فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى
بۇ يازما ئالدىدا برىلگەن فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار دىگەن تىمىنىڭ داۋامى بولۇپ ، شۇ يازمىنىڭ كەينىدە سورالغان سۇئاللارنى ئاساسى مەزمۇن قىلىپ يېزىلغان. تەكلىپلىك يازما ئاپتۇرى دىلنۇر پولات ھازىر فىرانسيەدە ئوقۇيدۇ. تەكلىپلىك يازما (guest post) ئاپتۇرى دىلنۇر رەيھان (پۇلات) 2004 -يىلنىڭ ئاخىرى فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. بىر يىللىق فرانسۇز تىلى ئوقۇشىدىن كىيىن، ۋېرسال ئۇنىۋېرسىتىدا بىر يىل سىياسەت ئىلمى ۋە ئالاقە كەسپىدە كەسپى ماگىستىرلىق ئوقۇغان. كىيىنكى يىلى پارىژ 13-ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇچۇر ۋە ئالاقىگە دائىر يۇقىرى تېخنىكىلىق تۈرلەرنى باشقۇرۇشتا ئىككى يىللىق كەسپى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، 2008-يىلى پارىژدا بىر يىل پۈبلىسىس ئالاقە گۇرۇھىدا تۈر باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم فرانسىيەدە چىقىدىغان قوش تىللىق ھەپتىلىك گېزىت زامان نىڭ فرانسۇزچە سەھپىسى ئۈچۈن بىر مەزگىل مۇخبىر بولغان. 2008- يىلى سېنتەبىردىن ئېتىبارەن، پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتىتې جەمىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ كۆچمەنشۇناسلىق ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى كەسپى بويىچە تەتقىقات ماگىستىرلىقىنى باشلىغان. بۇ يىل فرانسىيە ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتىتىدە كۆچمەنشۇناسلىق بويىچە دۇنيادىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ھەققىدە دوكتۇرلۇقنى باشلىدى. سىز كۆرۈۋاتقان بۇ يازما دىلنۇر ئۆتكەن يىلى يېزىپ نەشىرگە سۇنغان ”مانا بۇ فرانسىيە“ ناملىق كىتابنىڭ بىر بابى بولۇپ كىتاب ھازىرغىچە تېخى نەشىرىياتنىڭ ئامبىرىدا ساقلاقلىق.
. ئالى مەكتەپ ۋە سۇغۇرتا ھەققى : فرانسىيەدىكى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ئالى مەكتەپلەردە، تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇققا تىزىملىتىشتا، يىللىق ئوقۇش بەدەل پۇلىدا چوڭ پەرق يوق. ئاساسەن 210 ياۋرو، سۇغۇرتا ھەققى 200 ياۋرو، يىللىق تەنتەربىيە تاللاش ھەققى ئون ياۋرودىن 50 ياۋروغا قەدەر بولۇپ، جەمئى 450 ياۋروغا يېتەر-يەتمەس ھەق تۆلەيمىز. سۇغۇرتا ھەققى 28 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرى بولۇپ، دۆلەت بويىچە ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار سۇغۇرتا شىركىتى بار ۋە ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ چوڭ پەرقى يوق. بۇ سۇغۇرتا بىلەن ، ھەرقانداق داۋالىنىش ۋە دورا ئېلىشتا 70% ھەق كۆتۈرىۋىتىلىدۇ. قالغان قىسمى يانچۇقتىن تۆلىنىدۇ ياكى يەنە قوشۇمچە سۇغۇرتا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. قوشۇمچە سۇغۇرتىنى بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىلار سۇغۇرتىسى شىركىتىدىن ئالسىمۇ ياكى سرتنىڭ شەخسى سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن ئالسىمۇ بولىدۇ. قوشۇمچە سۇغۇرتىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەرزىنى ئايدا 20 ياۋرو. ئەلۋەتتە، ۋاقتى كەلگەندە بۇ بىر قانچە شىركەتلەرنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ فرانسىيە ساقلىق ساھەلىرىدە ناچار نامى بار بولۇپ، داۋاملىق ۋاقتىدا تۆلەمنى بېجىرمىگەنلىكى ئۈچۈن دورىخانىلار ۋە دوختۇرلار ئوقۇغۇچى سۇغۇرتىسىنى ئانچە خالىمايدۇ. لېكىن خالىمىسىمۇ، ئالماي ئامالى يوق. شۇڭا، باش سۇغۇرتىنى ئىككى ئوقۇغۇچى سۇغۇرتىسىدىن ئېلىش ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەجبۇرىيەت بولغاندىكىن، قوشۇمچە سۇغۇرتىنى سرتتىكى شىركەتلەردىن ئالسىمۇ ياخشى. 28 ياشتىن كىيىن، ئومۇمى سۇغۇرتا تۈزۈمىگە كىرىسىز. ئوقۇغۇچى سۇغۇرتىسى ئالىمەن دەپمۇ ئالالمايسىز. شۇڭا ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى دۆلەت سۇغۇرتىسى ئىدارىسىغا كىرىپ، ئومۇمى سۇغۇرتىغا تىزىملىتىسىز. ئەگەر ئىشلىسىڭىز، خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئاپتوماتىك ھالدا خىزمەت سۇغۇرتىسىغا كىرىپ كېتىسىزدە، ئوقۇغۇچى سۇغۇرتىسى بۇنداق ئەھۋالدا، گەرچە 28 ياشقا توشمىغان بولسىڭىزمۇ، سىزگە مەجبۇرى بولمايدۇ. فرانسىيەدىكى سۇغۇرتىلارنىڭ يەنە بىر ياخشى يېرى، سىزنىڭ بۇرۇنقى سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى نەزەرگە ئالمايدۇ. يەنى بۇرۇن بىر ئۇزۇن مەزگىللىك كېسىلىڭىز بولۇپ، فرانسىيەدە سۇغۇرتىڭىزدىن پايدىلىنىپ، داۋالاتسىڭىز، سۇغۇرتا شىركىتى تامامى بىلەن تۆلەيدۇ.
2. كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پارىژدا ۋە پارىژ 12-ئۇنىۋېرسىتىدە ئوقۇيدۇ. بەزىلىرى بۇ مەكتەپنىڭ تىل كۇرسىدا ئوقۇسا، يەنە بەزىلىرى كەسىپلەردە ئوقۇيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق كەسىپلەردە ئوقۇيدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئانكىت ئېلىپ بارمىغىنىم ئۈچۈن ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمىسەممۇ، ئاساسەن ئۈچ خىل كەسىپكە مەركەزلەشكەن: قوللىنىشچان چەتئەل تىلى، ئىقتىساد، كومپىيوتىر. پۈتۈن فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەلۋەتتە باشقا كەسىپلەردىكىلەرمۇ بار. لېكىن ئاساسەن مۇشۇ ئۈچ كەسىپتە ئوقۇيدىغانلار بەكرەك كۆپ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئالدىنقى ئىككى كەسىپتىن ئۇتۇپ چىقىش ئاسانراق، ئىمتىھانلىرى باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭكىدەك ئېغىر ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە كومپىيوتىر كەسىپىدە ئوقۇغانلار كۆپرەك. ئىنسان ئىلىملىرى كەسپىدە ئوقۇيدىغانلاردىن بەلكىم پەقەت مەن ۋە مۇقەددەسلا بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.
پارىژ ، 12-،8-13- ئۇنىۋېرسىتلارغا كىرىش پارىژدىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتلاردىن بەكرەك ئاسان، تىل تەلىپى تۆۋەنرەك ۋە بۇ مەكتەپلەردە چەتئەللىك ياكى تېگى كۆچمەن فرانسۇز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى بىرئاز يۇقىرى. جايلىشىش ئورنىمۇ پارىژ ئەتراپى شەھەرلىرىدە. پارىژ رايونىدىن باشقا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان شەھەرلەردىن ئىسپانىيە بىلەن چىگرىداش كىچىك شەھەر پەخپىنىياڭ بار. قالغان شەھەرلەرنىڭ ھەربىرىدە بىر قانچىدىن ئوقۇغۇچى بار. پارىژنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى، بولۇپمۇ ئۆي تاپماق ئىنتايىن تەس ۋە قىممەت. شۇڭا فرانسۇز تىلىنى ئوبدان ئىگەللەپ، فرانسىيە يۇقىرى مائارىپىغا كۆنۈۋالغاندىن كىيىن، پارىژ رايونىغا يۆتكىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولىسى بىللە ئۆي تۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇنداقتا ئۆي ئەرزان توختايدۇ. پارىژدا بىر ئېغىزلىق 15كۇۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆينىڭ ئايلىق باھاسى 500 ياۋرو ئەتراپىدا. فرانسىيەدە چەتئەللىك بولۇڭ-بولماڭ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆي ئىجارىسىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ھۆكۈمەت كۆتۈرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئورگىنى فرانسۇزچە كاف دىيىلىدۇ. ئۆي ئىزدىگەندە، شۇ ئۆيگە كاف چۈشىدىغان ياكى چۈشمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆي ياردەم پۇلىنىڭ مىقدارىنى كافنىڭ تور بېتىدىن ھېساپلىغىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئۆتكەنكى بىر يىللىق فرانسىيەدىكى كىرىمى 7900 ياۋرودىن تۆۋەن بولسا، ئىجارىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ھۆكۈمەتتىن بېرىلىدۇ. ئۆي ئېلىپ، ئىككىنچى ئىيىدىن ئېتىبارەنلا بۇ ياردەم پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىككى ئوقۇغۇچى(چوقۇم بىر قىز، بىر ئوغۇل بولۇش كەتمەيدۇ. ئىككى قىز ياكى ئىككى ئوغۇلمۇ بولېۋېرىدۇ) ئۆزلىرىنى بىر جۈپ قىلىپ كافقا تىزىملاتسا، ياردەم پۇلى يالغۇز كىشىدىن جىقراق كېلىدۇ. ئۆي تېپىش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق ۋە قىيىن بىر ئىش. بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭكىدەك پۇلىڭىزنىڭ يېتەرلىك بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۆي ئىگىسى سىزنىڭ مەخسۇس بىر كاپالەتچىڭىزنىڭ بولۇشىنى، كاپالەتچىنىڭ مۇقىم خىزمىتى ۋە ئەڭ ئاز بولغاندا ئايدا 1500 ياۋرولۇق مۇئاشى بولۇشى، بۇلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، كاپالەتچىنىڭ كىملىك كوپىيەلىرى، ئەڭ يېڭى ئۈچ ئايلىق مۇئاش قەغىزى كوپىيەلىرى، ئالدىنقى يىللىق باج قەغىزى كوپىيەلىرى، سىز ۋە كاپالەتچىڭىزنىڭ بانكا ھېساۋات نومۇرلىرى قاتارلىقلارنى سورايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سىزنىڭ ئىقتىسادى كىرىم ئىسپاتىڭىز، ئوقۇغۇچىلىق ۋە كىملىك قەغەزلىرىڭىز قاتارلىقلارمۇ لازىم. تېخى بۇلارنى بەرسىڭىزمۇ، يەنە سىزنى تاللىشى ناتايىن. پارىژدا بىر پارچە ئۆي ئىجارە ئېلانى چىقىپ بولغىچە، ئېلان بەرگۈچىنىڭ يانفونى ۋە ئۆي تېلېفونىنىڭ سۆز قالدۇرۇش ئورنى توشۇپ بولىدۇ. مەن بۇلتۇر بىر نەچچە ئاي ئۆي ئىزدەپ، ئاخىرى تاپالمىدىم. كۈندىلىك چىققان ئېلانلاردىن بەزىلىرىگە شۇ كۈنىلا تېلېفون بەرسەم، ھەتتا سۆز قالدۇرغىلىمۇ بولمايدىغان دەرىجىدە توشۇپ كەتكەن، بەزىلىرى بولسا، كاپالەتچىمنىڭ چوقۇم ئاتا-ئانام بولۇشى كېرەكلىكىنى سوراپ تۇرۇۋالغان. ”مەن چەتئەللىك، ئاتا-ئانام فرانسىيەدە ئەمەس، شۇڭا فرانسۇز كاپالەتچىم بار“ دېدىم. بىۋاستە مېنى بۇ سەۋەپتىن رەت قىلىشى قانۇنغا خىلاپ بولغاچقا، ئۆيىنىڭ بەزى يەرلىرىنىڭ تېخى رىمونتتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتكەنلەرمۇ بولدى.ھالبۇكى مېنىڭ كاپالەتچىم لىئون ۋىلايەتلىك مەمۇرى سوتنىڭ باش سوتچىسى بولۇپ، ئايلىق مۇئاشى 5000 ياۋرو ئەتراپىدا ئىدى. پارىژ رايونىدىن باشقا يەرلەردە يەنە بۇ قەدەر ئۆي قىسچىلىقى يوق ۋە بۇ قەدەر قىممەت بولمايدۇ. پەخپىنىياڭدا 40 كۇۋادىرات مېتىر ئۆينى كاف چۈشكەندىن كىيىن، ئايدا 50-60 ياۋروغا ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان بالىلارمۇ بار. پارىژدا كاف بىلەن 300 ياۋروغا 15 كۇۋادىرات مېتىر ئۆي تۇتقىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر بالىلاردىن كىچىك ئۆيلەرنى بىللە ئېلىپ ئولتۇرغانلارمۇ كۆپ بولۇپ، بۇنداقتا ھەتتا 150 ياۋرو تۆلەپلا ئۆي دەردىدىن قۇتۇلۇشقا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلار يەنە كخۇس نامىدىكى ئوقۇغۇچىلار زاكالەت مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرىدىنمۇ ئۆي تاپالايدۇ. لېكىن پارىژدا بۇ ئۆيلەردىن بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن، بىر يىل ئاۋال ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئادەتتە بۇ بىنالار بىزنىڭ جوڭگودىكى ئالى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار بىنالىرىغا ئوخشايدۇ. ياتاقلارنىڭ كىچىكلىرى 9 كۇۋادرات مېتىر، چوڭلىرى 20 كۇۋادرات مېتىرغا بارىدۇ. سىزگە تەگكەن ياتاقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەلىيىڭىزگە باغلىق بولىدۇ.
3. بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ جوڭگودىن چىقىپ، فرانسىيەگە كېلىپ تىل مەكتىۋىدە ئوقۇشىغا كېتىدىغان پۇلى ئوقۇيدىغان مەكتىۋى ۋە ئۆزىنىڭ تىل ئۈگىنىش قابىلىيىتى ۋە يەنە شۇنىڭغا بېرىدىغان زېھنىغا باغلىق بولىدۇ. ئەڭ ئەرزان بولغانلىرىدىن پارىژ 10-ئۇنىۋېرسىتىنىڭ يىللىق تىل كۇرسى 500 ياۋرو ئەتراپىدا بولۇپ، كۈندە ئىككى سائەت دەرس بېرىلىدۇ. ”ئالىياڭىس فخاڭسەز“نىڭ كۇرس ھەققى ئىنتايىن قىممەت. مەن لىئون 2-ئۇنىۋېرسىتىدا بىر يىل ”فرانسۇز تىل-ئەدەبىياتى“تا ئوقۇغان ئىدىم. ئوقۇش بەدەل پۇلىمىز ئۈچۈن 3200 ياۋرو بەرگەن، ھەپتىدە تولۇق 30 سائەت دەرس بار ئىدى ۋە پەقەت تىل بىلەنلا چەكلەنمەيتتۇق. تەبىئىكى، ئوقۇش پۇلى ئاز بولسا، دەرس سائىتى ئاز بولىدۇ ۋە دەرس سۈپىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەمما يەنە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز ئىرادىسىگىمۇ باغلىق بولىدۇ. بولۇپمۇ تىلنى مەكتەپتە ئۈگەنگىنى بىلەنلا قانائەتلەنمەي، دەرھال كۈندىلىكمۇ كۈندىلىك رىئال تۇرمۇشتا ئىشلىتىشى تولىمۇ مۇھىم.
تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، بىر يىلدىن ئىككى يىلغا قەدەر ۋاقىت كېتىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئەرزان تىل سىنىپىغا تىزىملىتىپ قويۇپ، مەكتەپكە بارماي، ئىشلىگىنى ئۈچۈن، تىل ئۆتكىلىدىن ئۈچ يىلغىچىمۇ ئۆتەلمەي يۈرىدۇ. لېكىن ئادەتتە ئىككى يىل ئۇدا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەي، كەسىپكە كىرەلمىسە، ۋىلايەتلىك ساقچى مەھكىمىسىدىن تۇرۇش كارتىسىنى يېڭىلاپ بەرمەيدىغان ئىشلار بولىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى ساركوزى ھۆكۈمىتى بىلەن، ساقچى مەھكىمىسى چەتئەللىكلەرنىڭ تۇرۇش كارتىسىنى بېجىرىشتە قىلچىلىك خاتالىق كۆرۈلسىلا رەت قىلىدىغان ئىشلار تېخىمۇ كۆپ. ئەگەر تىل ئۈگىنىش ۋاقتى بىر يىل بولسا، كەسپ ئىلتىماس قىلىپ، مەيلى تولۇق كۇرس ياكى ماگىستىرلىق بولسۇن، يىللىق ئوقۇش بەدەل پۇلى مەن بىرىنچى نۇقتىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمدەك 400 ياۋرو ئەتراپىدا بولىدۇ. مەيلى ماگىستىرلىققا كىرىڭ ياكى تولۇق كۇرسنى باشلاڭ، بىرىنچى ئوقۇش يىلى ئاساسەن سىنىپ قالمايدىغان ئوقۇغۇچى ئىنتايىن ئاز. شۇنداق بولغاندا، ئۈچ يىللىق تولۇق كۇرسنى تۈگەتكىچە ئاز دېگەندە بەش يىل كېتىدۇ. تۇرمۇش ھەققى ئۈچۈن، ئەگەر پارىژدا تۇرسا، ئوتتۇرىچە ھېساپ بىلەن پەقەت ئۆي ئىجارىسىگىلا ئايدا 250 دىن 300 ياۋروغىچە، تېلېفون ئابونت ھەققى ئايدا ئەڭ ئاز بولغاندا 20 ياۋرو. بۇنىڭدا تېخى ئۆي تېلېفونى-تور ھەققى ئايرىم بولۇپ، ئايدا 30 ياۋرو. ئەگەر باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تۇرسىڭىز ئەلۋەتتە، بۇنى كىشى بېشىغا چېچىۋىتىدىغان گەپ. يول-ترانسپورت ئۈچۈن، پارىژدا جەمئى سەككىز ترانسپورت رايونى بولۇپ، ئادەتتە بىردىن بەشكىچە بولغان رايوندا مەكتەپلەر جايلاشقان. ئىككى ترانسپورت رايونىغا ئايدا 57 ياۋرو، ئۈچ رايونغا 76، تۆت رايونغا 92 ۋە بەش رايونغا 110 ياۋرو كېتىدۇ. ئەگەر 26 ياشتىن تۆۋەن بولسىڭىز، كېلىپلا يىللىق ”ئىماژىنەخ“ كارتىسى بېجىرسىڭىز، يۈز ياۋرودەك تېجىلىپ قالغاندىن سىرت، ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام مەزگىللىرىدە پۈتۈن ترانسپورت رايونلىرىدا كارتىڭىزنىڭ رايون سانىغا قارىماي ھەقسىز كېزەلەيسىز. ئەگەر پارىژ ئەتراپىدىكى 94 ۋە 93-ۋىلايەتلەردە تۇرىدىغان بىرەرىدىن ئۆي ئىسپاتى ئالالىسىڭىز، بۇ كارتا ھەققىنىڭ يېرىمىنى ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت كۆتۈرىۋىتىدۇ. ئەگەر پەقەت پارىژ شەھرىدىلا تۇرسىڭىز 1 ۋە 2 ترانسپورت رايونى ئۈچۈن كارتا بېجىرىسىز ۋە بۇنىڭ ھەققى 300 ياۋرو. بايا دېگىنىمدەك ئەگەر ئۆي ئىسپاتىنى ئۇ ئىككى ۋىلايەتتىن ئالالىسىڭىز، يىللىق ترانسپورت ئۈچۈن پەقەت 150 ياۋرولا تۆلەيسىز. 26 ياشتىن يۇقىرى بولسىڭىز، بۇنىڭ ھېچبىرىدىن بەھرىمان بولالمايسىز ۋە ئامال يوق، ھەر ئايدا ترانسپورت كارتىڭىزنى بىلەت ماشىنىسىدا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن باھالار بويىچە قاچىلايسىز. يېمەك-ئىچمەك ئۈچۈن ئايدا 100 ياۋرو يېتىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، رېستوران ۋە قەھۋەخانىلار، كىنوخانىلار ۋە تىياتىرخانىلارغا بارسىڭىز، بۇنىڭ ھەققى ئايرىم. رېستوراندا ئەڭ ئاز بولغاندا كىشى بېشىغا ئون ياۋرو، قەھۋەخانىلەردە قەھۋە ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى ياۋرو، پىۋا ياكى مىۋە سۈيى ئۈچ ياۋرو، 26 ياشتىن تۆۋەنلەر ئۈچۈن كىنو بېلىتى 3 يېرىم ياۋرو، بۇ ياشتىن ئاشقانلار ئۈچۈن 8 ياۋرو، تىياتىرلار ئادەتتە ئون ياۋرودىن باشلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىۋېرسىتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشخانىلىرىدا داۋاملىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەرزان تىياتىر ۋە ھەتتا ئوپېرا بېلەتلىرى سېتىلىدۇ.
4. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۇچ يىل ئۇدا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولالماي، ياكى تەلىيى كاج كېلىپ، ھۆكۈمەت ئالى مەكتەپلىرىدىن قوبۇلنامە ئالالماي قالغان ئەھۋالدا شەخسى مەكتەپلەرگە تىزىملىتىش ئارقىلىق، ساقچى مەھكىمىسىدىن تۇرۇش كارتىسىنى يېڭىلاش ئىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىدۇ. بۇنداقتا ئەڭ ئەرزان شەخسى مەكتەپلەر 3000 ياۋرودىن باشلىنىدۇ. يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى خالىغان كەسىپلەر، بولۇپمۇ كومپىيوتىردا لايىھە ياكى مېھمانخانا باشقۇرۇش كەسىپلىرى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتلىرىدا بولمىغىنى ياكى ئەمىلىيەتچانلىقى ئۇ قەدەر كۈچلۈك بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ خىل ئەھۋاللاردا ئوقۇغۇچىلار شەخسى مەكتەپلەرنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. بۇ خىل كەسىپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى يۇقىرى، ئاز بولغاندىمۇ يىللىق 5000 ياۋرودىن باشلىنىدۇ.
5. ئىش تېپىش فرانسىيەدە بىر ئاز تەس. لېكىن ئىشنىڭ خاراكتېرىغا باغلىق ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن مۇتلەق كۆپچىلىكى موتو مىنىپ تاماق توشۇيدىغان ئىش قىلىدۇ. بۇ خىل ئىشنى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا بىر بىرىگە ئۇچۇر بېرىپ تېپىشىپ بېرىدۇ. يازدا يېزىلارغا چىقىپ مىۋە ئۈزۈش ئىشلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. قىزلاردىن تولىسى خەنزۇلارنىڭ ماگىزىنلىرىدا پىركازچىكلىق قىلىشىدۇ ياكى رېستورانلاردا كۈتكۈچى بولىدۇ. بۇ خىل ئىشلارنىمۇ ئۆز ئارا ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق تاپقىلى بولىدۇ. پارىژ رايونىدىن باشقا يەرلەردە بۇنداق ئىشلارنىمۇ تېپىش تەس. بۇنداق ئوقۇغۇچىلىق خىزمەتلىرىدە سائىتىگە 8 ياۋرو ئىش ھەققى ئالىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن شەخسى دەرسخانە شىركەتلىرى بولۇپ، تىل دەرسى ياكى باشقا دەرسلەرنى بەرسىمۇ، بۇنىڭ ھەققى بىر ئاز يۇقىرى ھەم يېنىك بولىدۇ. لېكىن، خەنزۇ تىلى ئاساسەن دەرس تىزىملىكىدە يوق. باشقا دەرسلەرنى بېرىش ئۈچۈن، يېتەرلىك فرانسۇز تىلى سەۋىيىسى بولۇشى كېرەك. يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزدىن ھەم ئەرزان تىل ئېگەللىشىدىكى يەنە بىر پۇرسەت، ”ئائىلىدە تۇرۇش“. مەخسۇس مۇشۇنداق شىركەتلەر يېشى 27 دىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارنى فرانسۇز ئائىلىلەرگە تونۇشتۇرىدۇ. ئوقۇغۇچى بۇ ئائىلىدە يېمەك ۋە ياتاق ھەقسىز تۇرىدۇ. بۇنىڭغا يارىشا، ئوقۇغۇچى ئائىلىنىڭ كىچىك بالىلىرىنى مەكتەپ بىلەن ئۆي ئارىلىقىدا توشۇيدۇ ۋە ئاتا-ئانىسى ئىشتىن كەلگىچە ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئائىلە بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇلارنى تونۇشتۇرغان شىركەت تەڭشەپ تۇرىدۇ.
ئوقۇشقا تەسىر يەتكۈزمەي ئىشلەش ئۈچۈن، ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 سائەت ئىشلىسە بولىدۇ. بۇ ھەم قانۇن بەلگىلىگەن ئۆلچەم. بۇنىڭ مۇئاشى 550 ياۋرو ئەتراپىدا بولىدۇ. بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دەسلەپ كەلگىنىدە يېنىغا ئاز دېگەندە 5000 ياۋرونى نەق تۇتۇپ كەلسە، ئىرادىسى كۈچلۈك، ئوقۇش نىيىتى بار ۋە جاپاغا چىدايدىغان بولسا، كېلىپ ئوقۇسا، ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، ياخشى ئورۇنلاردا ئىشلىيەلىشى مۈمكىن. ماگىستىرلىقتىن كىيىن فرانسىيەدە ئىش تېپىش پەقەت چەتئەللىك ياشلارغىلا ئەمەس، فرانسۇز گراژدانلىرىغىمۇ تەس ئىش. لېكىن، ئاساسەن، كومپىيوتىر، دوختۇر-سېسترالىق، دورىگەرلىك، بانكىچىلىق كەسىپلىرىدە يەنە ئىش تېپىش مۈمكىنچىلىكى يۇقىرى. دىپلومنى ئوڭۇشلۇق ئېلىش ئىنتايىن مۈشكۈل، بۇندىن باشقا فرانسۇز تىلىغا ئىنتايىن پۇختا بولۇش كېرەك. بىزنىڭ رەسمى ئىش تېپىشىمىزدا، بىر نەچچە خىل تىل بىلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
تۈگىدى. ئەگەر بۇ تىما ۋە ئالدىدىكى تىما بولۇپ ئىككى تىمىدا يەنىلا سىزگە لازىم بولغان ئوچۇرلارنى تاپالمىغان بولسىڭىز مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس يېزىڭ ياكى فىرانسيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
تۈۋەندىكىسى دىلنۇر قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرغان ئالدىنقى يازمىدا قىسقا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدىنىيەت كۈنىدىكى بىر قىسىم پائالىيەتلەتلەردىن كۆرۈنۇشلەر.
فىرانسىيە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تورىغا كىرەلمىدىم ،قارىسام بلوگ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغىلىمۇ 1 يىل بولغان ئوخشايدۇ،تېمىغا 2 يىل بوپتۇ، سوئالىمنى مۇشۇ يەردە قالدۇرسام ،دىلنۇر رەيھان ھەدەش كۆرەرمۇ؟
مەن بىر ئۇنۋېرسىتېتا تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇيمەن ،ئوقۇشۇم ئىككى يىلدىن كېين پۈتىدۇ ،مېنىڭ ماگىستىرلىقىنى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئوقۇغۇم بار ئىدى،فىرانسىيەدە ئوقۇشقا دائىر ئۇچۇرلار بىر قۇر ئاختۇرۇپ كۆردۈم ،قارىسام فىرانسىيەنى ئاسپرانتلىق مەزگىلىدە كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا تازا يول قويمايدىغان ئوخشايدۇ ،بۇ ئەمەلىيەتمۇ؟ ،تىلشۇناسلىقتىن خەلقئارالىق مۇناسىۋەت كەسپىگە ئالمىشىش چوڭ تاقلاش بولامدۇ ؟بۇنى مەكتەپ قۇبۇل قىلارمۇ؟بەزىلەر دەيدۇ بۇ مەكتەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەيدۇ ،يامان يىرى مەن ھازىر مەن قايسى مەكتەپنى تاللاشنىمۇ بىلەلمىدىم ،توردا فىرانسىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى كەسپ رەت –تەرتىپىنى تاپالمىدىم ،ھازىر مەن كۆرگەن بارچە ماتىرىياللار پەقەت پارىژ سىياسىي ئىنىستىتۇتىنىلا كۆرسىتىدىكەن ،بۇ مەكتەپنىڭ داڭقىنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان ،بۇنىڭدىن باشقا ئۇنۋېرسىتېتىلا تاپالمىدم .
شۇڭا دىلنۇر ھەدە ،ئەگەر فىرانسىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرمۇ رەت-تەرتىپكە تۇرغۇزۇلسا ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ياكى سىياسەت كەسپىنىڭ رەت-تەرتىپىنى كۆرۈپ بەرگەن ،ماڭا يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .ئاندىن يەنە بىر ئۈمىدىم ،سىز بىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خەلقئارالىق مۇناسىۋەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بولسا ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ،مەن كەسىپىي ياردەمگە موھتاج.ئەگەر ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز بەك خۇشال بولغان بولاتتىم .مېنىڭ ئىلخەت ئادرىسىم simaalim@hotmail.com
ھېلىمۇ ،جىق نەرسە سوراپ كېتىپتىمەن ،سىزنىڭ جاۋاب قايتۇرىشىڭىنى ئۈمىد قىلىمەن ،رەھمەت!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى, ئىتالىيەدىكى ئىلمى مۇنازىرە يىغىنىدا ئۇيغۇر [...]
[...] فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى قاتارلىقلار [...]
[...] فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى قاتارلىقلار [...]
[...] فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى قاتارلىقلار [...]
hiqnime korunmidi
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كىيىنكى يازما فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى دىن كۆرگەيسىز. [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
@مەھمۇد, ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم سىز KAUST i want to know your email .please electrical engineeringۇقامسىز ھازىر ئوقۇشىڭىز پۈتكەندۇ ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel