تەبرىكلەر

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە ئامرىكىدا ئۆتكۈزۇلگەن كىچىك تىپتىكى سۈنئي ھەمرا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا دوكتۇر رەيھان بەكتۇر ۋە ئۇنىڭ دوكتور ئاسپرانىت ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇنجان ياسىن قاتناشقان بولۇپ تۇرسۇنجان ياسىن يىغىنغا تاپشۇرغان بىرئىلمى ماقالە ئوقۇغۇچىلار ئىلمى ماقالە مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى خەلقارادا شۇ ساھەدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق يىغىن بولۇپ بۇلار تارقاتقان موكاپات شۇ ساھەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن زور شەرەپ ھىساپلىنىدۇ. تۇرسۇنجان ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئۈرۈمچى بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنى 1996-يىلى پۈتتۈرۈپ شۇ يىلىدىكى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا نۇمۇر ئېلىپ چىڭخۇائۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئىلىكتىر ئىجىنىرلىقى كەسپگە ئوقۇشقا كىرگەن. چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇپ باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۈنۋانىغا ئىرىشىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن چىڭخۇا توڭفاڭ شىركىتىنىڭ چەتئەلدىكى تېخنىكا مۇلازىمەت باشقۇرغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008-يىلى دوكتور رەيھاننىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قۇبۇل قىلىنىپ ھازىر ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىدا دوكتور ئاسپرانىت بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. تۇرسۇنجاننىڭ ئىرىشكەن مۇكاپاتىغا تەبرىكلەر بولسۇن.
خاربىن سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىدا((Harbin Institute of Technology (HIT،哈尔滨工业大学 ) ئوقۇپ بۇ يىل تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان مۇھەممەت رەفىق يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى (Utah State University) ئېلېكتېر ئىژىنىرلىقى كەسپىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن. قىزغىن مۇبارەكلەر بولسۇن. ئۇنىڭ ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلىرى UCSB, UCSD, UNL، UW-Madison ، UNCC، UA، USU ۋە بىر قىسىم ياۋرۇپا ئۇنۋېرسىتىتلىرى. تاپشۇرۋالغىنى بىر offer, بىر admission, بىر rejection, قالغانلىرىدا waiting list تا. نەتىجىلىرى تۈۋەندىكىچە:
TOEFL: 96
AW:3.0 ,GRE: V570+Q760=1330
GPA: 3.36/4
خاربىن سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىدا((Harbin Institute of Technology (HIT،哈尔滨工业大学 ) ئوقۇپ بۇ يىل تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان گۈلزارئابلېكىم سىنسىنناتى ئۇنۋېرسىتىتى (University of Cincinnati ) دىن مۇھىت ئىژىنىرلىقى (Environmental Engineering )كەسپىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن. قىزغىن مۇبارەكلەر!! نەتىجىلىرى تۈۋەندىكىچە:
TOEFL: 99
AW:4.0 ,GRE:1290
GPA: 86/100
خاربىن سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىدا((Harbin Institute of Technology (HIT،哈尔滨工业大学 ) ئوقۇپ بۇ يىل تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان تۇرغۇن كانزاس شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتى (Kansas State University ) فىزىكا فاكولتىتىنىڭ ئاتوم، مولىكولا ۋە ئوپتىكا يۈنۈلۈشى( Atomic, molecular, and optical physics) بويىچە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن. قىزغىن مۇبارەكلەر!! نەتىجىلىرى تۈۋەندىكىچە:
GRE:1100(V-380,Q-720)
TOEFL:91
GPA:76
Oklahoma State University-USA—فىزىكا ( TA تۇلۇق مۇكاپات)
 Bilkent University-Turkey—فىزىكا (Scholarship تۇلۇق مۇكاپات)
 POSTECH)Pohang University of Science and Technology-Korea)—فىزىكا (Scholarship تۇلۇق مۇكاپات)
:Admission
 University of North Carolina at Charlotte-USA—ئلىكتر ئىنجىنىرلىق (EE)
Rejection
 KAUST-SaudiArabia—ئىلىكترونىك ئىنجىنىرلىق (EE)
 WrightState University-USA—فىزىكا (Physics)
 Photonics—Erasmus Mundus  Ghent University+KTH
شۇنداق قىلىپ بۇ يىل خاربىن سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتدىن ئۈچ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئامرىكىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. بۇلارغا ئالدىنقى يىللاردا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوخشاش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئامرىكا كانزاس شىتاتىدا ئوقۇۋاتقان ئوتۇقجان، تېكساستا ئوقۇۋاتقان ئىلياس ۋە كۆرىيەدە كۇرىيە ئۇنۋېرسىتىتدا (Korea University) ئوقۇۋاتقان گۈلەمبەر تۇرغۇننى قوشساق جەمئى 6 ئادەم بولغان بۇلىدۇ. HIT دىكىلەرنىڭ بۇ ئەنئەنىنى بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ساقلاپ تەرەققى قىلدۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.
ئىچكىرىدە بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ساۋاقداش كېرىمنىڭ ئامرىكا ئوكلاخۇما شىتاتىدىكى بىر ئۇنۋېرسىتىتتىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكىگە قىزغىن مۇبارەك. كېرىمنىڭ يورتى قىزىلسۇدىن، قىرغىز، بۇ يىل 7-ئايدا ئۇنۋېرسىتىت پۈتتۈرىدۇ، ئوقۇغان كەسپى ۋە ئامرىكىدا ئىلتىماس قىلغان كەسپى فىزىكا. نەتىجىلىرى:
GPA: 78
TOEFL:94
GRE: 1200
ئىچكىرىدە بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ساۋاقداش ئىلياسنىڭ ئامرىكا مىسسىپىدىكى بىر ئۇنۋېرسىتىتتىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكىگە قىزغىن مۇبارەك. ئىلياس يورتى غولجىدىن، بۇ يىل 7-ئايدا ئۇنۋېرسىتىت پۈتتۈرىدۇ، ئوقۇغان كەسپى ۋە ئامرىكىدا ئىلتىماس قىلغان كەسپى خېمىيە. نەتىجىلىرى:

TOEFL,GRE ئىمتىھانى بېرىشتە بېشىڭىز قاتقان بولسا بۇ چ چ نى قوشۇڭ 1654368817،ئۆتۈشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىمىز!نەتىجە چىققاندىن كېيىن پۇل تۆلەيسىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك ئاكىمىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ قالسا بىز چىقىدىغاندا كىم ياردەم قىلار ئىشلىرىمىزغا؟؟ مەن كىلەر يىلى پۈتتۈرىتىم…ھەي!..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن سۈيۈندۈم. ياشاپ كىتىڭلار ئۇيغۇرۇم!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن بىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،مىنىڭ بۇرۇندىن باشلاپلا چەتئەلدە .ئوقۇش ئارزۇيۇم بار .يۇقىرىدىكى ئاكاشلارنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم،ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز مەقسىتىگە يەتكۈزگەي !!
مىنىڭ ئويلىغىنىم ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ بۇلۇپ ئاندىن ئامىرىكىغا بېرىپتۇ ،بىزنىڭ تۇلۇق كۇرىسنى ئامىرىكىدا ئوقۇشىمىز مۇمكىن بولماسمۇ؟
يەنە بىر مەسىلە مەن كىلەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىمەن ،مەن قايسى كەسىپنى تاللىسام مىنىڭ كىيىن ئامىرىكىدا ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇشۇم ۋە خىزمەت تېپىشىم ئاسانراق بۇلىدۇ ؟
مەن كىيىنكى ئوقۇشۇم ئۈچۈن ھازىر قايسى ئىشلارنى قىلشىم كىرەك ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم !!
مەن بىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،مىنىڭ بۇرۇندىن باشلاپلا چەتئەلدە .ئوقۇش ئارزۇيۇم بار .يۇقىرىدىكى ئاكاشلارنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم،ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز مەقسىتىگە يەتكۈزگەي !!
مىنىڭ ئويلىغىنىم ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ بۇلۇپ ئاندىن ئامىرىكىغا بېرىپتۇ ،بىزنىڭ تۇلۇق كۇرىسنى ئامىرىكىدا ئوقۇشىمىز مۇمكىن بولماسمۇ؟
يەنە بىر مەسىلە مەن كىلەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىمەن ،مەن قايسى كەسىپنى تاللىسام مىنىڭ كىيىن ئامىرىكىدا ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇشۇم ۋە خىزمەت تېپىشىم ئاسانراق بۇلىدۇ ؟
مەن كىيىنكى ئوقۇشۇم ئۈچۈن ھازىر قايسى ئىشلارنى قىلشىم كىرەك ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :
مەن بىر تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى ،ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتىمەن .يۇقىرىدىكى ئاكاشلارنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم .مەن بۇرۇندىن باشلاپلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇم بار ،شۇڭا دەرىسلەرنى خىلى ياخشى ئۆگىنىۋاتىمەن .يۇقىرىدىكى ئاكاشلارنىڭ ھەممىسى تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ ئاندىن ئوقۇشقا چىقىپتۇ ،بىز تۇلۇق كۇرۇسنىمۇ چەتئەلدە ئوقۇساق بولماسمۇ؟ بۇنداق پۇرسەتلەر يوقمۇ ؟
يەنە بىر سورايدىغىنىم مەن كىلەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىمەن ،مەن قايسى كەسىپلەرنى تاللىسام ئامىرىكىدا ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇشۇم ۋە خىزمەت تېپىشىم ئاسانراق بۇلىدۇ ؟
مەن ھازىر قانداق ئىشلارنى قىلىپ تەييارلىق قىلغاچ تۇرسام بۇلىدۇ ؟
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن ،جاۋابىڭلارغا تەلمۈرۈپ !!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىنى ئالغان بولۇپ ئۇلاردىن بىرسى كىلەر يىلى دوكتۇرلۇق پۈتتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ. [...]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
GRE مەن
بەرمەكچىدىم،بىر ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقتىم قالدى.لىكىن ئوقۇپ چۇشۇنۇش قىسىمى تەس توختاۋاتىدۇ،تەجربە تۇنۇشتۇرغان بولساڭلا بەك مىننەتتار بولغان بۇلاتتىم.
qq:274679668
xatdil911@gmail.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن كېلەر يىلى ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرىمەن مىنىڭ ئامرىكىغا چىقىپ يۇقىرىلاپ ئوقۇغۇم بار،مەن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ؟ئامېرىكىدىكى ئۇنۋېرسىتىتلار شىنجاڭ داشۆنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئېنگلىزچە 4-6دەرىجە نەتىجىسىگە قارامدۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ماي 26th, 2011 at 17:02
@نازېگۇل, ئىتراپ قىلىدۇ، 4-،6-گە قارىمايدۇ، TOEFL, GRE گە قارايدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
@mrjeck,
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم:
Jeck ئاكىمىزغا ۋە باشقا قېرىنداشلارغا سالام!
مەن ئىمتاھان نەتىجەم ۋە مەكتەپ .ئىلتىماس قىلىش جەريانىنى قىسقىچە چۇشەندۇرۇپ ئۆتەي، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
(GRE:1100(V-380,Q-720
TOEFL:91
GPA:76
offer:
Kansas State University-USA —فىزىكا (TA تۇلۇق مۇكاپات)
Oklahoma State University-USA—فىزىكا ( TA تۇلۇق مۇكاپات)
Bilkent University-Turkey—فىزىكا (Scholarship تۇلۇق مۇكاپات)
POSTECH)Pohang University of Science and Technology-Korea)—فىزىكا (Scholarship تۇلۇق مۇكاپات)
AD:
University of North Carolina at Charlotte-USA—ئلىكترونڭ ئىنجىنىرلىقEE
Rejection:
KAUST-SaudiArabia—ئىلىكترونىك ئىنجىنىرلىقEE
WrightState University-USA—فىزىكا Physics
Photonics—Erasmus Mundus(Ghent University比利时+KTH瑞典
ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغۇسى،قېرىنداشلار!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيتۇرك Reply:
مارت 10th, 2012 at 15:17
@تۇرغۇن مەتنىياز,
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرغۇنجان، سىزگە مۇبارەك بولسۇن!! مەنمۇ شۇ ئمتىھانلارنى بېرىپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدىم، بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن…چ چ: 554150245
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەگەر خاتالاشمىغان بولسام 78,,,,،77 دىگەن نومۇرلار ئۆلچەملىك GPAھىسابلىشىدا 2.8 لەرگە توغرا كىلىدۇغۇ دەيمەن مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىش مۇمكىنما ؟ بۇ ئۇلارنىڭ ئىلتىماس قىلغان كەسپى بەك قىزىق نۇقتا كەسىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ ياكى مەكتەپنىڭ دەرىجىسى يۇقرى ئەمەسمۇ ؟ياكى GREدىكى نومۇرى بەك يۇقرى ھىسابلىنامدۇ-يە؟ يەنە بىر گەپ ئاۋۇ ئۇستىدە تىلغا ئىلىنغان GRE بولسا subject testنى كۆرسىتەمدۇ ؟ ياكى general testنىمۇ ؟ ئېلېكتېر ئىژىنىرلىقى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش دىگەندەك سانائەت پەنلىرىگە ئىلتىماس قىلساsubject testنى بىرەمدۇ ؟ مىنىڭ ئومۇمى نەتىجەم 75 كە بارىدۇ ؟ بىراق 3-يىللىقتىن باشلىغان كەسپى نەتىجىلىرىم خىلىلا يۇقىرى ئىلتىماس قىلسام ماڭىمۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىش مۇمكىنچىلىك بولارمۇ ؟
ھازىر بەك ئىككىلىنىۋاتىمەن , مەن چىقىپ ئوقۇسام بىر خىل ,قىپقىلىپ ئىچكىرىدە 2-3 يىل خىزمەت قىلىمەن دىسەم يەنە بىرخىل پىلان تۈزىمەن دىگەن گەپ. بۇرۇن خىيالىمدا GPAدەھشەت تۆۋەن دەپ ئويلاپ ئىلتىماس قىلىشنى خىيال قىلمىغان ،ھازىر ئاۋۇ ئۇستىدىكلەرگە قاراپ قايتا خىيال قىپ قالدىم ،
يەنە بىر گەپ 2- يىللقتىن كىيىنكى نەتجىنى ئايرىم ھىسابلىسام بەلكى 87 لەر ئەتراپىدا چىقىشى مۇمكىن(،مەن ھازىر 3-يىللىقتا 4-يىللىقتىكى پەنلەردىمۇ مىنىڭچە يۇقرى ئالالايمەن، )
شۇنداق بولغاندا كەسپى نەتىجىلىرىمنى ئايرىم ھىسابلاپ چىقىرىپ بىرىپ دەسلەپتە تىل ۋە باشقا سەۋەبلەردىن نەتىجە تۆۋەن بولغانلىقى لىكىن كىيىن يىتىشىۋىلىپ باشقىلاردىن ئىشىپ كەتكەنلىكىمنى چۈشەندۈرسەم ،شۇنداقلا نەتىجە تۆۋەنلىكىنى جوڭگو مائارىپىدىكى نومۇر قويۇشنىڭ تولىمۇ ئىنچىكە ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرسەم پايدىسى بولامدۇ -يە؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ماي 9th, 2011 at 05:46
@akbar,
GRE-general نى كۈرسىتىدۇ، EE ئۈچۈن subject تەلەپ قىلمايدۇ. كەسپى پەنلەردە 90دىن ئاشۇرالىسىڭىز GPA نى ئىككى خىل يېزىپ ئومۇمىسىدا نىمىشقا تۈۋەن بولۇپ قالدى دەپ ئورۇنلۇق سەۋەپ كۆرسەتسىڭىز بۇلىدۇ. لېكىن GREدىن ياخشى نۇمۇر ئېلىپ ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلىمىسىڭىز بولمايدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
خاربىندىكى ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان بۇرادەرلەرلىرىم ھەممىسى ئامرىكىغا چىقىپ كەتتى. ھەتتا بىرگە يۈرگەن قىزىممۇ…ئەڭ ئېسىل بۇرادەرلىرىممۇ، ئوقۇغۇچۇلىرىممۇ …
دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ ئسملىرىنى بۇ يەردە كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم…
اللە سىلەرگە ئاسانلىق بەرسۇن بۇرادەرلەر…
مەكتىپىمىزنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
غەلبە بىزگە مەنسۇپ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
خاربىندىكى بۇرادەرلىرىم ھەم ئۇياندا ،ھەم ئۈگىنىشتە ….ئىشقىلىپ ھەممىدە تەڭ يىتىشكەن باللا ئىدى.ھەپتىدە مەسچىتتە كۈرۈشىتۇق باللا بىلەن .بۇيىل تېخى پىلاندىكىدىن ئاز بۇلاپ قاپتۇ بۇ باللا
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىغا يارقىن كېلەچەك ياربولغۇسى ، خۇرسەنلىك ئۇچۇرلار ئىزدەنگۈچىلەر ھەردەم ئىلھام بولماقتا !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئالدى بىلەن بۇ ئىككى قېرىندىشىمنى مۇبارەكلەيمەن! جېك ئەپەندى، مېنىڭ كەسپىم ئېنگىلىز تىلى ئەگەر ئامرېكىغا ئوقۇشقا چىقماقچى بولسام، ئايرىم باشقا كەسىپ تاللاش ئىمكانىيىتىم بارمۇ؟ (كەچۈرگەيسىز، تېمىلىرىڭىزنى تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم. شۇڭا قىسقىچىلا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز؟ئۆزەم ئېنگىلىز تىلى ئۈگەنگىنىم بىلەن بۇ جەھەتتىكى بىلىملىرىم بەك ئاز..)
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاپرېل 7th, 2011 at 03:43
@گۈلمىرە56, مەن كۆرگەن ۋەتەندە ئىنگىلىزچە ئوقۇغانلار ئاساسەن بۇ يەردە باشقا كەسىپ تاللاپ ئوقۇپتۇ. ئىنگىلىزچە كەسىپنىڭ ئۆزىدىن ئۇقىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. لېكىن خىزمەت تاپماق تەسرەك بۇلىدىغۇ دەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
过雅思也可以吗?雅思在国外的名誉怎么样,我想考雅思…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاپرېل 2nd, 2011 at 05:15
来美国要考托福。
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاۋۋال بۇ قېرىنداشلىرىمنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلايمەن!…
ئۇ ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلى-ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بولامدۇ ياكى سىز دېگەندەك نەتىجىسە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرامدۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
مارت 26th, 2011 at 22:07
@ئۇيغۇربەگ, نورمال ئوقۇسىلا ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بۇلىدۇ. GPA 3.0,بەزى مەكتەپلەردە 3.5 دىن چۈشۈپ كەتسە قالدۇرىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ ئىككى دوستۇمنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن!…بىز بىر مەكتەپتىن ، ھەممە ئىمتاھانلارنى تەڭ بەر گەن،ئاللاھ خالىسا تەڭ پۇتتۇرمىز !! بىزنىڭ چىقىپ بولالمايدۇ!!!؟؟؟…ھى ھى..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
مارت 26th, 2011 at 22:08
@yasinzhan,
سىزنىڭمۇ خوش خەۋەرلىرىڭىز بولسا تەڭ بەھىرلىنەيلى،مەلۇمات بىرىڭ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز مەن ئامرىكىدا ئسپىرانىتلىقتا ئوقۇسا ئڭقۇش مۇكاپات پۇلى ئلتىما قىلغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلمەكچى ئىدىم .ئاڭلىسام دوكتورلۇقتا ئوقۇمىسا ئوقۇش پۇلى ئىلتىما قىلىش تەس ئىكەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
مارت 18th, 2011 at 21:48
@ئامىنە, ياخشى ئوقۇغان بولسىڭىز، نەتىجىڭىز ياخشى بولسا ئالالايسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۈغش
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ يازمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال تاشلاي، چەتتە ئوقۇغانلار ئاتا-ئاناڭلارنى، تۇرمۇش ئىشلىرىڭلارنى قانداق قىلىسىلەر؟ دىمەكچى بولغىنىم، مىنىڭ ئاتا-ئانام مەن بالىنىڭ چوڭى بولغاچقىمۇ بەكلا چىدىمايدۇ. بىر كۈنى ئانام ‹بىر پىروگىراممىدا، ئاتا ئانا ھايات ۋاقتىدا پەرزەنىتلەر يىراق كەتمىسۇن، دەۋاتىدۇ، شۇڭا يىراق كەتمىگىن› دەيدۇ. دادام ئانامنىڭ تېنىمۇ ساقسىز بولۇپ قالدى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مانا ئەمىسە دەپلا يۇرىتقا كېتىپ يىراق يېزىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كېتەيمۇ دەپمۇ ئويلاپ باقتىم. لىكىن شۇ 1000 كويدىن بەرگەن مۇئاش بىلەن بور توپا يەپ ئىشلەپ كەتكۈم يوق، چەتكە چىقىپ ئوقۇيمۇ دىگەن، لىكىن ماۋۇ توفىل دىگەن ئىمتىھان يامانمۇ قىيىنكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتكە چىققان بىلەنمۇ خىزمەت تاپقىلى بولارمۇ دەپ كاللامدا غەم… ماڭا بىر بۇ ئىشلارنىڭ ياخشى يامان تەرىپىنى بىرەرسىڭلار ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرسەڭلەرچۇ، سوۋۇپ كەتكەن قىزغىنلىقىمغا بىنزىن سىپىپ قويۇڭلارچۇ، بۈركۈت ئەپەندىدەك…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
شىرىن Reply:
مارت 18th, 2011 at 11:11
@ئەنۋەرجان,
ياپسام پىشارمۇ كۆمسەم پىشارمۇ دەپ يۇرسىڭىز ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىگە بولۇڭ. ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىغا قىيمىسڭىز مەڭگۈ غەلبە قىلالمايسىز، ئوغۇل بالىدە ئازراق غەيرەت بولمىسا قانداق بولىدۇ… مۇشۇنداق مىكى مىكى دەپ ھوشىڭىزنى تاپماي يۈرسىڭىز، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقاندا سىزگە يېزىدىكى ئوقۇتقۇچىلىقمۇ يوق
ما توفېل دىگەن ئىمتىھان قىيىنكەن، خىزمەت تاپالەرمەنمۇ دەپ غەم قىلىپ كەتكىنىڭىزنى كۆرۈپ كۈلگۈم كەلدى … تىرىشمىسڭىز نەدە سىزگە نەتىجە
بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزگە باھانە خالاس، ئۆزىڭىز تىرىشىپ، ئوقۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەندە ئۆيىڭىزدىكىلەر ھەرگىزمۇ سىزنى توسىمايدۇ (ئاڭلىق، كاللىسى ئوچۇق ئاتا-ئانا بولسىلا) گەپ ئۆزىڭىزدە.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
مارت 18th, 2011 at 21:47
@ئەنۋەرجان, توفىلدىن ئۆتەلمىسىڭىز ۋە شۇنچىلىك ئىنگىلىز تىلى سەۋىيسىگە ئىگە بولمىسىڭىز چەتتىنمۇ ئىش تاپالمايسىز. تىل بىلمىگەن ئادەمگە بىركىم ئىش بىرىشى ناتايىن. ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن غەم قىلىپ يۈرمەي ئالدىغان قاراپ ماڭغان ياخشى. ئاۋال توفىلدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئىش تاپالارمەنمۇ دەپ ئويلىڭسىزمۇ كىچىكمەيسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
دەريا Reply:
ئاپرېل 12th, 2011 at 08:28
ئالدى بىلەن بىر تىرىشىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئاندىن ئاتا-ئانىڭىزنى قايىل قىلىڭ. مېنىڭ يولدىشىمنىڭ ئاپىسىمۇ بالىسىغا پەقەت چىدىمايتتى. ئۇلارغا قارىغاندا تېخى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر چىقىشىمىزنى قوللايتتى. ئىلتىماسنى قىلىپ بولۇپ، مەكتەپتىن قەغەز كەلدى چىقىمىز دېسەك، سەل نارازى بولسىمۇ ماقۇل بولدى مانا ھازىر ئەر-ئايال ئىككىمىز بىللە ئوقۇۋاتىمىز خۇدايىم بۇيرىسا بۇ يىل ماستىرلىق پۈتىدۇ. ئۆيدىكىلەر يېنىپ كېلىڭلار دىگەن بىلەن، يەنە دوكتۇر ئوقۇيمىز دەپ تەييارلىق قىلىۋاتىمىز مانا. كۈن دېگەن غەم قىلسىڭىزمۇ ئۆتىدۇ. غەم قىلمىسىڭىزمۇ. پەقەت ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا بولدى. خۇدايىم ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن. ئۇلارغا راھەت كۈنلەرنى كۆرسىتىشىڭىزغا نېسىپ قىلسۇن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel