ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئانا ۋەتەندە Uyghur Scientist Shoukhrat Mitalipov 's visit to Urumchi

تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئالىمى شۈھرەت مۇتەللىپ كلون تېخنىكىسدا چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ دۇنيادا غول ھۈجەيرە ساھەسى غۇلغۇلا ھاسىل قىلدى ۋە دۇنيادا قايتىدىن كلون تېخنىكىسى توغرىلىق بىر مەيدان مۇنازىرە قوزغىلىشقا سەۋەپ بولدى. يىل ئاخىرىدا ئالىم قولغان كەلتۈرگەن نەتىجە ئامرىكا دەۋىر ژورنىلى تەرىپىدىن 2007 – يىللىق دۇنيا ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۈسۈشىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. بىزمۇ شۇ ۋاقىتتا ئالىمنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىغا بېرىپ ئالىمنى يۈزمۇ-يۈز زىيارەت قىلىپ 9-قىسىملىق بىر فىلىم ئىشلەپ تارقىتىپ ئالىمنىڭ تۇرمۇش، تەتقىقات ئەھۋالى توغرىسىدا تورداشلارنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن بىرىنچى قول ئوچۇرلار بىلەن تەمىنلىدۇق. ئەنە شۇ زىيارىتىمىزدە ئالىم ئۈزىنىڭ ئاتا – ئانىسى ياشاپ ئۆتكەن تۇپراققا قەدەم بېسىپ ئۆز خەلقىنى كۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مانا بۈگۈن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالىمنىڭ ئارزۇسى رىئاللىققا ئايلاندى. ئالىمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن تېخىمى ئىچكىرلەپ تونۇشۇش، ئۆز- ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش، بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتلاردا ئىلاجى بولسا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتگە كىلىپ ئىلمى دوكلات بىرىش ۋە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. مانا بۇ ھەپتە ئالىم تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتنى باشلىۋەتتى. ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئالىمنىڭ ئالدىغا چىقتى. بېيجىڭدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىمىز زەپەر ئابلىز بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپكە ھەمرا بولدى. بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپ جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن 9 – چىسلا ئۇ يەردە ئىلمى دوكلات بەردى ۋە بۇ ئاكادىمينىڭ پەخرى پروفىسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. جۇڭگۇ خەلىق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۈلۈمى مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ 9- ئاينىڭ 8 – ۋە 9- كۈنى ئىككى كۈن ئارقىمۇ ئارقا تارقاتتى. شۇ كۈنى كەچتە زەپەر ئابلىز باشچىلىقىدىكى بېيجىڭدىكى بىر قىسىم زىيالىلار زىياپەت ئويۇشتۇرۇپ ئالىم بىلەن قىزغىن سۈھبەتتە بولدى. 10-چىسلا ئالىم ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا نۇتۇق سۈزلەپ زالنىڭ ئىچى- تېشىغا پاتماي قالغان ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا ھەۋەسكارلارغا ئۈزىنىڭ تەتقىقات ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، دوكلات ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن مىھمان پروفىسسورللۇققا تەكلىپ قىلىندى. ئالىم يەنە شىنجاڭد بىر نەچچە كۈن زىيارەتتە بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئامرىكىغا قايتىدۇ. ھازىرقى ئەڭ يىڭى ئوچۇرغا قارىغاندا ئالىم بۈگۈن تۇرپان زىيارىتىنى باشلاپتۇدەك. بىلىۋال تورى ۋە Jeck بلوگى ئالىمنىڭ ۋەتەن زىيارىتى توغرىلىق ئەڭ يىڭى ئوچۇرلارنى بۇندىن كىيىن يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
جۇڭگۇ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئالىم شۈھرەت مىتەللىپ بىلەن ئۈتكۈزگەن سۈھبىتىنى بۇ يەر، بۇ يەردىن ياكى تۈۋەندكى قويغۇچتىن ئاڭلاڭ.
ئەگەر قويالمىسىڭىز تۈۋەندىكى ئىككى ئادىرىسنىڭ قايسىسى ئۇلانسا شۇنىڭدىن چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ.
http://bizning.com/bizningmusic/Awazliq_Eser/Shohret_Mutellip_Bilen_sohbet.mp3
http://biliwal.com/mp3/Shohret_Mutellip_Bilen_sohbet.mp3
ئالىمنىڭ زىيارىتى توغرىلىق ئۇيغۇرسوفىت تورىدا خەۋەرلەر بىرىلگەن بولۇپ خەۋەر، رەسىملەردىن سىرت ئيەنە ىككى قىسىقا فىلىم بىرىلگەن. قىسقا فىلىمنى تۈۋەندىكى قويغۇچتىن كۈرۈڭ ياكى ئاستىدىكى ئادىرسىتىن چۈشۈرۈپ كۈرۈڭ.
بىرىنچى قسقا فىلىم: http://www.uighursoft.com/uighur/shoukhrat-0.wmv
ئىككىنچى قسقا فىلىم: http://www.uighursoft.com/uighur/shoukhrat-1.wmv
تۈۋەندىكىسى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بېيجىڭدا چۈشكەن بىر نەچچە پارچە سۈرىتى. گەرچە قالايمىقانراق چىقىپ قالسىمۇ رەسىمنى ئىنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن رەسىم چوڭلۇغىنى كىچىكلەتمەي ئۈز پېتى بەردىم.
بېيجىڭدا ئالىم زەپەر ئابلىز بىلەن بىللە.
جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىميسىدىمكى تەتقىقاتچىلار بىلەن بىللە.
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بللە. بۇ رەسىمدىن ئەڭ ھەيران قالغىنىم ۋە ھاياجانلىق ھىس قىلغىنىم جۇڭگۇ ۋاسكىتبول چولپىنى ، بىرىنچى ئاۋغۇسىت دۈلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ئادىلجاننىڭ بۇ سورۇندا بولغانلىقى بولدى. تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىق ئوغلاننىڭ گەرچە ئۈزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ساھە بولسىمۇ يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ ھۈرمىتىگە كەلگەنلىكى ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى.
تۈۋەندىكىسى ھەممىسى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىكى دوكلات بەرگەندىكى نەق مەيداندىن سۈرەتلەر.
رەسىملەر پەيزى ھە. شۇندا بولسا ئۈستىن تەرەپتىكى ئلاندىن بىرەرنى چىكىپ قويايلى.
تۈگىدى.
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدا بۇ بلوگدىكى بارلىق تىمىلار تۈۋەندىكىچە:
ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت
ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەتنىڭ تولۇق خاتىرىسى (جەمئى 9-قىسىملىق فىلىم)
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئانا ۋەتەندە
[...] [...]
نادىر تىمىلارنىڭ ئېلانلىرىنى چىكىپ،دەسسەپ مىجىقىنى چىقىرىۋەتكۈلۈك!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نۇتۇقنى قايسى تىلدا سۆزلەپتۇ ؟ ئېنگىلىزچىمۇ ياكى ئۇيغۇرچىمۇ ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىسىل ئىش بوپتۇ.
جىك ئەپەندىم، مەندە بىر ئۇسۇل بار ئىىدى… ئېلاننىڭ چىكىلىشىنى 1 دوللارغا كۈتۈرۈش كودى. بىلوگىڭىزغا ئىچىم كۈيۈپ بىرىۋىتەيلا دەپ ئويلىدىم. مىنى ئىزدىسىڭىز.
چچ: 421151165 skype: yasin318
421151165@qq.com ئېلخەت يوللىۋەتسىڭزىلا تەييار بۇلىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jek,buni gullugke chaplap qoysam bolamdu?
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىلىۋال مۇخبىرلىرىنىڭ سۆرەتكە تارتىش ئاپىراتى راستىنلا ئىلغاركەن جۇمۇ، سۆرەتلەر بەك سۈزۈك چىقىپتۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن ئالىمنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشىنى ئۇمىت قىلمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
thank you for your work .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن ئۇرۇمچىدە تۇرۇپمۇ شۇ كۇنى بىكار ئۆتكۇزۋاتقىنىم ئۇچۇن راستىنلا پۇشايمان قىلۋاتىمەن رەىمەت سىزگە
jeck بۇ يازمىنى ياخشى يوللاپسىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
aldinki kuni man uz maktiwimiz da alimimiz ning ilmi doklatini nahmaydanda turup kordim .baxtin ahirgiqa kaypiyat iztayin yukuri boldi,ahirda yana balilar bas basta alimdin kelon tehnikisi tohrilik soallarni soridi(english tilida) man bu alimni xunqa yekin arlikta turup koraliximni oylapmu bakmap timan,ozumda intayin hayajanlixix ham pahirlinix tuyhusi bodi~~!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئالىمىمىز شىنجاڭ ئونۋېرستىتىدا لىكسىيە سۆزلىگەندە ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ئۈيغۇر دوپپىسى تەقتىم قىلىشى كىرەك ئىدىغۇ،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
روس ۋە ئېنگىلىس مۇھىتىدا تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى خېلىلا ياخشى سۆزلىيالايدىغان بۇ ئالىمىمىزغا ھۇرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى،ياشاپكەت ئۆيغۇرۇم،
سىزگىمۇ كۈپ رەخمەت تۇرسۇنجان
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئالىمىمىزنىڭ ئىشلىىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىدەكلا تېخىمۇ شۆھرەت تېپىشىغا تىلەكداشمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياشا ئۇيغۇرۇم.
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel