Home » Archive

Articles tagged with: Uyghur

Headline, خەۋەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[19 ئىيۇن 2012 | 14 Comments | 5,686 قېتىم كۆرۈلدى]
فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىز

يېقىندىن بېرى، بارغانسېرى فرانسىيەدىكى مەيلى ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى بولسۇن، ئۇيغۇرپەرۋەر ياكى يىراقتىن كۈزەتكۈچىلەر بولسۇن، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز ئوغۇزغا كېلىۋاتقان ياخشى ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ سورالغان سوئال : ”سانىڭلار شۇنچە ئاز، فرانسىيەدىكى تۇرۇش ۋاقتىڭلار شۇنچە قىسقا تۇرۇپ، نېمىدىگەن جانلىق ۋە مىللەتپەرۋەر سىلەر؟ بۇنچىلا غەيرەت ۋە ئېنىرگىيەنى نەدىن ئالىسىلەر؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ھەيران قالارلىقمۇ؟“
ئەمەلىيەتتە مىللىتىمىزنى فرانسىيەدە مۇشۇ يوسۇندا تونۇشتۇرۇپ، فرانسۇز ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ھەيران قالدۇرىۋاتقان بىز ئون نەچچە ئوقۇغۇچى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولالمايمىز. دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇ ھەر تىپ، ھەر خۇلقتىكى كىشىلەر مەۋجۇت. ئەمما ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز بىلەن فرانسىيەدە توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايراملىرى باشقىلارغا خۇددى بارلىق ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق مىللىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېرىدىغاندەك تەسىر بەرمەكتە.
دېمىسىمۇ، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تۈركىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە ۋە نورۋېگىيەلەردىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوقۇش سەۋەبى بىلەن كەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. سانىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، تېز سۈرئەتتە تىل ئېگەللەپ، ئۇيۇشۇپ، تەشكىللىنىپ

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[28 ئىيۇن 2011 | 4 Comments | 2,341 قېتىم كۆرۈلدى]
تۇردى لېتىپ: مەن ۋە مەن ئىشلىگەن سىستىما

بۇ مىھمان يازمىسى (Guest Post)  شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان. تۇردى لېتىپ ئەپەندى ئىزدىنىش تورىنىڭ كونا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ ئۆز ۋاختىدىكى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتوتىنىڭ ئېلېكتىرىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، كىيىن شېنجېندا ۋە ياپۇندا ئىشلىگەن.  2006-يىلى شىنجاڭدا ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان كۆپ تىللىق ئاشخانا رېستوران ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىسېتمىسى شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. تۇردى لېتىپ ئەپەندى توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز مىنىڭ كەسپىم …

ئويلانمىلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[4 فېۋرال 2011 | 5 Comments | 1,309 قېتىم كۆرۈلدى]

بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز:
كىملىكىمىز، جەمئىيەتلىشىۋاتقان بىنورماللىقلىرىمىز ۋە شالغۇتلىشىۋاتقان قىممەت قارىشىمىز تاپتىن چىققۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئۇنتۇلغان پەرھىزلەر ۋە بۇزۇلۋاتقان يوسۇنلار ئۈستىدە ئويلىنىش
زۇلپىقار بارات ئۆزباش
-سەن ئىنسانىيلىقنىڭ ئاسىيسى، كامالەتنىڭ قاتىلى، تۇرمۇشنىڭ ئەخلىتى. بۇ تەقدىرىڭنى ئۆزۈڭ تۈزگەن. 
-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1934-1995)«ئۆزۈڭنى تونۇ»ناملىق ئەسىرىدىن
-بىر ئەخلاقسىز ئادەم ھەركەتكە ئۆتكەندە، نۇرغۇن ئەخلاقلىق ئادەم تەڭلا ئازاپلىنىۋاتقان بولىدۇ.
-ئىممەنيۇل كانت(گېرمانىيە، 1724-1804)[2]
-بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئورتاق قىممەت قارىشى ياراتماي تۇرۇپ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ ياكى قايتىدىن بەرپا قىلالمايدۇ. 
ئېمىل دۇركايىم(فىرانسىيە، 1858-1917)[3]
1. مۇقەددىمە:تېمىغا كىرىش
پاكىت تەھلىلى(1)
تويدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلار
قىز كۆچۈرگىلى كەلگەن يىگىتلەر بىرەر مەرتە ئۇسۇل ئويناپ، مەرىكە كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ سەھنىدىن چۈشكەندىن كىيىن، شۇنچىلىك …

ئويلانمىلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[4 فېۋرال 2011 | No Comment | 949 قېتىم كۆرۈلدى]

پەلسەپە دىگەن نىمە؟ ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە بولامدۇ؟
–«چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت» تىن پارچە
پەلسەپىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەپسىلىيرەك توختىلىش ئۈچۈن سۆزۈمنى تېخى يېقىندىلا قازا قىلغان ۋە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مەشھۇر فرانسىيە يەھۇدىي پەيلاسوپى ژاك دېررىدانىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن باشلايمەن: ”پەلسەپە مەڭگۈ گرېكنىڭ!“ مانا مۇشۇ پەلسەپە يىگىرمە بەش ئەسىردىن بېرى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر شۇنداق سوئال قويماي تۇرالمايدۇكى، پەلسەپە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بېرى غەربتىكى بىر ئاۋانگارت ئىلىملىك رولىنى يوقاتماي كەلدى؟ ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ مۇتەپەككۈرلەرنى، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنى، ئىلاھىيەتشۇناسلارنى ۋە ئاۋامنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىۋاتقان سېھرىي كۈچى زادى نەدىن كەلگەن؟ 
بەزىلەر …

نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

[2 فېۋرال 2011 | One Comment | 8,844 قېتىم كۆرۈلدى]

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قويماي بولمايدۇ.ھازىرغا قەدەر مائارىپتا بىزگە ئومۇمىيۈزلۈك ئېنگىلىزتىلى ئۆتمىسىمۇ،كىچىكىدىن باشلاپ ئېنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈپ چوڭ بولغانلار بىلەن تەڭ رىقابەتتە مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى مۇسابقىلىرىگە شان-شەرەپلەرنى كەلتۈردى.تۆۋەندە مەن ھازىرغا قەدەر مەملىكەتلىك نوپۇزغا ئىگە ئېنگىلىزچە مۇسابىقىلارغا قاتناشقان شۇنداقلىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى رەتلەپ چىقتىم.
مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئېنگىلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى 2002-يىلى تەسىس قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلانغان.مۇسابىقىنى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى ساھىبخان بولۇپ ”CCTVلوڭقىسى“ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىنگىلىزتىلى نۇقۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى نامىدائۇدا 8يىل ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.بۇ 8يىل جەرياندا2002-يىلى ۋە2003-يىلى بىيجىڭغا بىرىپ قاتناشقانلار يوق.
2004-يىلى:
قاسىمجان ئابدىرىھىم،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 3-لىككە …

پارچە-پۇرات گەپلەر »

[20 سېنتەبىر 2008 | 15 Comments | 1,242 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇرچە ئۈگىنىشى: مەن سىنى سۆيىمەن، سويمايمەن Do you love her or kill her, in Uyghur language

بۈگۈن مەن تاسادىپى ھالدا ئۇيغۇر تىلىدىن بىر ئۇنتۇلمايدىغان دەرىس ئالدىم. بۇ دەرىس مەن دۇتتار دەرسى ئېلىۋاتقاندا يۈز بەردى. ئۆتكەن يىلى مەن ئۇيغۇر تىلىدا Love دىگەن سۈزىنىڭ ”سۆيۈش“ دەيدىغانلىغىنى ئۈگەنگەن ئىدىم. ”I Love you“, دىگەننى ئۇيغۇرچىدا ”مەن سىزنى سۆيىمەن“ دەيتتى. بۈگۈن شۇنى ئۈگەندىمكى ئەگەر سىز بىرسىگە ”سۆيىمەن“ دىمەكچى بولسىڭىز ئۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشىڭىز، ھەرگىزمۇ خاتالىشىپ “ سويىمەن“ دەپ قويماسلىقىڭىز كىرەك ئىكەن. چۇنكى ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە، تېخىمۇ ئىنىقراق ئېيتقاندا ئەكسىچە مەنا بىرىدىكەن، ئەگەر سىز “ مەن سىزنى سويىمەن“ دىسڭىز ئۇ مەن سىزنى ئۆلتۈرىمەن دىگەن گەپ بۇلىدىكەن.

ئىلھام, خەۋەر »

[28 ئاۋغۇست 2008 | 5 Comments | 1,012 قېتىم كۆرۈلدى]
CCTV رىياسەتچىسى نىغمەت بىلەن سۆھبەتنى چۈشۈرۋېلىڭ. CCTV Program Host: Negmet

بۈگۈن قارىسام شەبنەم تورى سۈھبەت ئويۇشتۇرۇپتىكەن، چۈشۈرۈپ كۇرۇپ باقتىم. نىغمەتنىڭ تېلىۋىزوردىكى سۈزلەۋاتقان خەنزۇچىسىغا قاراپ ئۇنى مەن ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلەيدۇ دەپ قەتئى ئويلىماپتىكەنمەن. چۇنكى ئۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدە سۈزلىگەن، جۇڭگۇ، خەنزۇ ئاساسى ئېقىم مەدىنىيـتىگە بۇنداق چوڭقۇر كىرەلىگەن ئادەم كىچىگىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە مۇھىت بولمىغان شارائىتتا چوڭ بۇلغان، شۇڭا ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ بەك ئارلىشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بۈگەن كۆرگەن بۇ قىسقا سۈھبەت بۇ كۆز قارىشىمنى پۈتۈنلەي ئۈزگەرتىۋەتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى سۈزلەيدىكەن، ئۇيغۇرچە بولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىكەن. دادىسى خەلىق نەشىرىياتنىڭ مۇھەرىرى ئىكەن

جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[3 ئىيۇن 2008 | 39 Comments | 2,555 قېتىم كۆرۈلدى]
لەغمەن سېغىنمىغان جېك The Jeck Who Didn’t Miss Leghmen

بۈگۈن بىرسى لەغمەن سېغىنىپ كەتتىڭمۇ دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ لەغمەننى ئويلاپ قالدىم. بىر قارىسام سېغىنغاندەك، يەنە بىر قارىسام سېغىنمىغاندەك. يۈرىكىمنى ئۇبدان سىلاپ باقساق سېغىنماپتىمەن.
مىنىڭ بىر غەلىتە مىجەزىم بار. بىر نەرسىدىن يېنىپ قالمايمەن، ئۈچ بولۇپ قالمايمەن، چۇنكى ھازىرغىچە مەن ئۆچ بولۇپ قالغان نەرسىلەر بەك ئاز. لېكىن
ئوخشاش بىر نەرسە بەك كۈپ تەكرار بولۇپ كەتسە زىرىكىپ قالىمەن، ھەممە نەرسىدىن شۇنداق.  شۇڭا مەكتەپكە بارساممۇ بۈگۈن بىر يولدىن بارسام ئەتىسى باشقا بىر يولدىن بارىمەن . بۈگۈن كۈتۈپخانىدا ئۈگۈنۇش قىلسام، ئەتىسى ئىشخانامدا، يەنە بىر كۈنى ئۆيدە ئۈگىنىش قىلىمەن. ئامرىكىغا كەلگەن نەچچە يىلنىڭ ياقى ۋەتەننىڭ ھەممە …

ئويلانمىلار »

[22 ماي 2008 | 33 Comments | 2,768 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىلىق نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تويلىرى  : Weddings in  Uyghur Style on An American's Eye

ئۈتكەن ھەپتە مەن بىر ئۇيغۇرچە توي مۇراسىمىغا قاتناشتىم. توغرا، ھىچ بولمىغاندا توينىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كىيىنكى يېرىمىغا تولۇق قاتناشتىم. كۈرەلەيسىز، ئۇيغۇر تويلىرى تولۇق ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، كۈندۈزدە ۋە ئاخشامدىمۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.ھازىرسىز غەرىپتىكى تويلارنى كۈز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەن بۇلسىڭىز ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ناھايتى قىزىقارلىق، بەكلا باشقىچە،ھاھا.

مەسىلەن، سىز غەرىپتە توي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالسىڭىز ئۇنى كەم دىگەندە بىر ياكى بىر ئاي بۇرۇن تاپشۇرۋالىسىز. لېكىن مەن بۇ توينىڭ باغىقىنى توينىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى تاپشۇرۋالدىم، شۇنداقلا باشقىلار ئۈز قۇلى بىلەن بەردى تېخى.

رەسىم »

[17 ئاپرېل 2008 | 8 Comments | 1,007 قېتىم كۆرۈلدى]

 

مەن سىئاتىلدىن ماشىنىدا 5 سائەتلىك يىراقتىكى بىر كىچىك ئۇنۋېرسىتىت شەھەرچىسىدە تۇرىمەن. لېكىن بۇ شەھەرنى ھېچكىم تۇنۇمايدۇ. مەن تۇرۇۋاتقان شىتاتنى ولسا ۋاشىنگتون شىتاتى دەيدۇ. لېكىن بۇ ۋاشنگتون ئادەتتە بىز جۇڭگۇدا دەپ كۈنگەن ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەمەس. ئامرىكىدا چوڭ كىچىك بولۇپ نۇرغۇنلىغان ۋاشنگتون بار، چوڭ جەھەتتە بىرسى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدە بېيجىڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنە بىرى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىگتون شىتاتى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدا شىنجاڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىڭگتون شىتاتى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىگتون شەھىرىدىن 5000 كىلومىتىر يىراقلىقتا. شۇڭا ئامرىكىدا بۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى يالغۇز …

جەميەتكە نەزەر, خەۋەر, رەسىم »

[27 دېكابىر 2007 | One Comment | 2,038 قېتىم كۆرۈلدى]
2007 – يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر    Review back to Xinjiang and Uyghurs of 2007

2007 ‏-يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر
بىز بۇ قىسىمدا، خەلقئارادىكى ۋە جۇڭگۇدىكى ئوخشاش تۈردىكى باھالاش شەرتلىرى ۋە ئوسۇلىدىن پايدىلىنىپ،سىناق تەرەقىسىدە ئىقدارىمىزنىڭ يىتىشىچە شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىنى كۈزەتتۇق . باھالاش باسقۇچىدا ئىمكان قەدەر ئادىل بۇلىشىغا كۈچەپ جامائەت پىكىرىنى گەۋىلەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. نامزاتلىققا كىرگەنلەر ئاساسەن تېلىۋىزور، ئىنتېرنىتتا بىر قەدەر كۈپ كۈرۈلگەن ئاممىۋى شەخىسلەر قاتارىدىن نامزات تاللىدۇق، مۇشۇ يوللار بىلەن ئىرىشكەن ماتىريالنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ باھالاپ، ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان نامزاتنى بېكىتتوق.  باھالىشىمىزنىڭ نەتىجىسى كوپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىلىك قلسىكەن دىگەن پىرىنسىپ نىشان قىلىندى، نىشانغا يېتەلىدۇقمۇ يۇق يەنىلا كەڭ جامائەتنىڭ ئېتراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم  …

ئىلھام »

[6 ئاۋغۇست 2006 | No Comment | 881 قېتىم كۆرۈلدى]

دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن قىرغىزىستان  پەنلەر ئاكادىميسنىڭ ئاكادىمىكى، پەلسەپە پەنلەر دوكتۇرى پروفېسسور ئويغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايىۋنىڭ شاگىرتى.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 1973–يىلى 8- ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپاندا زىيالى ئائىلىسىدە توغۇلغان ۋە شۇ يەردە چوڭ بۇلغان.ئۇ  ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئۇچتۇرپاندا، ئاقسۇدا ۋە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ  تەربىيسى ئالغاندىن كىيىن 1997-يىلى قىرغىزىستان دۈلەتلىك پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇن پەنلىرى ئنىستىتوتىغا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ئوقۇشقا كىرگەن. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ يەردە ئويغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ تارىختىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى توغرىسىدا سىسىتىمىلىق ئۈگەنگەن ۋە قىرغىزىستان  پەنلەر ئاكادىميسنىڭ ئاكادىمىكى، پەلسەپە پەنلەر دوكتۇرى پروفېسسور ئويغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايىۋنىڭ يىتەكچىلىكىدە …

ئويلانمىلار »

[2 ئىيۇل 2006 | No Comment | 838 قېتىم كۆرۈلدى]

    ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ "ﺋﻮﻟﯘﻍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ" ﻏﺎ  ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺋﯜﻳﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻮﺭﯞﺍﻍ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ.  ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ 60 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﯧﺴﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻪ ﺑﻪﻙ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﺪﻯ. ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ. ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺍﯕﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﻨﻦ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﯩﻤﯩﻐﺎ ﻛﯜﭼﺘﯘﻕ. ﺋﯜﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺳﺎﻗﻼﭘﺘﯘ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﭽﻪ " ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﯜﭺ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ‘ﺩﯗﻧﻴﺎﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ 10 ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ’ …

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[8 ئىيۇن 2006 | One Comment | 1,095 قېتىم كۆرۈلدى]
توي مۇراسىملىرىمىز توغرىسىدا پاراڭ. Lets talk about our wedding style

ئارلىقتا ئۇغۇل تەرەپ چۈش بىلەن بىرەر يەردە يىغىلىپ ئاغىنىلىرى بىلەن يىگىت ئولتۇرۇشى قىلىدۇ، قىزلارمۇ شۇندا قىلىدۇ ياكى قىز تەرەپ ئايرىم ”“توي قىلىدۇ“". چۈشتىن كىيىن سائەت 4 لەر بىلەن ئۈغۇل تەرەپ ئاغىنىلىرى بىلەن ئەتىگەندە نىكاھ ئۇقۇپ قويغان قىزىنى ئەمدى ئالغىلى كىلىدۇ، قىزنى ئالغىلى كەلگەندە قىز تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئانچە مۇنچە ياڭزا كۈرسىتىپ قويىدۇ، ئۇغۇل تەرەپمۇ سۇنىڭ ئېقىشىغا بېقىپ ئىش كۈرۈپ نىمە تەلەپ قىلسا شۇنى تالىشىپ ”“سودىلىشىپ“" بىرىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا بۇ ”“سۇدىدا“" كىلىشەلمەي ئىككى تەرەپنىڭ ئاغىنىلىرى سوقۇشۇپ قالىدىغان ئىشمۇ بۇلىدىكەن. مەنغۇ ئۈرۈمچىدە ھازىرغىچە تويدا سوقۇش كۈرۈپ باقمىدىم. لېكىن مەن ئاڭلىغان سۇقۇشۇپ قاپتۇ، ياكى سۇركىلىشىپ قاپتۇ دىگەن گەپلەر بۇلسا، زىددىيەت مۇشۇ