باشبەت » چەتكە چىقىش مۇلازىمىتى

چەتكە چىقىش مۇلازىمىتى

مەن بۇرۇن بۇ تىمىدا دەپ ئۆتكەندەك،  مەن بۇرۇندىن قىلىپ كەلگەن مەسلەھەت بىرىش، يول كۆرسىتىش ئىشلىرىدىن باشقا يەنە باشقىلار مەندىن مەلۇم ئىشلارنى قىلغۇزۇشنى خالىسا پېقىر ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇ ئىلان مەن مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە كۆچكە ئىگە. قىلىدىغان ئىشلار ئىھتىياجقا قاراپ بۇلىدۇ. ھىچكىمنى ئالدىمايمەن ۋە مۇلازىمەت ھەققى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن تۈۋەن بۇلىدۇ. مىنىڭ ئامرىكىدا ۋە دۈلەت ئىچىدە ھىچقانداق ئورۇن ۋە شەخىس بىلەن مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە باغلىنىشىم ياكى ھەمكارلىقىم يوق. پەقەت ماڭا ھاۋالە قىلغۇچى شەخىسكىلا بىۋاستە مۇلازىمەت قىلىمەن.

مۇلازىمەت تۈرلىرى:

1. ئامرىكىدا تىل مەكتەپتە ئوقۇش
ئامرىكىدا ئىنگىلىس تىلى تەربىيەلەش مەكتەپلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ھەممە شىتاتلاردا ئاساسەن بار، شۇنداقلا ھازىر بۇ ئارقىلىق ۋىزا ئىلىپ كەلمەكمۇ ئۇنچە تەس ئەمەس. ئادەتتىكى كۇرس خاراكتىرلىق مەكتەپلەرمۇ بار، مەخسۇسلاشقان تىل تەربىيەلەش مەكتەپلىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى چوڭ ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ تارمىقىدىكى مۇنتىزىم تىل مەكتىۋىمۇ بار.  چەتئەلدىن كىلىپ ئوقۇغانلار كەم دىگەندە ھەپتىسىگە 20 سائەتتىن ئارتۇق دەرىس ئوقۇشى كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئوقۇغۇچى ۋىزىسى ئېلىپ ئامرىكىغا كەلسە بۇلىدۇ. ئوقۇش ۋاقتى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولسا ۋىزا ئېلىشتا كۆپ توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ. ئوقۇش پۇلى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سۈپىتى، مەكتەپنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېچىلغانلىغى، مەكتەپنىڭ قايسى ئورۇنغا جايلاشقانلىغى دىگەندەك ئامىللارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.  ئەرزان بولغاندا خەنزۇلار ئاچقان تىل مەكتەپلىرى بۇلىدۇ، ئوقۇش پۇلى ئايلىقى 500 دوللار ئەتراپىدا، لېكىن ئوقۇتقۇچىمۇ خەنزۇ بۇلۇشى مۇمكىن. بۇلار ئامرىكىغا كىلىۋىلىشنى مەقسەت قىلغانلارغا ماس كىلىدۇ.  ئۇنۋېرسىتىتلار قارمىقىدىكى تىل مەكتەپلەر بىر قەدەر مۇنتىزىم، ئوقۇتقۇچىلىرى ياخشى، كىرگەندىن كىيىن پۈتۈن ئۇنۋېرسىتىتنىڭ مەنبەلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ، ئوقۇش پۇلى ئايلىقى 1000-1200 دوللار ئەتراپىدا. يەنە ياخشى يىرى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شۇ مەكتەپنىڭ تىل سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن TOEFL دىگەندەك ئىمتاھانلارنى بەرمەي شۇمەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ ( مەسىلەن، مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ).  بۇ ئامرىكىدا تولۇق كۇرس ئوقۇشنى مەقسەت قىلغانلارغا ماس كىلىدۇ. ئاسپرانتلىق ئوقۇيدىغانلار بولسا گەرچە TOEFL نى تەلەپ قىلمىسىمۇ GRE نى يەنەتەلەپ قىلىدۇ. ئىنگلىس تىلىنى ھىچنىمە بىلمەيدىغانلار بىر يىل ئوقۇسا مەكتەپكە كىرىپ راۋان دەرىس ئوقۇش سەۋىيەسىگە يىتىدۇ. تۇرمۇش پۇلى ئادەتتە چوڭ شەھەردىكى مەكتەپلەر بولسا ئايلىقىغا 1200 دوللار ئەتراپىدا،كىچىك يەرلەردىكى مەكتەپلەر بولسا 800 دوللار ئەتراپىدا كىتىدۇ.  ئىلتىماس قىلغۇچى 18 ياشتىن يۇقىرى بۇلۇشى كىرەك.

ھەر ئايلىق نورمال چىقىمى: ئوقۇش پۇلى 800-1000 دوللار ئەتراپىدا، تۇرمۇش پۇلى800-1000 دوللار ئەتراپىدا. كەم دىگەندە ئىككى ئايلىقتىن باشلىنىشى كىرەك. يازلىق تەتىل ۋاختىدا كىلىپ تىل ئوقۇپ كىتىدىغانلارغىمۇ ماس كىلىدۇ ھەم مەن شۇنداق قىلىپ بىرىپ كىلىپ ئوقۇغانلار بار.
مۇلازىمەت ھەققى: يۈز تۇرانە كىلىششىش.
كىتىدىغان ۋاقىت: مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ كىلىشكەندىن تارتىپ ئامرىكا چىگرىسىغا كىرگەنگىچە كىتىدىغان ۋاقىت: 1-3 ئاي.

2. ئامرىكىدا سودا،  باشقۇرۇش، تېخنىكا، بوغالتېرلىق  كەسىپلىرىدە ئوقۇش
بۇ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا ماس كىلىدۇ. TOEFL, GRE, GMAT بولمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى بولمايدۇ، مەكتەپنىڭ ئۆزىمۇ بەك داڭلىق مەكتەپلەر ئەمەس. TOEFL نەتىجىسى بولمىسا ئاۋال مەكتەپكە كىلىپ نەچچە ئاي تىل مەكتەپتە ئوقۇپ ئاندىن كەسىپ ئوقۇسا بۇلىدۇ. ئوقۇش پۇلى يىلىغا 10-20 مىڭ دوللار ئەتراپىدا،بولۇپ مەكتەپلەر ئارا ئوخشاش ئەمەس. تۇرمۇش پۇلى ئايلىقىغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 1000-1200 دوللار ئەتراپىدا كىتىشى مۇمكىن   ئوقۇش ۋاختى بىر يىرىم يىلدىن -ئىككى يىلغىچە.

مۇلازىمەت ھەققى: يۈز تۇرانە كىلىششىش.

3. ئامرىكىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇش:
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرگە ماس كىلىدۇ، ئاۋال ئامرىكىغا تىل مەكتەپكە كىلىپ تىل ئۈگىنىپ ئاندىن ئەھۋالغا ئاساسەن مەكتەپ ئىلتىماس قىلسىمۇ بۇلىدۇ. ياكى بىۋاستە مەكتەپكە كىلىپ ئاندىن شۇ يەردە ئاۋال تىل ئوقۇپ ئاندىن كەسىپكە چۈشسىمۇ بۇلىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ ئوقۇش يىللىق ئوقۇش پۇللىرى 10مىڭ دوللاردىن تارتىپ 30مىڭ دوللارغىچە ئوخشىمايدۇ. قانداق مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالىشى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇش نەتىجىسى ۋە ئىپادىسى دىگەندەك ئەھۋاللارغا باغلىق.
مۇلازىمەت ھەققى: يۈز تۇرانە كىلىششىش.

4. ئامرىكىدا ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش:
بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغۇچى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بۇلۇشى كىرەك ۋە 14 ياشتىن چوڭ بۇلۇشى كىرەك. بالىسىنى ئامرىكىدا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتۇشنى خالايدىغان بايلارغا ماس كىلىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ يىللىق خىراجىتى ( ئوقۇش، تاماق، ياتاق) 30 نەچچە مىڭ دوللاردىن  باشلىنىدۇ.
مۇلازىمەت ھەققى: يۈز تۇرانە كىلىششىش.

5. ئامرىكىغا باشقا سەۋەپلەر بىلەن كىلىش. بۇلار ئەمەلى ئىھتىياجغا ئاساسەن بۇلىدۇ، مەسىلەن تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يازلىق لاگىر پالىيەتلىرى تېپىپ بىرىش، سودا ۋە تەكشۈرۈشكە كىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بىرىش، قاتنىشىدىغان يىغىن تېپىپ تېپىپ بىرىش، ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇش دىگەندەك.

6. ئامرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىش. بۇلار ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يۇقارقىلار ئۈچۈن مەن قىلىپ بىرىدىغان ئىشلار:
1) ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى بىلىپ شۇنىڭ ماس كىلىدىغان ئۇچۇر ئىزدەش
2) تاپقان ئۇچۇرغا ئاساسەن كىڭىشىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن تىل مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش
3) ئوقۇش چاقىرىقىنى ئالغاندىن كىيىن  ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋىزا ماتىرىياللىرىنى تەييارلىشىغا ۋە ئەلچىخانىغا كىرىپ ۋىزا ئېلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش.
4) ۋىزا ئالغاندىن كىيىن ئامرىكىغا كىلىپ-كىتىدىغان سەپىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئايرۇپىلان بىلىتى ئېلىش، ئايرۇدۇرۇمدىن ئېلىۋالىدىغان ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش، ياتىدىغان ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇش
5) ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئامرىكىدىكى ئىشلىرىغا يول كۆرسىتىش، ئۇچرىغان قىينچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىپ بىرىش، ئامرىكىدىكى ۋاختىدا ھەر ۋاقىت تېلفۇن بىلەن مەسلەھەت بىرىش. ئەگەر لازىم بولسا شۇ تۇرۇۋاتقان جايغا يىقىن تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنى تېپىپ بىرىش.
6) يەنە باشقا زۈرۈر بولغان ئىشلار.

ھەممە مۇلازىمەتنىڭ تۇلۇق كاپالىتى بۇلىدۇ. ھەممە مۇلازىمەتنى ئاۋال تەپسىلى ديىشىپ، توختام تۈزۈشۈپ ئاندىن پۇل تاپشۇرىدۇ. پۇل تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مەن ئىشلەشنى  باشلايمەن. ئەگەر دىيىشكەن ئىشلارنى قىلالمىسام، ئۈچ قېتىم ۋىزىغا كىرىپ يەنە ۋىزا ئالالمىسا پۇلنى ياندۇرۇپ بىرىمەن. ئەگەر ئىشىنەلمىسە ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىم ياكى دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشۇپ شۇلار ئارقىلىپ ئېلىپ بارسىمۇ بۇلىدۇ.

نىمە ئۈچۈن ئەتراپڭىزدىكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا قارىغانغا Jeck نىڭ ئالاھىدە؟
1.ئۇيغۇرلارنىڭ ئامرىكىدىن ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىغا يول كۆرسىتىشتە Jeckنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى بار. بۇ ئەتراپىڭىزدىكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا قارىغاندا Jeckنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى. Jeck ئۈزى ھازىرغىچە نەچچە قېتىم ۋىزىغا كىرىپ بىر قېتىممۇ رەت قىلىنىپ باقمىغان. 5-6 يىلدىن بېرى كەم دىگەندە 30 نەچچە ئادەمگە ۋاستىلىق ياقى بىۋاستە يول كۆرسىتىپ ئىچىدە رەت قىلىنىپ كىلەلمىگىنى بىر، بىرىنچى قېتىم رەت قىلىنىپ ئىككىنچى قېتىمدا ۋىزا ئالغىنى 3، ئىككى قېتىم رەت قىلىنىپ 3-قېتىمدا ئالغىنى بىر، قالغاننىڭ ھەممىسى بىرىنچى قېتىمدىلا ۋىزا ئېلىپ ئامرىكىغا كەلگەن\كىلىپ كەتكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئەتراپىڭىزدىكى ۋاستىچى ئورۇنلار گەرچە تەجرىبىمىز مول دەپ پو ئاتسىمۇ ئۇ تەجرىبىسى خەنزۇلارغا قارىتىلغان. ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ئىشلىرىدا تەجرىبىسى يوق، ياكى ئۆزى كىرىپ بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان.  
2. بارلىق جەريان ئاشكارا بۇلىدۇ. مەن قانچىلىك مۇلازىمەت ھەققى ئالدىم، مەكتەپكە ۋە باشقا ئورۇنلارغا قانچىلىك پۇل تۆلىدىڭىز، پۇلىڭىز قەيەرگە كەتتى ھەممىنى بىلىپ تۇرىسىز. مەن تۆلىگەن بارلىق پۇللارنىڭ تالۇنىنى سىزگە بىرىمەن. ئادەتتە ۋاستىچىلىك ئورۇنلىرى سىزگە بۇلارنى دىمەيدۇ، پۇلىڭىزنىڭ نەگە خەجلىگەنلىگىنى بىلەلمەيسىز.
2. سىزگە يالغان ئوچۇر بىرىلمەيدۇ. ئالدامچىلىق قىلىنمايدۇ.  ھەممە ئوچۇرلار سىزگە ئۆز ئەينى، كۆپتۈرۈلمەي يەتكۈزىلىدۇ. ئادەتتە چەتكە چىقىش ۋاستىچىلىك ئورۇنلىرى سىزگە بارىدىغان ئورۇننى ۋە مەكتەپنى كۆپتۈرۈپ ماختاپ سىزنى ئىشەندۈرىدۇ. كىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئالدانغانلىقىڭىزنى بىلىسىز.
3. ئامرىكىغا كىلىپ بولغاندىن كىيىنمۇ مەن يەنە سىزنىڭ كىيىنكى مەزگىللىك پىلانلىرىڭىز ۋە غايىڭىزگە يىتىشىڭىز ئۈچۈن يول كۆرسىتىمەن. قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرسىڭىز قولۇمدىن كەلگەنچە ياردەم قىلىمەن. ئەگەر مەن بار شەھەرنىڭ ئۆزىگە كەلسىڭىز ئۆز ئىنىم\سىڭلىمنىڭ ئورنىدا خەۋەر ئالىمەن.
4. ئىشەنچلىك. مىنىڭ كىم ئىكەنلىگىم ئۇزۇندىن بېرى تورغا، جامائەتكە ئاشكارا. پۇلىڭىزنى ئېلىپ بىر يەرگە قېچىپ كىتەلمەيمەن، نەتىجىسىنى چىقىرالماي بېشىمىنى ئىچىمگە تىقېۋېلىپ يۈشۈرنۇۋالمايمەن. ۋاستىچى شىركەتلەردىكى خەنزۇلار بولسا پۇلىڭىزنى ئېلىپ يوقاپ كەتسە نەدىن ئىزدەشنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز.

يۇقارقى مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر ئىقتىسادى بولغان، قانداق قىلىشنى ئۇخمايدىغان ياكى ئۇقسىمۇ ئالدىراش بولغاچقا بۇلارغا ۋاقىت چىقىرىشنى خالىمايدىغانلارغا ماس كىلىدۇ.  ئىقتىسادى قىيىنچىلىغى بارلار ئۆزلىرى توردىن ئۇچۇر ئىزدەپ شۇلارغا ئاساسەن بىجىرىپ ماڭسا ھەممىنى ئۈزى پۈتۈنلەي قىلىپ كىتەلەيدۇ.

ئالاقە قىلىش: jeck217@gmail.com

Share to Facebook 分享到人人(校内)网