باشبەت » Headline, ئامرىكدىكى ئىشلار, ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئىلىم-پەن, ئۇختۇرۇش

دوكتۇر رەيھان بەكتۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، شەرتلىرى بار.

26 دېكابىر 2011 5,639 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس

ئامرىكا يۇتا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى فاكولتىتىنىڭ پروفىىسسورى رەيھان بەكتۇر يىقىندا يەنە يىڭىدىن تەتقىقات مەبلىغى ئالغان بولۇپ شەرتلىرىگە چۈشىدىغان ئۇيغۇر بالىلاردىن بولسا يەنە بىرنى قۇبۇل قىلماقچى. رەيھان بەكتۇر ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىنى ئالغان بولۇپ ئۇلاردىن بىرسى كىلەر يىلى دوكتۇرلۇق پۈتتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بىرسىنى 2011 -يىل كۈزگە ئوقۇش باشلايدىغانغا ئالغان بولۇپ ئۇ يىڭىدىن ئوقۇشىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى بۇرۇن مەن ياكى باشقىلار مىكروبلوگ ۋە باشقا تورلاردا ئۇختۇرۇش بەرگەن.لېكىن شەرتلەر تازا ئىنىق يېزىلمىغان بولغاچقا باشقىلار كىم بولسا قۇبۇل قىلىۋىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق مۇھىت ئىنژىنىرلىقىدىن تارتىپ خېمىيە ئىنژىنىرقىغىچە ياكى كەسپى، ياكى بۇرۇن ئوقۇغان دەرىسلىرى ھىچقانداق ماس كەلمەيدىغان،  ئۆلچەملىك ئىمتاھانلارنى بەرمىگەن، ياكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس دىگەندەك ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خەت يازغان. رەيھان بەكتۇر گەرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالىسىمۇ لېكىن ئۇيغۇركەن دەپلا كىم بۇلسا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا باشقىلارغا ئوخشاش مەلۇم شەرت ۋە تەييارلىقلارنى ھازىرلىغان بۇلۇشى كىرەك، كىلىپلا ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي تۈر تەتقىقاتدىغا كىرىشىپ كىتەلىشى كىرەك. شۇڭا ئوقۇشنى خالىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋال دوكتۇر رەيھان بەكتۇرنىڭ تور بېتىگە چىقىپ ياكى گوگىلدىن ئىزدەپ ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى چۈشىنىپ بېقىشىنى، تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىلان قىلغان ماقالىلارغا قاراپ بېقىشىنى، ئاندىن شەرتلەرگە ئۆزىنى سېلىپ بېقىپ ھەممىسىگە چۈشسە ئاندىن ئۇنىڭغا خەت يېزىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. شەرتلەرگە چۈشىدىغان ئۇيغۇر بالىلارغا بۇ تىمىنى ئەۋەتىپ بىرىشڭلارنى سورايمەن.

مەكتەپنىڭ ۋە فاكولتىتنىڭ نورمال ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىش تەلەپلىرىدىن باشقا رەيھان بەكتۇرنىڭ تەلەپلىرى تۈۋەندىكىچە :

(1) A student majored in Electrical Engineering. He or she has to have at least a BS degree in EE, not physics or Computer Engineering/Science.
(2) The student has to have taken at least 2 classes in Electromagnetics. One when studying Physics, one as the specific Electromagnetics class. It is preferred if the student has taken Microwave Engineering class and Antennas class.
(3) The student has to have taken GRE and TOEFL, both scores should be decent.
(4) The student need to have at least 3.0 GPA
(5) The student need to be interested in Electromagnetics and Antenna design.
(6) Hard working student

دوكتۇر رەيھان بەكتۇر بۇ بلوگنىڭ تۆھپىكار  (contributing author) ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ بۇندىن بۇرۇن يازغان يازمىلاردىن دەرىسلەرنى ياخشى ئوقۇش ۋە ياخشى نەتىجە ئېلىش بەك مۇھىم مەكتەپنىڭ دەرىجىسى مۇھىممۇ ياكى پىروفىسسورمۇ؟ PhD مۇ ياكى MS مۇ؟ قاتارلىقلار بار. بۇ بلوگدا دوكتور رەيھان توغرىلىق بۇرۇن يېزىلغان تىمىلاردىن دوكتور، ئىنژىنىر رەيھان بەكتۇردوكتۇر رەيھانگۇل بەكتۇر بىلەن سۆھبەت دىگەن تىمىلار بار.


6 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..