Home » Archive

Articles tagged with: research

Headline, ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر »

[2 يانۋار 2011 | 27 Comments | 5,829 قېتىم كۆرۈلدى]
ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا Cranks in Uighurs

بۇلار جاھىل، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. ئۈزىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئۈزىنىڭ قۇرۇپ چىققان سىستىما ۋە رامكىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ، ياكى تەجرىبە ياكى ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىشى بولمايدۇ.پىكر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئۈزىنى ئېينىشتىيىندىن كىين چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ چاغلايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى باشقىلار «چۈشىنەلمىگەن» بولسا بۇ باشقىلارنىڭ دۆتلىكى. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى دۇنيادا ياشايدىغان بولۇپ مۇتەخەسسىلەرنىڭ، كەسپى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالمايدۇ ۋە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىغى، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن باسۇرۇپ قويۇلغانلىغى بىلەن ئۈزىنى كوپېرنىك، بىرونو، گالىلىيلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا جەميىتى. ئۇلار ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار»، «نۇپۇزغا قارشى چىقىشنى قوللايدىغانلار» دەپ كۆرۈپ قارشى تۇرغۇچىلارنى بولسا « كىتاۋى بىلىملەر بىلەن كاللىسى يۇغۇرۇلغان»، «جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار» دەپ قارايدۇ.

ئىلىم-پەن, ئىنگلىس تىلى, ئۇختۇرۇش, ئۈگىنىش »

[19 ئىيۇل 2010 | 8 Comments | 1,401 قېتىم كۆرۈلدى]
«دوكتور ئاشتى» لىق ئۇنۋان ئەمەس، ئوقۇش تارىخىمۇ ئەمەس.  Post-doc is not a degree

يىقىندا توردا شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ بىر پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىغاندا دوكتور ئاشتى پالانچى، دوكتور يىتەكچىسى پالانچى دەپ نەچچە يەردە ئاتاپتۇ. بۇنداق ئاتاش دائىم تورلاردىمۇ، گىزىتلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىلىق چۈشەنچە بىرىپ تېلىۋىزىيە، گىزىت ژورناللاردا ئىشلەۋاتقان ئاخبارات خادىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتا چۈشەنچىسىنى ئۈزگەرتىۋالسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.
ئوقۇشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۋان دوكتورلۇق، شۇڭا ئۇنى ئادەتتە ئاخىرقى ئۇنۋان ( Terminal Degree ) دەپ ئاتايدۇ. ھەر قايسى دۈلەتلەردە دوكتورلۇققا قۇبۇل قىلىش ئوسۇللىرى ئوخشاپ كەتمىسىمۇ لېكىن بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۇنۋان ئىكەنلىگى بىردەكلىككە ئىگە.  يەنە بەزى كەسپلەردە مەسىلەن …

ئۈگىنىش »

[15 سېنتەبىر 2008 | 4 Comments | 1,301 قېتىم كۆرۈلدى]
ئەگەر يەنە بىر قېتىم ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ قالسام If I were Graduate Student Again

تىمىنى كانادا ئوقۇۋاتقان ئابدۈشۈكۈر تەۋسىيە قىلغان بولۇپ ئوقۇپ باقسام ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار ھەقىقەتەن بۇ تىمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسا بۇلىدىكەن. باكلاۋوردا ئوقۇۋاتقانلارمۇ ئوقۇپ قويسا زىينى يوق، چۇنكى نۇرغۇن يەرلىرى يەنىلا ماس كىلىدۇ. تىمىنىڭ ئەسلى يازغۇچىسى كىمۇ ھازىرغىچە ماڭىمۇ ئىنىق ئەمەس. شۇڭا يازغۇچىسى ئەسكەرتىلمىدى. ئابدۈشۈكۈر بۇرۇنمۇ كانادادا ئوقۇش ۋە ۋىزا ئېلىش توغرىلىق ئوچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.