Articles in the Featured Category
Featured, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ئۇنى بۇنى دەپ بلوگ يېزىپ يۈرگىلى ھەش پەش دىگۇچە 3 يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ. دوستلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بلوگنى دەسلەپتە مۇنبەرلەردە يېزىپ قويغان ئوزۇنراق ئىنكاسلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويۇشتىن باشلىغان، كىيىنچە تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈم قويۇشتىن باشلىدىم، كەينىدىن ئىنكاس ئۆچۈرۋېتىپ تىمىلارنىلا ساقلاپ بارا رەسمى بلوگ شەكلىدە يېزىشقا باشلىدىم. دەسلەپ باشلىغان ۋاقىتلىرىم كۈڭلۇم خاتىرجەم، ئىشلىرىم ياخشى كىتىپ بارغان ۋاقىتلار بولسا كىرەك.بلوگ يېزىشقا ۋە ئۇيغۇرۋە مۇنبەرلەرنى ئويناشقا خېلى ۋاختىم چىقاتتى. ھازىر شۇ ۋاقىتلاردا يېزىۋەتكەن تىمىلارنى ئۆزۈم كۆرسەممۇ قانداقمۇ يېزىپ بولغاندىمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئۇ ۋاقىتلاردا تورداشلار بلوگ ئىشلىتىپ كۆنمىگەن بولغاچقا مەنمۇ پەقەت مۇنبەرلەرگە يازغان تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويغاندىن …
Featured, جەميەتكە نەزەر »

Jeck ئىلاۋىسى: بۇ سۈھبەت ئالغا نامىدىكى بىر توردىشىمىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ بەرقى تورىدا ئىلان قىلىنغان. تىما Jeck بلوگىنىڭ خاسلىقىغا ماس كىلىدىغان بولغاچقا ئەسلى يازغۇچىنىڭ ۋە بەرقى تورىنىڭ ئالاھىدە روخسىتى بىلەن بۇ بلوگدا ئىلان قىلىندى. ئالغا ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىگە كۆپ رەھمەت. باشقا تور بەتكە كۈچۈرۈپ چاپلىغۇچىلار يەنە چوقۇم بەرقى تورى ۋە ئالغا ئەپەندىدىن روخسەت ئالغايسىزلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئامېرىكاننىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار
ئاپتۇردىن سۆز:
مەن بۇ يىگىت بىلەن تاساددىبىي پۇرسەتتە تۇنۇشۇپ قالغانتىم.ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ئىشتىياق مەندە ئۇنىڭغا بولغان ئۆزگىچە ئىشتىياق قوزغىغان ئىدى.چۈنكى ھازىر ئۆزىمىز قەدىرلەمەيۋاتقان ئانا تىلىمىز باشقا بىر مىللەت تەرەپىدىن شۇنداق قەدىرلىنىۋاتاتتى. …
Featured, ئامرىكدىكى ئىشلار, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

ئامرىكىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك تىپتىكى ئۇنۋېرستىتلار بار. بۇلارنىڭ گەرچە بەك داڭقى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار بىر ياكى ئىككى پروگرامغىلا كۈچەپ باشقىلارغا ھەم ئۈزىگە بىۋاستە پايدا ئەكىلەلەيدىغان يۇنۇلۇشتە ماڭدۇرغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇنۋېرسىتىتقا كىرىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش چەتئەللىكلەر ئۈچۈن. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن كىرىمنى جىلغىسىدا ئىشلەۋاتقان بىر ياش ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدۇق ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئارلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئامرىكىغا كىلىپلا 8 ئايدىن كىيىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. كىيىن سۇرۇشتۈرۈپ بىلدىمكى ئۇنىڭ كەلگەن ئوقۇش پروگراممىسى سەل ئالاھىدىراق پروگرامما ئىكەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن بەكمۇ ماس كىلىدىكەن. بۇلار ئاۋال قەرىز ھىساۋىدا تولۇق …
Featured, ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم, چەتئەلگە چىقىش »

Jeck ئىلاۋىسى: تورداش مەڭگۇنۇر ئوزۇندىن بۇيان Jeck تور خاتىرىسىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنى ۋە يازما تەھرىرلەشكە ياردەملەشكۈچىسى. ئۇ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرۈپ ئوزۇن ئۈتمەي تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇغان بولۇپ ھازىرمۇ شۇ يەردە ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇۋاتىدۇ. يېقىندا مىنىڭ تەكلىۋىم بىلەن ئۈزىنىڭ تۈركىيەگە ئوقۇشقا بېرىش ۋە ئوقۇش جەريانىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى. تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا ئازدۈر كۆپتۇر پايدىسى بۇلىشىغا ئىشىنىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم Jeck تور خاتىرىسىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى. بۈگۈن Jeck نىڭ تەكلىۋى بىلەن بۇ يازمىنى تورداشلار ئۈچۈن تەييارلىدىم. قاملاشمىغان جايلىرى بولسا كەچۈرگەيسىزلەر. ئاۋال ئۆزەم توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتەي.
مېنىڭ ئىسمىم مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ،قۇۋۇق …
Featured, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

Jeck ئىلاۋىسى:مالايسىياغا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى ھازىر مالايسىيادا تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئالاھىدە تەييارلىدى. ئۈزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىغى ئۈچۈن بۇ قېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
ھېلىمۇ ئېسىمدە: ئاشۇ مېھرى ئىسسىق سەھرا!
ھېلىمۇ ئېسىمدە:قېندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئاشۇ زېمىن، ئاشۇ زېمىندا ئاپىدە بولدۇم، ئاشۇ زېمىندا كۈلدۈم، ئاشۇ زېمىندا يىغلىدىم…
ھېلىمۇ ئېسىمدە: مەكتەپتىكى ھاياتىم، يېزامنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى…. قوي بېقىش، يانتاق چېپىش، تەك كۆمۈش، قويلارغا ئەلەپ بېرىش دىگەندەك، مەن قىلىپ باقمىغان دېھقانچىلىق ئىشلىرى يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن…..
ھېلىمۇ ئىسىمدە: مومام رەھمەتلىك ھايات ۋاقىتلىرىدا، مەكتەپتىن ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلسەم، مەڭزىمدىن سويۇشلىرى…. ھېلىمۇ ئېسىمدە، باشلانغۇچنىڭ 5 …
Featured, ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار »

ئامرىكا يۇقىرى ۋە تۈۋەن ۋەكىللەر كىڭىشى 700 مىليارد ئامرىكا دوللىرىلىق بازار قۇتقۇزۇش پىلانى [Bailout Plan] نى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئامرىكا مالىيە مىنىستىرى خەنك پالسون [Treasury Secretary Hank Paulson] بۇ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلغا ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان بىر دىرىكتور تەيىنلىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ ئىنتايىن بىر مۇھىم ئورۇن بولۇپ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلنىڭ ئەمەلى ئىشلىتىلىش جەريانىغا بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئادەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى بىۋاستە مۇشۇ ئادەم قول تۇتۇپ ئىشلەيدۇ. نەچچە سوقۇشۇپ يۈرۈپ، كىچە كىچە خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ، ئەسلى ئۈچ بەت يوللانغان پىلاننى 400 بەتكە يەتكۈزۈپ ئاران ئۈتكۈزگەن بۇ پۇلنى …
Featured, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

بۇ تىما 2006-يىلى يازدا يېزىلغان بولۇپ ئۇىڭدىن بۇيان بلوگ ئىككى قېتىم ئوخشىمىغان سىستىمىلار ئارىسىدا كۆچكەن بولغاچقا چۈشكەن ئىنكاسلار كۆچۈرۈپ كىلىنمىگەن( ئەسلى سانداندا بار)، ئۇندىن باشقا ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئەسلى تىمىمۇ ھازىر ئېچىلمايدۇ. (2010-09-25)
ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ”“ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ““ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﯸﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯜﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﭗ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﺭ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﮔﻪ ﻛﯜﺗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻱ. (2010-06-08)
ﺑﺎﺷﻼﻧﻤﺎ
90-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ …
Featured, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

بۇ ماقالە 2006-يىلى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يېزىلغان بولۇپ كىيىن بۇ بلوگقا كۈچۈرۈلۇپ كىلىنگەن. 2010-يىلى 2-ئايدا كىچىك ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلدى ۋە سىتاتسكىلار يىڭىلاندى. ئەسلى ماقالە بۇ يەردە بار.
ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯜﺯ
ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺗﯩﻤﺎ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﯞﺍﺧﺘﯩﻨﭽﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺗﯩﻤﯩﺴﻰ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﻳﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ،ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮔﯩﺰﯨﺖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ”ﯞﺍﻱ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ؛ ﻳﺎﭘﯘﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﻮﺧﺘﻪﺭ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ، ﻧﻮﺑﯩﻞ …