Home » Archive

Articles Archive for سېنتەبىر 2008

ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[23 سېنتەبىر 2008 | 16 Comments | 1,307 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېر.  My Daily Expenses in America

مەن تۇرۋاتقان بۇ يەر كىچىكلا مەخسۇس مۇشۇ ئۇنۋېرسىتىت ئۈچۈن قۇرۇلغان شەھەر، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 28 مىڭ ئەتراپىدا، جەمئى نۇپۇس 35 مىڭ ئەتراپىدا. بىر قەدەر بىخەتەر. بۇ يەردە ئىككەيلەن كۆپ ئىچىۋىلىپ مۇشتلاشسىمۇ ئەتىسى گىزىتكە چىقىىپ قالىدۇ. ئىككى يىل بولدى ئۆيگە قۇلۇپ سېلىپ باقمىدۇق، بۇرۇنقى ياتقان ئۆينىڭ بىرلا ئاچقۇچى باركەن، ئاچقۇ ياسايدىغان يەرگە بېرىپ ( بىز تۇرۋاتقان يەردە ياسايدىغان يەر يوققەن، قوشنا شەھەردە بار، 20 مىنۇت ماشىنا ھەيدەيمىز) ياسىتىپ كىلىش خوشياقماي قۇلۇپ سالمايتتۇق، ھازىر ياتقان ئۈينىڭ ئاچقۇچىنى ياتاقدىشىم بىلەن ئىككىلىمىز ئۈيگە كىرىپ بىر ھەپتىگىچە يۈتۈرۋەتتۇق. شۇڭا شۇنىڭدىن كيىن ئۈينى تاقىمىدۇق ( كۆچۈپ كىرگىلى بىر يېرىم يىل بولدى) . مىنىڭ يەنە بىر ۋېلىسىپتىم بار،

پارچە-پۇرات گەپلەر »

[20 سېنتەبىر 2008 | 15 Comments | 1,242 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇرچە ئۈگىنىشى: مەن سىنى سۆيىمەن، سويمايمەن Do you love her or kill her, in Uyghur language

بۈگۈن مەن تاسادىپى ھالدا ئۇيغۇر تىلىدىن بىر ئۇنتۇلمايدىغان دەرىس ئالدىم. بۇ دەرىس مەن دۇتتار دەرسى ئېلىۋاتقاندا يۈز بەردى. ئۆتكەن يىلى مەن ئۇيغۇر تىلىدا Love دىگەن سۈزىنىڭ ”سۆيۈش“ دەيدىغانلىغىنى ئۈگەنگەن ئىدىم. ”I Love you“, دىگەننى ئۇيغۇرچىدا ”مەن سىزنى سۆيىمەن“ دەيتتى. بۈگۈن شۇنى ئۈگەندىمكى ئەگەر سىز بىرسىگە ”سۆيىمەن“ دىمەكچى بولسىڭىز ئۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشىڭىز، ھەرگىزمۇ خاتالىشىپ “ سويىمەن“ دەپ قويماسلىقىڭىز كىرەك ئىكەن. چۇنكى ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە، تېخىمۇ ئىنىقراق ئېيتقاندا ئەكسىچە مەنا بىرىدىكەن، ئەگەر سىز “ مەن سىزنى سويىمەن“ دىسڭىز ئۇ مەن سىزنى ئۆلتۈرىمەن دىگەن گەپ بۇلىدىكەن.

ئويلانمىلار, كولتىگىن »

[19 سېنتەبىر 2008 | 3 Comments | 746 قېتىم كۆرۈلدى]
[Koltigen] دىھقانلارنىڭ چىقىش يولى نەدە How to make our farmers rich?

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان،يېزا ۇتەخەسسىسلىرى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن، نۇرغۇن يازغۇچى،شائىرلار دېھقانلارنىڭ ئەجرىنى،چەككەن جەبرى- جاپاسىنى مەدىھلەپ ھېكايە،شېئىرلارنى يازغان،كادىرلار بولسا ئۇلارنىڭ جاپاسىنى مۇتلەق مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇنداقلا دېھقانلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن بولسىمۇ،يەنىلا نۇرغۇن دېھقانلار نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئالدى كەينىدە چۆرگىلەپ كېتەلمىدى. شەھەردىكى كوچا-كويلاردا كېتىپ بارغان،نەرسە كېرەك سېتىۋالغان كىشىلەرنىڭ تەقى-تۇرقى،كىيىنىشىدىنلا ئۇنىڭ دېھقان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس،شۇنداقلا

جەميەتكە نەزەر, كولتىگىن »

[18 سېنتەبىر 2008 | 4 Comments | 707 قېتىم كۆرۈلدى]
[Koltigen] بوۋاققا سالغان قارا قۇلۇڭنى تارت Save My Baby

ىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققى قىلىپ 21-ئەسىرگە كىرگەن،جۇڭخۇا ئېلىنىڭ بەش مىڭ يىلىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش،خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىۋاتقان، جۇڭگونىڭ يۈز-ئابرويىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرمىللەت خەلقى تېرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈۋاتقان مەزگىلدە،ئىنسانلارنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن ئەخلاق ئۆلچىمىنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجۇۋاجۇئاڭ شەھىرىدىكى بوۋاقلار ئۈچۈن سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاتالمىش ”داڭلىق كارخانا“ سەنلۇ باشچىلىقىدىكى 22كارخانا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىستىمال بۇيۇمغا ئارىلاشتۇرۇش چەكلەنگەن خىمىيىلىك تەركىپ قېتىپ،ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ

ئۈگىنىش »

[15 سېنتەبىر 2008 | 4 Comments | 1,301 قېتىم كۆرۈلدى]
ئەگەر يەنە بىر قېتىم ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ قالسام If I were Graduate Student Again

تىمىنى كانادا ئوقۇۋاتقان ئابدۈشۈكۈر تەۋسىيە قىلغان بولۇپ ئوقۇپ باقسام ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار ھەقىقەتەن بۇ تىمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسا بۇلىدىكەن. باكلاۋوردا ئوقۇۋاتقانلارمۇ ئوقۇپ قويسا زىينى يوق، چۇنكى نۇرغۇن يەرلىرى يەنىلا ماس كىلىدۇ. تىمىنىڭ ئەسلى يازغۇچىسى كىمۇ ھازىرغىچە ماڭىمۇ ئىنىق ئەمەس. شۇڭا يازغۇچىسى ئەسكەرتىلمىدى. ئابدۈشۈكۈر بۇرۇنمۇ كانادادا ئوقۇش ۋە ۋىزا ئېلىش توغرىلىق ئوچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.

ئىلىم-پەن, ئىلھام, خەۋەر »

[11 سېنتەبىر 2008 | 14 Comments | 2,515 قېتىم كۆرۈلدى]
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئانا ۋەتەندە Uyghur Scientist Shoukhrat Mitalipov 's visit to Urumchi

ئالىمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن تېخىمى ئىچكىرلەپ تونۇشۇش، ئۆز- ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش، بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتلاردا ئىلاجى بولسا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتگە كىلىپ ئىلمى دوكلات بىرىش ۋە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. مانا بۇ ھەپتە ئالىم تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتنى باشلىۋەتتى. ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئالىمنىڭ ئالدىغا چىقتى. بېيجىڭدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىمىز زەپەر ئابلىز بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپكە ھەمرا بولدى. بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپ جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن 9 – چىسلا ئۇ يەردە ئىلمى

جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[11 سېنتەبىر 2008 | 4 Comments | 652 قېتىم كۆرۈلدى]
شىنجاڭدىكى يېشى ئەڭ چوڭ پۇتبۇل مەستانىسى Oldest Soccer Fan of Uyghurs

بۈگۈن شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاخرىدىكى مۇسابىقىسى قانداق بولغانلىغىنى بىلىش ئۈچۈن ھۇررا كۇلۇبىنى ئارىلاۋىتىپ گەرچە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يىڭىلگەنلىگىنى بىلىپ كۆڭلۇم يېرىم بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ بىر پارچە رەسىمنى ئۇچرىتىپ كۈڭلۈمدە بىر خىل بۇ ئانىمىزغا بولغان ھۆرمەت تۇغۇلدى. بۇ ئانىمىز ئۆزى يالغۇز ھالدا بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پۇتبۇل كۆرۈۋىتىپتۇ. ئەتراپىدا باللىرى ياكى نەۋرىلىمۇ باردەك ئەمەس. بۇ ئانىمىز كىمدۇ دەپ ئۆزەمچە خىيال قىلىپ قالدىم. بۇ ئانىمىز مۇنبەرگە كىرىپ پو ئېتىشنى، مىللىتىم دەپ چوڭ سۆزلەشنى بىلمەس بەلكىم. لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى ئەڭ ناچار ئويناپ كۈڭلىمىىزنى يېرىم قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردىمۇ ، ھەممەيلەن 20 كويلۇق كۈرۈش بىلىتى قىممەت بولۇپ كەتتى دەپ زارلاۋاتقان

جەميەتكە نەزەر, رەسىم, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[10 سېنتەبىر 2008 | 6 Comments | 1,257 قېتىم كۆرۈلدى]
ئۇيغۇرلار مودا ساھەسىدىكى چوقۇم تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك شەخىس–شېرىنئاي Celebrities of Fashion -Shirin'ay

[ جېك ئىلاۋىسى: ئۇيغۇرلار مودا ساھەسى تىلىغا ئېلىنسا بىز دىمەتلىكلەر كۆپىنچە رەنانى ئەسكە ئالىمىز، چۇنكى ئۇ بىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك ھەم CCTV دىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەخ مەيداندىن كۆرگەن. شۇندىن كىيىن رەنا بىراقلا داڭ چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىردىكى بىر ئوبرازى بولۇپ قالدى. لېكىن رەنا بىرىنچىسى ئەمەس. ئۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 يىللار بورۇن شىرىنئاي ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ ئوخشاش نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن، ئۈز ۋاختىدا شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغا مۇقاۋىسغا رەسىمى بىرىلىپ تۇنۇشتۇرۇلغان. شۇ رەسىمدىكى سماسى ئىسىمدە قاپتىكەن. كىيىن ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئۇنچە خەۋىرى بولمىدى. كىيىن يەنە ئىچكىرگە ئوقۇشقا كىرگەندە بەزى خەنزۇ ساۋاقداشلار  بىزنى كۆرسە شىرىنئاينىڭ ناخشىسى ياخشى …