Home » Archive

Articles Archive for ئىيۇل 2010

ئىنگلىس تىلى, ئۈگىنىش »

[26 ئىيۇل 2010 | 7 Comments | 1,499 قېتىم كۆرۈلدى]
ئىنگىلىسچىدىكى i.e. ۋەe.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنى توغرا ئىشلىتىش

يىقىندا توردا ئىلمى ماقالە ئىزدەۋېتىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار يازغان بىر نەچچە ماقالىگە كۆزۈم چۇشۇم قالدى ۋە ئۇلاردا i.e. ۋە e.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنىڭ خاتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ياكى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئىككى سۈز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، لېكىن ئىلمى ماقالىلاردا بەك جىق ئىشلىتىلىدۇ. بۇرۇن مەنمۇ دىققەت قىلماي خاتا ئىشلىتىپ قوياتتىم. كىيىن ئامرىكىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن دىسىرتاسىيە يېزىۋاتقان ۋاختىمدا ئاندىن بۇ ئىككى سۈزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بۇلغان ئىشلىتىش ئورنى بارلىقىنى بايقىدىم. ۋەتەندە ئاسپرانىت ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ قويۇشىنى ياكى توردىن ئاختۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن، ماقالە يازغان ۋاختىڭلاردا ئالدىڭلارغا كىلىدۇ.
i.e. ئەسلى لاتىنچىدىكى id est دىگەن سۈزنىڭ …

ئىلىم-پەن, ئىنگلىس تىلى, ئۇختۇرۇش, ئۈگىنىش »

[19 ئىيۇل 2010 | 8 Comments | 1,401 قېتىم كۆرۈلدى]
«دوكتور ئاشتى» لىق ئۇنۋان ئەمەس، ئوقۇش تارىخىمۇ ئەمەس.  Post-doc is not a degree

يىقىندا توردا شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ بىر پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىغاندا دوكتور ئاشتى پالانچى، دوكتور يىتەكچىسى پالانچى دەپ نەچچە يەردە ئاتاپتۇ. بۇنداق ئاتاش دائىم تورلاردىمۇ، گىزىتلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىلىق چۈشەنچە بىرىپ تېلىۋىزىيە، گىزىت ژورناللاردا ئىشلەۋاتقان ئاخبارات خادىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتا چۈشەنچىسىنى ئۈزگەرتىۋالسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.
ئوقۇشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۋان دوكتورلۇق، شۇڭا ئۇنى ئادەتتە ئاخىرقى ئۇنۋان ( Terminal Degree ) دەپ ئاتايدۇ. ھەر قايسى دۈلەتلەردە دوكتورلۇققا قۇبۇل قىلىش ئوسۇللىرى ئوخشاپ كەتمىسىمۇ لېكىن بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۇنۋان ئىكەنلىگى بىردەكلىككە ئىگە.  يەنە بەزى كەسپلەردە مەسىلەن …

ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلگە چىقىش »

[13 ئىيۇل 2010 | 7 Comments | 1,802 قېتىم كۆرۈلدى]
Jeck چەتكە چىقىشقا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشقا ئىھتىياجى بارلارغا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ Study Abroad Service Available

چەتكە چىقىشتا پاسپورت بىجىرىشتىن باشقا ھالقىلار ھەممىسى ئۈزى قىلالايدىغان ئىش ھەم ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان چەتكە چىقىپ  ئوقۇۋاتقانلار ۋە ياكى باشقا سەۋەپ بىلەن چىققانلار ھەممىسى ئۈزى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا تور بولسا، توردىن ئىزدىيەلىسە ۋە شۇنداقلا ئازراق ئىنگىلىز تىلى ( ۋە ياكى ئۈزى چىقماقچى بولغان دۆلەتنىڭ تىلى) نى بىلسىلا ھەممە ئادەم ئۈزى قىلىپ كىتەلەيدۇ. ئوتتۇرىدا مەسىلىلەرگە ئۇچرىسا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان  بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار مەسلەھەت بىرىپ يول كۈرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ. لېكىن مەسلەھەت بىرىپ كىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم ئۈزىنىڭ خىزمەت، ئائىلە، ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغانلىغى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارنىڭ ماتىرىيالىنى بىردىنبىر كۆرۈپ …

ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

[11 ئىيۇل 2010 | 9 Comments | 1,347 قېتىم كۆرۈلدى]
ھىندىستاندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىڭ، قىزلار ئۈچۈن، ئىككى سان.  Apply For High School Scholarship in India

يىقىندا بىر تۇنۇشۇم تۈۋەندىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىپتىكەن، قىزىقىدىغانلار بوپ قالسا ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭلار. بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى WoodStock ئىكەن، ئىزدەپ كۆرگەن ئوچۇرلارغا قارىغاند بۇ مەكتەپ بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىللار بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇپ ياتاقلاشقان ۋە كۆلەملەشكەن خەلقارالىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەن، ھىندىستان ۋە جەنۇبى ئاسىيادا داڭلىق مەكتەپ ھىساپلىنىدىكەن. ئۇلار مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئېتنىڭ مەنبەسىنىڭ ھەرخىللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرىق، جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىن كەلگەن ئىككى قىز ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرمەكچى بوپتۇ، 9- ياكى 10 سىنىپقا ئوقۇيدىغانلار بولسا بۇلىدىكەن، ئىنگىلىز تىلىدا راۋانراق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. قىززىقىدىغانلار ئۇچۇرنى تەپسىلى كۆرۇڭلار. ئىلتىماس قىلىش ۋاختىنىڭ …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[4 ئىيۇل 2010 | 15 Comments | 2,234 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا خوتۇننى ئۇرۇش Beating Your Wife in America

ئامرىكىنىڭ چوڭ كىچىك قانۇنلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئادەم ئاران تۇرىدۇ قانۇن بىلەن ئوينىشىپ قالغىلى، مەسىلەن، ئادەم يا خوتۇننى ئۇرغىلى بولمىغان يا بالىسىنى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۈزەمنى دىمىدىم، مەنغۇ ئۈزەمنى دەڭسەپ باقسام ھىچ خوتۇننى ئۇرالايدىغاندەك ئەمەس، ھەم بۇ كەمنىڭ خوتۇنلىرىنى ئۇرۇپ قۇتۇلغىلى بۇلامدۇ دىسە، بۇلوپمۇ ئامرىكىدا. ئاندىن ئامرىكىنىڭ ئادەملىرىمۇ ئارتۇق ئىشقا ئارلاشقىلى ئامراق، كوچىدا ماڭسىمۇ، ماشىنا ھەيدىسىمۇ، ئۆيىدە ئولتۇرسىمۇ، خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپلا تۇرىدۇ. لېكىن بىزدەك ئارلىشىپ ئارىغا كىرىپ كىلىشتۇرۇپ قويمايدۇ، بەلكى ئىشىنى قىلغاچ ساقچى چاقىرىپ قويىدۇ. ئاندىن ساقچىلارمۇ بەزىدە رۇدىپايدەك كىرىشىپلا قالىدۇ، يوقلا بىر ئىشنى سوراپ كەپ قالسىمۇ ئالەمنىڭ نەرسىسىنى سوراپ باقىدۇ. تېخى …

ئۇختۇرۇش »

[4 ئىيۇل 2010 | 18 Comments | 1,066 قېتىم كۆرۈلدى]
بلوگ ئەسلىگە كەلدى Blog Resumed

بلوگ ئەسلىگە كەلدى. 
ۋاقىت دىگەن ئەجەپ تىز ئۆتىدىكەن، ھەش پەش دىگۈچە مانا بلوگ يازمىغىلى بىر يىل بۇلاپ قاپتۇ. گەرچە بلوگ بىر يىل يىڭىلانمىغان بولسىمۇ بلوگنى يۇقلاپ تۇرىدىغانلار بىر كۈنمۇ ئۈزۈلمىدى، تور ئېچىلغاندىن كىيىنلا ئەمەس تور يوق ۋاقىتلاردىمۇ  چەتئەلدىن كىرىپ، تام ئاتلاپ كىرىپ، يەنە بىر نىمىلەرنى قىلىپ كىرىپ زىيارەت مىقدارى ئاز بوپ كەتمىدى، ھەتتا كىرگەن تورداشلار ئىلاننى چىكىپ قويۇشنىمۇ ئۇنۇتمىدى. تور يوق ۋاقىتتىمۇ گۇگۇلدىن 100 دوللار ئېلىپ خوتۇنغا خەجلەپ بىرىپ خوتۇننى خوش قىپ بولدۇم،لېكىن شۇ تورداشلارنى خوش قىپ بۇلالمىدىم. تور ئېچىلسۇن دەپتىمەن، تور ئېچىلىپتى ئىمتاھانلار باشلىنىپ ئالدىراش بولۇپتىمەن، تەتىل بوپتۇ ئارام ئېلىپ …