Home » Archive

Articles tagged with: Application

Headline, چەتئەلگە چىقىش »

[31 يانۋار 2011 | 3 Comments | 2,117 قېتىم كۆرۈلدى]
پروفىسسورغا يازىدىغان بىرىنچى پارچە خەت First Email to A Professor

1. قىسقا يېزىڭ، يەنى ئۇزۇن ئىلخەتلەرنى يازماڭ. چۇنكى پروفىسسورلار ئادەتتە ئالدىراش بۇلىدۇ، شۇڭا ناتۇنۇش ئادەمدىن كەلگەن ئۇزۇن خەتلەرنى ئۇلار ئوقۇماسلىقى مۇمكىن. ئوزۇن خەتلەرنى يازسىڭىز ئۇلار خېتىڭىزنى ئوقۇپمۇ قويماسلىقى مۇمكىن.
2. نەخ گەپنى دەڭ. ئاۋال ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇڭ، ئاندىن نەتىجىلىرىڭىزنى (qualifications) دەڭ، ئاندىن ئۈزىڭىزنىڭ ئۇ پروفىسسورنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە چوڭقۇر قىزىقىش بارلىقىنى بىلدۈرۈڭ. ئاخىرىدا ئۇ پروفىسسورنىڭ سىز ئۈچۈن ئاساسلىق يىتەكچى پروفسسور بۇلۇشنى خالايدىغانلىغىنى سوراڭ.
3. جىددىلىشىپ كەتمەڭ، لېكىن خېتىڭىزدىكى گىرامماتىكىلىق ۋە يېزىلىشتىكى خاتالىقنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۇشكە تىرىشىڭ. باشقىلارنىڭ خېتىڭىزنى تەكشۇرۈپ ئوقۇپ بەرسىمۇ پايدىسى بار. لېكىن باشقىلارنىڭ ۋاختى بولمىسا ياكى سىز خېتىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئوقۇشىنى خالىمىسىڭىز

Headline, ئىلىم-پەن, چەتئەلگە چىقىش »

[21 دېكابىر 2010 | 3 Comments | 2,970 قېتىم كۆرۈلدى]
PhD مۇ ياكى MS مۇ؟

مەنمۇ بۇرۇن ئامرىكىدا ئوقۇش ئىلتىماس قىلغاندا MS ئوقۇشقا قارىغاندا PhD ئوقۇش ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلى (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى)غا ئىرىشمەك ئاسانراق دەپ ئاڭلايتتىم. ھازىر مەن ئۇنۋېرسىتىتتا ئىشلەۋاتقان ۋاختىمدىمۇ يەنىلا PhD ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلىغا ئىرىشمەك ئاسان دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۈزەم بىلىدىغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق بۇ كۆزقاراشنى ئايدىڭلاشتۇرسام دەپ ئويلايمەن.
ئۇنۋېرسىتىتلار PhD ئىلتىماسىنى ئاۋال ئويلىشىدىغانلىغى راس.لېكىن PhD ئوقۇش ئىلتىماسىغا قويۇلغان تەلەپمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ. PhD /ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ياردەم پۇلىغا ئىرىشىش MS كە قارىغاندا ئاسان بۇلىدۇ دەپ قاراش توغرا ئەمەس. بەزى مەكتەپلەر MS دىپلومى بولمىسا PhD ئوقۇش ئىلتىماسى قۇبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا سىز ئاۋال MS ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشىڭىز كىرەك. شۇڭلاشقا سىز ئاۋال مەكتەپلەردىكى ھەر قايسى ئوقۇش پروگراممىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىڭىز ۋە پروفىسسورغا ئىلخەت يېزىپ ئۇنىڭ PhD ياكى MS ئوقۇغۇچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.

Headline, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

[18 ئۆكتەبىر 2010 | 7 Comments | 11,694 قېتىم كۆرۈلدى]
فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى

ئىش تېپىش فرانسىيەدە بىر ئاز تەس. لېكىن ئىشنىڭ خاراكتېرىغا باغلىق ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن مۇتلەق كۆپچىلىكى موتو مىنىپ تاماق توشۇيدىغان ئىش قىلىدۇ. بۇ خىل ئىشنى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا بىر بىرىگە ئۇچۇر بېرىپ تېپىشىپ بېرىدۇ. يازدا يېزىلارغا چىقىپ مىۋە ئۈزۈش ئىشلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. قىزلاردىن تولىسى خەنزۇلارنىڭ ماگىزىنلىرىدا پىركازچىكلىق قىلىشىدۇ ياكى رېستورانلاردا كۈتكۈچى بولىدۇ. بۇ خىل ئىشلارنىمۇ ئۆز ئارا ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق تاپقىلى بولىدۇ. پارىژ رايونىدىن باشقا يەرلەردە بۇنداق ئىشلارنىمۇ تېپىش تەس. بۇنداق ئوقۇغۇچىلىق خىزمەتلىرىدە سائىتىگە 8 ياۋرو ئىش ھەققى ئالىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن شەخسى دەرسخانە شىركەتلىرى بولۇپ، تىل دەرسى ياكى باشقا دەرسلەرنى بەرسىمۇ، بۇنىڭ ھەققى بىر ئاز يۇقىرى ھەم يېنىك بولىدۇ. لېكىن، خەنزۇ تىلى ئاساسەن دەرس تىزىملىكىدە يوق. باشقا دەرسلەرنى بېرىش ئۈچۈن، يېتەرلىك فرانسۇز تىلى سەۋىيىسى بولۇشى كېرەك. يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزدىن ھەم ئەرزان تىل ئېگەللىشىدىكى يەنە بىر پۇرسەت، ”ئائىلىدە تۇرۇش“.

Headline, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم, چەتئەلگە چىقىش »

[12 ئۆكتەبىر 2010 | 17 Comments | 4,360 قېتىم كۆرۈلدى]
فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار

فىرانسىيەدە ئوقۇشقا چىقىش ھازىر ۋەتەندە چەتكە چىقماقچى بولغانلار ۋە چىقىۋاتقانلارنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق تاللىشى بولۇپ قالدى. چۇنكى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگەر سېلىشتۇرغاندا فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىقىشنىڭ چىقىملىرى نىسبەتەن ئاز، ئوقۇش پۇلى تۈۋەن، لېكىن مائارىپ سەۋىسىيە خەلقئارا ئالدىنقى قاتاردا، رەسمىيەتلىرى ۋە تەلەپلىرى نىسبەتەن ئاددى بولۇپ ئۇيغۇر جەميىتىدىكى بىر ئۈيدە ئىككى ئادەم ئىشلەپ نورمال ياكى نورمالدىن سەل يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىييسىدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا قاتلام ئائىلىلەر بىرەر-يۈزمىڭ يۈەن بىلەن بالىسىنى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتەلەيدۇ. فرانسىيەنى ھازىر ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت دىسەكمۇ بۇلىدۇ. ماڭىمۇ يىقىنقى مەزگىللەردە فىرانسىيەدە ئوقۇشقا ئۇچۇر ئىزدەپ كىلىۋاتقان خەتلەرنىڭ سانى بىردىنلا كۆپىيىپ قالدى. شۇنى نەزەردە تۇتۇپ فىرانسىيەدە ئوقۇش توغرىلىق تورداشلارغا تەپسىلى ئۇچۇر بىرىشنى ئويلىشىپ ھازىر فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان دىلنۇر رەيھان (پۇلات) نى بۇ تۈغرىلىق مەلۇمات بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم.

خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[3 ئاپرېل 2009 | 6 Comments | 1,105 قېتىم كۆرۈلدى]
Web 2.0 يىغىلىشىدا Mr Jeck at Web 2.0 Expo in SF

تۈنۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن بىللە سان فىرانسىسكو دا ئېچىلىۋاتقان web.20 كۆرگەزمىسى ۋە يىغىلىشىغا بارغان ئىدىم. بۇ يىغىلىش web 2.0 دۇنياسىدىكى تەسىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان يىغىلىش بولۇپ مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق تېخنىكىلىق شىركەتلەر يىغىلىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، كۈ قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ، يىڭى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ كۆلىمى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن مەن ئۇچۇر بەرگەن ۋە رەسىملەرنى چىقارغان Macworld دىن سەل كىچىكرەك. لېكىن ئىنتېرنېت ئۇچۇرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ئۈچۈن مۇھىم ھىساپلىنىدۇ. پېقىرمۇ توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتمەكچىمەن. ئېلىپ بارغان ئاپىراتىمغا توك قاچىلىماشنى ئۇنتۇپ قېلىپ بېرىپتىكەنمەن، شۇڭا رەسىمگە تارتالمىدىم. چىقىرىپ قويغان رەسىملەر توردىن ئېلىنغان.
web 2.0 …

ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئۈگىنىش, تەجرىبە, چەتئەلگە چىقىش »

[8 دېكابىر 2008 | 18 Comments | 1,059 قېتىم كۆرۈلدى]
ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(2)   Detailed steps to Apply Italian Universities

ۇ كەسىپلەرنىڭ بىر قسىمى ئاساسى مەكتەپ رايۇنى (مىلەن شەھرىدە) بولغان leonardo ,bovisa لاردا بولسا يەنە بىر قىسمى LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان. بۇنىڭ ئچىدە 3-4-5-6-7-9-لار LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان بۇلۇپ 100 نەپەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ھەر يىلى 5000 ياۋرو بىرىدۇ. نىمە سەۋەپتىنكىن، بۇ پۇل بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا 10000ئىكەندۇق،مەن كەلگەندە 8000 بولغان، ھازىر 5000غا چۇشۇپ قاپتۇ. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن 5000 بولسمۇ ، تىجەپرەك خەجلىسە يەنىلا يەتكۈزگىلى بۇلىدۇ. (ياتاققا يىلىغا 3500 ئەتراپىدا، تاماققا 1500 ئەتراپىدا). شۇڭا 5000 بولسىمۇ ئرىشپلا قالسىڭىز ،قىلچە ئىككىلەنمەي كەلسڭىز بۇلىدۇ. بۇ ئىككى شەھەر مىلەننىڭ شىمالىغا جايلاشقان (40 كىلومىتىر ئەتراپىدا ) مىلەندىكى پۇلدارلارنىڭ ئارام ئالىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان شەھىرى، مۇھىتى گۈزەل، تىنىچ ۋە راھەت.

ئوقۇش ئوچۇرلىرى, چەتئەلگە چىقىش »

[25 مارت 2008 | 3 Comments | 1,003 قېتىم كۆرۈلدى]
Japan ياپۇندا ئوقۇش

باشقا چىقىملار: كونا يىلنى ئۇزىتىش ئولتۇرۇشى (ياپونىيىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇش، 4 خادىمى بار شىركەتتىن تارتىپ چوڭ شىركەتلەرگىچە، ھەرخىل كۇلۇبلاردىن تارتىپ مەكتەپ، ئىدارە- ئورگانلارغىچە ھەممەيلەن يىل ئاخىرىدا يىغىلىپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بىر يىللىق ئىشلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە قىلىدۇ)، دوستلار بىلەن يىغىلىش، ھەرخىل تەبرىكلەش ئولتۇرۇشلىرى، يىغىن- يىغىلىشلارغا قاتنىشىش قاتارلىقلار ئۈچۈنمۇ ھەر قېتىمدا 4000- 1500 يېن ئەتراپىدا چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. (ياپونىيىدە ھەممەيلەن چىقىمنى بۆلۈشۈپ تۆلەيدۇ، ھەتتا بىرەيلەن سىزنى مېھمان قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆز چىقىمىڭىزنى ئۆزىڭىز تۆلىشىڭىز كېرەك، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.)

ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلگە چىقىش »

[25 ئىيۇل 2007 | 10 Comments | 4,709 قېتىم كۆرۈلدى]
قۇدرەتتىن تورداشلارغا ئوچۇق خەت A Letter From Kudret

قۇدرەت ئامرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇلۇپ يىقىندا قۇدرەتنى قىسقىىچە تۇنۇشتۇرۇپ يېزىلغان خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت دىگەن تىما ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا زىلزىلە قوزغىدى ۋە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قۇدرەت بىلەن پاراڭلاشقۇسى، ئۇ توغرىلىق كۆپراق بىلىپ باققۇسى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ تورداشلاردىن تاپشۇرۋالغان سۇئاللاردىن بىر نەچچىنى تاللاپ ئۇ سۇئاللارغا بولغان كۆز قارىشىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.

ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ئالدى بىلەن مەن ئۈچۈن تىلىگەن ئالىي تىلەكلىرىڭلار ۋە مەندىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن… شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمتىھان مەزگىلى تۈپەيلى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، سىلەرگە …