىپ قالغاندا بۇرۇنقى نەتىجىلەر تازا ياخشى بولماي قالسا،كىيىنىلىككە چونە تەسىرى بارمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Hola,
Come On
Ilias
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
,
BernieR
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەدىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى ئىلگىرى ئوقۇپ چىققان ئىدىم. بۇ ھەدىمىزگە ھەقىقەتەن ئاپرىن ئوقۇيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
I am currently pursuing my a PhD in Physical Science and Engineering Division at KAUST, Saudi Arabia. My major is also Electrical Engineering. I would like to contact Dr.Rayhan by email. Can I get her email address?
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇغرا Reply:
ئۆكتەبىر 16th, 2013 at 11:11
@مەھمۇد, ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم
سىز KAUST i want to know your email .please electrical engineeringۇقامسىز ھازىر ئوقۇشىڭىز پۈتكەندۇ بەلكىن قاندا ئۇ مەكتەپنىڭ تەلەپلىرى بەك يۇقىرمۇ يا؟مەن سىز بىلە ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇيمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇغرا Reply:
ئۆكتەبىر 16th, 2013 at 11:13
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
رەيھانگۈل ھەدە سىزنىڭ بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك يازما تەييارلىغىنىڭىز كۆپ رەھمەت!
ئاللا ئشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
What’s your comment on lower undergrad GPA (2.7-3.0/ 4.0) but higher grad school GPA (3.73/4.3) for PhD application schools in US? Thanks.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Reyhan Baktur Reply:
سېنتەبىر 6th, 2010 at 21:40
a href=“#comment-1152″>@Algha,
I think you have very good scores. You can always write to professors in your area to see if someone can sponsor you. When you write, you can just show your high graduate GPA. You may also write about your high graduate GPA in your purpose statement. Also, you can argue that although the number of your undergraduate GPA may look not as impressive, your score is very good and that is why you were accepted into graduate school, which only takes best of the best students.
So, in short, you have good scores and you probably want to apply to several schools in different ranking so that you have at least one offer at the end. Also, if you can make good GRE and TOEFL at the same time, then you really should not have much problem in coming to US.
Good luck
Reyhan
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Algha Reply:
سېنتەبىر 10th, 2010 at 23:36
@Reyhan Baktur, Thanks for the good tips. I’d like to throw my follow up questions since no one has any question. I have pretty good chance to get into one of the world top 50 universities (not in US) for PhD program, potential supervisor confirmed, if I continue my current research. However, I’d like to change my research direction to something that I am more interested in and more sophisticated, I think . Thus, challenge comes from lack of research experience in the field that I would like to switch to. So I am about to take a few courses in that field and do some volunteer work at lab, then apply. In this case, I have to postpone my application for a year or so. Plus I will hardly have any chance to get into world top 200. Am I making a stupid mistake by giving up the chance to get into top 50? In addition, how does taking a course is different from auditing it, from a professor’s procpective cause auditing costs half of a registered course.
?
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Algha Reply:
سېنتەبىر 10th, 2010 at 23:43
My apologies, I forgot to delete the code for your name, Reyhan hede.
بىرخىل تونۇش بىلىندى.ئەسلى بۇرۇن تەرجىمىھالىنى ئوقۇغان ئىجتىھاتلىق قەدىرلىك ھەدىمىز رەيھانگۈل ئىكەن.بىلمىگەنلەر كۆرسۈن دەپ ماقالىنى قايتا چاپلاپ قويدۇم.
دوكتور، ئىنجېنېر رەيھانگۈل بەكتۇر
http://www.biliwal.com ئۆز يازمىسى:
ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئاز، لېكىن شۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ تەپسىلىي پاراڭلىشىپ باقسىڭىز ھەر بىرسىنىڭ بىر كەچتە سۆزلەپ تۈگىتەلمىگۈدەك، سىزنى زوق سېلىپ ئاڭلاتقۇزغۇدەك ھېكايىلىرى، كەچۈرمىشلىرى، تىرىشىش يوللىرى بار.
ئادەم ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ ھېكايىلىرىنى بەك ئاڭلاپ كەتمەيدۇ ۋە ياكى بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن دەل ئۆزى قىلىۋاتقان بىر ئىشنى باشقا بىرسىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلغانلىقىنى، قىلغاندىمۇ بەك چىرايلىق قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئاڭلىسا قىزىقىپ سۈرۈشتۈرىدۇ. كەمتەر ئادەم بولسا ئۇ ئادەمگە زوقلىنىدۇ، ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.
ئۇنداق بولمىسا يەنە سۈرۈشتۈرۈپ باقىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم ئامېرىكىدا بولسا يەنە “ئۇ ئامېرىكىدا بولغاچقا شۇنداق قىلالاپتۇ، مەن بولغان بولساممۇ قىلالايتتىم” دەپ ئۆزىنى ئالدايدۇ. لېكىن ئۇ سىزنى ھەيران قالدۇرغان ئادەم سىز بىلەن بىر دەريادىن سۇ ئىچىپ بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقان بولسىچۇ؟
مەن(جەك) ئوتتۇرا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان. ئۇ ۋاقىتلاردا ئارزۇيۇم بەك چوڭ ئىدى. ئالىي مەكتەپنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسام دەپ ئويلايتتىم ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. كېيىن بىلدىمكى، مەن قىزىقىدىغان ساھەدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېت خارۋارد بىلەن مىت ئىكەن. ئۆزۈمچە ياخشى تىرىشتىم دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئالىي مەكتەپتە ئالغان نومۇرۇم چىڭخۇانىڭ قوبۇل قىلىش سىزىقىغا يېقىنمۇ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ نومۇرىغا ماس كەلگەن مەكتەپكە باردىم. شۇنداقلا يەنە مېنىڭ بۇنداق يۇقىرى نومۇر ئالالماسلىقىم يالغۇز مەندىكى مەسىلە ئەمەس، خوتەن نامرات، خوتەننىڭ مائارىپى مۇشۇنداق قالاق بولغاچقا، مەندىمۇ ئامال يوق دەپ ئويلىدىم. لېكىن يېڭى سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن بىلدىمكى ئەسلىدە ئىش ئۇنداق ئەمەسكەن. خوتەنگە ئوخشاش نامرات جايلاردىن كەلگەن، مەندىن بىرەر يۈز نومۇرنى يۇقىرى ئېلىپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن بالىلاردىنمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنى بەلكىم ئىمتىھاندا بوش قويۇۋەتكەن بولسا كۆچۈرۈپ ئالغاندۇ دەپ يەنە تەن ئالمىدىم. لېكىن بىللە ئوقۇش جەريانىدا مەلۇم بولدىكى، ئۇلار ھەقىقەتەن مەندىن قابىلىيەتلىككەن. دېمەك، شۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتا يەكۈنلىدىمكى، ئادەم بىر نىشانغا يېتىمەن دېسە، شۇنداقلا ئۇ نىشانغا تىرىشىش ئارقىلىق يەتكىلى بولسا، نامراتلىق، رايونلار پەرقى ھەل قىلغۇچ سەۋەب بولالمايدىكەن. بىز پەقەت ئۆزىمىزگە ھەر خىل سەۋەب ئىزدەپ ، تەن ئالماي، باھانىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى تاپىدىكەنمىز. كېيىن ئىچكىرىگە كىرگەندىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىمۇ ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسام، نامرات جايلاردىن كەلگەن بالىلارمۇ خېلى بار ئىكەن. ماڭا ئوخشاش باشقىلار مەن قىلالمىغاننى قىلىپتۇ. ئىچىمدە قايىل بولدۇم.
ئۆتكەن يىلنىڭ 8-ئايلارنىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك. ھازىرقى مەكتىپىمدىكى بىر نەچچە خەنزۇلار بىلەن كەچتە بىللە بولۇپ قالدىم. گەپ ئارىلىقىدا بىرسى مېنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ پاراڭلاشقىلى كېلىپتۇ. جىق سۆزلەپ كەتتى، بەزى گەپلەردىن كېيىن “ئۇيغۇرلارنى مەن كاۋاپچى بىلەن ئوغرى بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم، لېكىن بۇ كۆز قارىشىم يېقىندا ئۆزگەردى” دېدى. “قانداق بولۇپ شۇنداق بولدى” دەپ قىزىقىپ سورىدىم. ئۇ دېدىكى، ئۇ ھازىرقى مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئېلېكتر ئىنجېنېرلىقى كەسپىنىڭ مىكرو دولقۇن، رادىئو تېخنىكىسى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسى بىر يىللار بۇرۇن كولورادودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو تېخنىكىسى بىرلەشمىسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بىر ماقالە يوللىغان بولۇپ، ئۇ ماقالىگە كۆپ كۈچ سىڭدۈرۈپتۇ. ئۇ يىغىندا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇنغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئىچىدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلار چوقۇم مۇشۇ مۇسابىقىدە نەتىجە ئالىمىز دەپ چوڭ ئىشەنچ بىلەن ئولتۇرۇپتىكەن. لېكىن كۈتمىگەندە ئۇلار نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نەتىجىگە كىم ئېرىشكەندۇ دەپ ئاختۇرۇپ قارىسا، رەيھان ئىسىملىك بىرسىنى ۋە ماقالىسىنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىمدۇر دەپ ئىزدەپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ، گوئوگلەدىن ئىزدەپ ئۇنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپتۇ ۋە بۇ ماقالىنىڭ راستتىنلا ئۆزىنىڭ ماقالىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ باققۇسى كېلىپ، يەنە ئىزدەش جەريانىدا كۈتمىگەن يەردىن يەنە باشقا بىر ئۇلىنىش ئۇنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىنىڭ “چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005-يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە شەرەپلىرى” دېگەن يېرىگە ئاپىرىپتۇ. قارىسا، ئۇ ئوقۇغۇچى ئەسلى قىز بالا ئىكەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانىكەن، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بۇرۇندىن “كاۋاپچى ۋە ئوغرى ” دەپ قاراپ كەلگەن مىللەتتىن ئىكەن…
مۇشۇ گەپلەر بىلەن ئۇ بالا جىق سۆزلىدى، جىق پاراڭلاشتۇق. بۇ بالىمۇ ئەسلى چىڭخۇئادا ئوقۇيمەن دەپ تىرىشىپ ئۆتەلمىگەن بالا ئىكەن، مەندىمۇ بۇرۇن ئوخشاش ھېس تۇيغۇلار بولۇپ باققان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەيران قالغىنىنى چۈشەندىم. شۇنداقلا يەنە گەرچە ئۇ قىزنى تونۇمىساممۇ، بۇ بالىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپلا ئۇ قىزغا قايىللىقىم ئاشتى. ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا گوئوگلە بىلەن بائىدۇدىن ئىزدەپ بىردەمدە ئۇ ئۇچۇرنى تاپتىم، ئۇ خەنزۇنىڭ دېگىنى پۈتۈنلەي راستكەن. ئادەم ئوخشاشراق بىر نەرسە بايقىسا سېلىشتۇرغۇسى كېلىدۇ. قارىسام ئۇ قىزمۇ جەنۇبتىن ئىكەن، 90-يىللارنىڭ رېئاللىقىدا جەنۇبتىكى ئىككى شەھەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى بەك چوڭ پەرق قىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن كىرەلمىگەن چىڭخۇئاغا ئۇ كىرىپتۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىمىزمۇ ئوخشىشىپ قالىدىكەن، بۇ دەرسلەرنىڭ قانداقلىقىنى مەن ئوبدان بىلىمەن. مەن ئېشىپ كەتسە 80-90، بولمىسا 60-70 نى ئاران ئېلىپ ئوقۇغان، ئۇ قىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداقلىقىنى مەن بىلمەيمەن، لېكىن قاراپ باقسام، ئۇ قىزنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىپتۇ. قانداق ئادەمنى ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا ئالىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇ قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەسلەپتە موتورولا شىركىتىدە ئىشلەپتۇ، ئۆتكەن يىلى يازدا يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (ئۇتاھ ستاتە ئۇنىۋەرسىتي) تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئامېرىكىدا تۇرۇپ باققانلار بىلىدۇكى، ئامېرىكىدا باشقا خىزمەت تېپىش ئاسان بولغان بىلەن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان ئالىي مەكتەپتە پروفېسسورلۇق خىزمىتى تېپىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭغا مەن بىر ئىشنى مىسال ئالىمەن. ئۆتكەن يىلى يازدا مەن ئوقۇۋاتقان فاكۇلتېتمۇ بىر ياردەمچى پروفېسسورلۇق ئورنىغا ئىلتىماس قوبۇل قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تاللىمىغان بولغاچقا، بۇ ئىشقا ھەر ۋاقىت نەزەر سېلىپ تۇردۇم. چۈنكى ئەگەر مەن قىزىقىدىغان يۆنىلىشتىكى ياخشى ئادەم كېلىپ قالسا، شۇنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تاللاش نىيىتىممۇ بار ئىدى. 2 ئاي ئىچىدە جەمئىي 40 تەك ئادەم ئىلتىماس قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە پروفېسسورلارمۇ بار. لېكىن مۇتلەق كۆپچىلىكى شۇ يىل ئەتراپىدا پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار. ئەڭ مۇھىمى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن مىت (ماسساچۇسېتس تېخنىكا ئىنستىتۇتى)، ھارۋارد، التەچ
(كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى)، بەركېلېي ، كولومبىئا دېگەندەك ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئىدى. ئاخىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىن مىت نى پۈتتۈرگەن، ھابىل تېلېسكوپىدا ئىشلەپ ياخشى نەتىجە قازانغان بىرسىنى ئالدى. ھازىرقى بار پروفېسسورلارنىڭ ئارخىپىغا قارىساممۇ، ھەممىسى ئاساسەن ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى 10 داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر. دېمەك، ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپتە پروفېسسورلۇق خىزمىتىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. بەزىدە مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ قورقۇپ قالىمەن، بۇ داڭلىق مەكتەپنىڭ بالىلىرى ھەممە يەرنى ئىگىلىۋالسا، كېيىن بىزلەر پۈتتۈرسەك نەگە بېرىپ خىزمەت تاپارمىز دەپ. رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك. مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بىلەن رەيھانگۈل ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئامېرىكىدىكى دەرىجىسى ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ شۇ ئورۇنغا ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇ يەرگىمۇ نۇرغۇنلىغان شۇنداق قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىلتىماس قىلغان بولۇشى چوقۇم. لېكىن ئاخىرى رەيھانگۈل تاللىنىپتۇ. بۇلارنى ئويلاش ئارقىلىق ئۇ قىزغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى ۋە ئالاقىلىشىپ باققۇم كەلدى. ئۇ قىزنىڭ فاكۇلتېتىدىن يەردىن ئاسانلا ئادرېسىنى تېپىپ ئاددى قىلىپ خەت يازسام ئەتىسى ئەتىگەندىلا قايتۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالاقىلەردە ئۇ قىز توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئانا تىلنى مەندىنمۇ ياخشى سۆزلەيدىكەن. ناھايىتى كەمتەر، چىقىشقاق قىز ئىكەن. ئۇ قىزنىڭ تەرجىمىھالىغا قاراپ بۇنداق ئوقۇغان قىزلار كىتابتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كېلىدۇ دەپ ئويلىغانتىم. كېيىنكى ئالاقىلەردىن ھېس قىلدىمكى، ئۇ قىز ئەدەپ، قائىدە يوسۇنلارنىمۇ شۇنداق ياخشى بىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ قىزنى كەڭ قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرغۇم، تەشۋىق قىلغۇم كېلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىمۇ ئېتىزلىققا ئوت ئالغىلى، ئۆيدە تاماق ئېتىپ كىر-قات يۇغىلىلا سالماي، تەلپەك بىلەن بىرنى سالسا يىقىلىپ كەتمىسە ئەرگە بېرىۋەتمەي، ئالاھىدە بولمىسىمۇ نورمال ئوقۇش، ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرسەك، ئۇلارنىڭ بىز ئەركەكلەردىنمۇ ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغىنىنى ئىسپاتلاپ بەرگۈم كېلىپ، بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى ئەمدى ئۇ قىزنىڭ ئۆزى بىلەن تونۇشايلى.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بەكتۇر (رايھان باكتۇر)، ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ، 18 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىچە شۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۆلەتلىك ئىمتىھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئارىسىدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى بولۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە بىر يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىق ئوقۇپ، 1993-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كۆرسىتىلىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىسسېرتاتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئامېرىكىنىڭ كلېمسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە دوكتور ئاسپىرانت بولۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، 8-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپىي تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ ، 2005-يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شىتاتى بۇۋىلدىر (ولورودا بوئۇلدەر) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمىي بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. گوئوگلەدىن ئىزدىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، رەيھانگۈلنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىق خەۋىرى ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن.
ئادرېسى http://www7.nationalacademies.org/bisonews/Winter_2005_News.html
يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بېتىدە، مەكتەپنى تونۇشتۇرغان يېرىنىڭ “چىڭخۇا ئۇنۋېرىسىتېتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005- يىلى قولغا كەلتۈرگەن شەرەپلىرى” دېگەن يېرىدە رەيھانگۈلنىڭ بۇ نەتىجىسىنى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پەخرلىك نەتىجىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئادرېسى تۆۋەندىكىچە:
http://join-tsinghua.edu.cn/bkzsw/detail.jsp?seq=2419&boardid=1301
ئادەمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن، بولۇپمۇ نوپۇزلۇقلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىقى تەس. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىپ پەخرلەنگۈدەك ئىش قىلالىغان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن بىزلەرمۇ ئەلۋەتتە پەخرلىنىشىمىز كېرەك. يەنە بىر يېرى، رەيھانگۈلنىڭ يۇتا (ئۇتاھ) شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىگە قويۇلغان تەرجىمھالىدا ئۇ باكالاۋرلىق ئوقۇشىنى چىڭخۇئادا ئوقۇپ، ماگىستېر ئاسپىرانتلىقنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇغان. لېكىن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى باكالاۋر ۋە ماگىستېرلىقنى بىزدە ئوقۇغان دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
رەيھانگۈل ئامېرىكىدىكى ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇشتىن سىرت يەنە مەكتەپنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. 2003-يىلى ئۇ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بايرىمى (ئىنتەرناتىئونال فەستىۋا)دا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ (چىنەسە ستۇدەنت ئاسسوىئاتىئون) ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى كۆرگەزمىسى ( ئۇيغۇر فاشىئون شوۋ) تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. شۇ ۋاقىتتىكى رەسىم مەكتەپنىڭ كېيىنكى يىللىق تەشۋىقات ماتېرىيالىنىڭ باش بېتىگە قويۇلۇپ تارقىتىلغان.
رەيھانگۈل 2005-يىلى 5-ئايدا ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن موتورولا شىركىتىگە رف ئىنجېنېرى بولۇپ تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەن . 2006-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسور (ئاسسىستانت پروفەسسور) لۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە يازدا لوگانگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.
دوكتور رەيھانگۈلنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئاساسلىقى ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى (ئەلەتروماگنەتىس)، ئانتېننا (ئانتەنناس)، مىكرو دولقۇنلۇق توك يولى لايىھىلەش
(مىروۋاۋە ىرۇئىت دەسىگن) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ فاكۇلتېتتا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ( ئەلەتروماگنەتىس)، مىكرو دولقۇن ( مىروۋاۋە) قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىربىر دوكتور ئاسپىرانت، بىر ماگىستېر ئاسپىرانت ئۇنىڭ تەربىيىسىدە. 2007-يىلى ئۇ يەنە بىر دوكتور ئاسپرانت قوبۇل قىلماقچى. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتنى ھازىرلىغان، كەسپى توغرا كەلگەن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولسا ، رەيھانگۈلنىڭ بەكمۇ قوبۇل قىلغۇسى بار. بۇنى ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئېيتقان.
رەيھانگۈل يەنە ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى، بولۇپمۇ دالا پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تاغقا چىقىشنى، سەيلە قىلىشنى، يەنە كىلاسسىك مۇزىكا كېچىلىكلىرىگە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېسىدە چىڭ ساقلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ پائالىيتىگە سىڭدۈرگەن كۈچلۈك كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. مېڭە ئاكتىپ بولۇشى ئۈچۈن ئاۋال تەن ئاكتىپ بولۇشى كېرەك (پەرسون نەئەدس تو بە پھيسىاللي ئاتىۋە تو كەئەپ ھىس ئور ھەر مىند ئاتىۋە).
2. بىر ئادەمگە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئۈمىد. ئەگەر سىز ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولسىڭىز ، نىشانىڭىز ئۈچۈن ئۈمىدلىك بولۇپ، قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى بىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۈمىدلىك بولۇشىڭىزغا زور ياردىمى بار.
يەنە سوراپ بىلىشمچە، رەيھانگۈلنىڭ ئەسلى ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نەچچە يىللار بۇرۇن بەكتۇر دېگەننى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بەكتۇر دېگەن بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بول دېگەن مەنىلەردە. رەيھانگۈلنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى، ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ فامىلىنى قوللانغان ئىكەن.
(تۈگىدى)
تەييارلىغۇچىلار: جەك & دوكتۇر تاشپولات روزى
تەھرىر: مۇخبىر
بۇ يازمىنىڭ نەشىر ھوقۇقى بىلىۋال تورىغا مەنسۇپ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
سېنتەبىر 6th, 2010 at 11:00
@نەزەرى, رەھمەت،ئۈستىدە ئۇلىنىش بىرىپ قويدۇم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىسىل يازمىنىڭ تۆرىدىن ئىلان ئورنى ئىلىپ قويدۇم.
بۇ ئورۇن سىتىلىدۇ……….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم : ھۆرمەتلىك ئەلى ھېسامىدىن ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ ئائېلىدىكىلەر سالامەتمۇ ؟ ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ھەم سىزنى تونىماي ...
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel