باشبەت » ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلگە چىقىش

Jeck چەتكە چىقىشقا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشقا ئىھتىياجى بارلارغا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ Study Abroad Service Available

13 ئىيۇل 2010 1,395 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس

چەتكە چىقىشتا پاسپورت بىجىرىشتىن باشقا ھالقىلار ھەممىسى ئۈزى قىلالايدىغان ئىش ھەم ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان چەتكە چىقىپ  ئوقۇۋاتقانلار ۋە ياكى باشقا سەۋەپ بىلەن چىققانلار ھەممىسى ئۈزى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا تور بولسا، توردىن ئىزدىيەلىسە ۋە شۇنداقلا ئازراق ئىنگىلىز تىلى ( ۋە ياكى ئۈزى چىقماقچى بولغان دۆلەتنىڭ تىلى) نى بىلسىلا ھەممە ئادەم ئۈزى قىلىپ كىتەلەيدۇ. ئوتتۇرىدا مەسىلىلەرگە ئۇچرىسا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان  بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار مەسلەھەت بىرىپ يول كۈرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ. لېكىن مەسلەھەت بىرىپ كىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم ئۈزىنىڭ خىزمەت، ئائىلە، ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغانلىغى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارنىڭ ماتىرىيالىنى بىردىنبىر كۆرۈپ ئۇلارغا ماس كىلىدىغان مەكتەپ ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى يېزىش، 10 نەچچە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش، نەتىجىسىنى كۆتۇش، مەكتەپكە تېلفۇن قىلىش، ۋىزىغا كىتىدىغان ماتىرىياللىرىنى تەييارلاپ بىرىش دىگەندەك قول تۇتىدىغان ئىشلارنى تەپسىلى ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ بىرەلمەيدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە كۈزىتىشىمچە چەتكە چىقماقچى بولغانلار ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن ئىچكىردىكى ۋە ئۈرۈمچىدىكى چەتكە چىقىش شىركەتلىرىگە قويۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ.  مىنىڭ ئاڭلىغانلىرىم ئىچىدە، ماڭا كىلىۋاتقان خەتلەر ئىچىدە كەم دىگەندە 20مىڭ سومدىن تارتىپ جىق بولغاندا 150مىڭگىچە قويۇلۇپ كىتىپ خەقنى تاپالماي پۇلىنى ئالالماي يۈرگەنلەر بىر مۇنچىسى بار. ئويلاپ باقسام شۇ ۋاستىچى شىركەتلەر قىلغاننىڭ ھەممىسىنى مەن قىلالايدىكەنمەن ھەم خەقنى ئالدىمايمەن. مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ مەنمۇ شۇنداق مۇلازىمەت قىلاي دەپ ئويلىدىم.  شۇڭا ئۈزى ھەقىقەتەن قىلالماي ۋاستىچى شىركەت ئىزدەپ ئىشلىرىنى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلار پۇلى بارلار مىنى ئىزدىسەڭلار بۇلىدۇ.  مەيلى قايسى تۈر بولسۇن مۇلازىمەت ھەققى ۋاستىچى شىركەتلەردىن ئەرزان بۇلىدۇ. شۇڭا ئاۋل ۋاستىچى شىركەتلەرنى ئىزدەپ ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللەپ ئاندىن مىنى ئىزدىسەڭلار بۇلىدۇ.  (مەسلەت ئالىدىغانلار بۇرۇنقىدەكلا مۇت، يەنى ھەقسىز، ۋاستىچى شىركەتلەرگە ھاۋالە قىلىپ ئۇلارنىڭ دىگەنلىرى يالغانمۇ راستمۇ، ئادەم ئالدامدۇ قانداق دەپ خەت يېزىۋاتقانلارمۇ بۇرۇنقىدەقلا ئىزدەۋەرسەڭلار  بۇلىدۇ، مۇتقا).  ئامرىكا ئەمەس باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇلىدۇ.

نەزىرىيە جەھەتتىن ۋاستىچى شىركەتلەر قىلىپ بىرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بىرىمەن، مەسىلەن :

1. ئاۋال ئەھۋالنى چۈشىنىپ سىزگە ماس كىلىدىغان مەسلەھەت بىجىرىش

2. سىزگە ماس كىلىدىغان بىر نەچچە تەكلىپ تەييارلاپ سىزگە بىرىش،

3. بىر تەكلىپنى تاللىغاندىن كىيىن شۇنىڭغا كىتىدىغان ماتىرىياللارنى يېزىش، ئىلتىماس قىلىش،

4. مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش،

5. ئەلچىخانىغا كىرىدىغان ماتىرىياللارنى تەييارلاپ سىزنى ئەلچىخانىغا ۋىزا ئالغۇدەك قىلىش.

6. ئوتتۇرىدىكى يەنە چوڭ كىچىك ئۇششاق ئىشلار.

7. مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشتا مۇھىم بولغان ماقالە دىگەندەك نەرسىلەرنى ئامرىكىدىكى مۇشۇ جەھەتتىكى ئوزۇن مەزگىل مۇلازىمەت قىلىپ كىلىۋاتقانلارغا يازغۇزۇپ بىرىمەن ياكى تۈزەتكۈزىمەن.

ئۇندىن كىيىن ئارلىقتىكى مۇھىم ھالقا بولغان پاسپورت بىجىرىش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ (بىلىشىمچە ۋاستىچى شىركەتلەرمۇ بۇنى قىلالمايدۇ) لېكىن پاسپورت بىجىرىشقىچە كىتىدىغان تەكلىپنامىنى قىلغىلى بۇلىدۇ. ئەلچىخانىدىن بولۇپمۇ ئامرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ بىرىمەن دەپ ھىچكىم دىيەلمەيدۇ، لېكىن ئالدىدىكى تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىشىپ بەرگىلى بۇلىدۇ.

ئامرىكىدا ئوقۇش تۈرلىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش، كىلىپ قسىقا ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك تىل مەكتەپتە ئوقۇش، ئادەتتىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇش نامى بىلەن كىرىپ ئامرىكىدا ئويناپ كىتىش دىگەنلەرنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئۇندىن باشقا سودا ئىشلىرى بىلەن كىلىمەن دىگەنلەرگىمۇ مۇۋاپىق تەكلىپنامە تېپىپ بەرگىلى بۇلىدۇ ( مۇشۇ يەردىكى شۇنداق شىركەتلەرنى ئىزدەپ پۇل بىرىپ   دىگەندەك).

ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى بىۋاستە مەكتەپكە ئۈزەڭلار ئىلتىماس قىلىڭلار. چۇنكى باكلاۋىر پۈتتۈرگەن ئادەم بۇنى قىلىپ كىتەلەيدۇ ھەم مەن چوقۇم قۇبۇل قىلدۇرۇپ بىرەلەيمەن دىيەلمەيمەن، ئوقۇش مۇكاپاتى تېخىمۇ تەس. ئۈستىدە دىگەنلىرىممۇ ھەممىسى ئۈزى پۇل تۆلەشنى خالايدىغان پۇلى بارلار ئۈچۈن ئېيتىلغان. ئەمما مەكتەپلا بولسا مەيلى، پۇل تۆلەشنى خالايمەن، ئۈزەم قىلالمايمەن دەيدىغانلار بولسا مەيلى.

ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلار بۇرۇن ئالاقىلىشىشى كىرەك، باشلىغاندىن تارتىپ مەكتەپكە كىرىپ بولغۇچە بەلكىم 6 ئايدىن بىر يىلغىچە ۋاقىت كىتىدۇ.

شۇنداق ئىھتىياجى بارلار بىۋاستە مەن بىلەن ئاۋال ئىلخەت بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بۇلىدۇ، ئاندىن مەن تېلفۇن ئۇرىمەن، ئىلخەت ئادىرسى:  jeck217@gmail.com

6 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..