باشبەت » ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر

تۇردى لېتىپ: مەن ۋە مەن ئىشلىگەن سىستىما

28 ئىيۇن 2011 1,787 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس

بۇ مىھمان يازمىسى (Guest Post)  شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان. تۇردى لېتىپ ئەپەندى ئىزدىنىش تورىنىڭ كونا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ ئۆز ۋاختىدىكى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتوتىنىڭ ئېلېكتىرىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، كىيىن شېنجېندا ۋە ياپۇندا ئىشلىگەن.  2006-يىلى شىنجاڭدا ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان كۆپ تىللىق ئاشخانا رېستوران ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىسېتمىسى شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. تۇردى لېتىپ ئەپەندى توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز مىنىڭ كەسپىم دىگەن بۇ تىمىنى، ئۇنىڭ بارلىق يازمىلىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز تۇردى لېتىپ يازمىلىرى توپلانمىسىنى ئوقۇڭ.

مەن ۋە مەن ئىشلىگەن سىستىما

ئەگەر ئادەمنى تەبىئەتكە ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە، مېنى يامغۇردىن كېيىنكى ئاپتاپقا ئوخشاتسا بولىدۇ. بۇ دەل بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ يېغىپ كېلىپ، كۈن چۈشتىن ئاشقاندا ئېچىلىپ كەتكەن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايىدىكى سۈزۈك ئەينەكتەك يالتىراپ تۇرىدىغان ئاپتاپ دېيىش مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھاۋارايى مېنىڭ رايىم.

مېنىڭ ئىشخانام 33- قەۋەتتە، ئارقامدىكى دەرىزىدىن يەر جاھاننى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. ھاۋارايىدا سەللا ئۆزگۈرۈش بولسا بەلكىم ئەڭ ئاۋال ھېس قىلىدىغىنى مەندىمەن. بەزىدە بوران چىقىپ دەرىزە قاناتلىرىنى ياپقىلى بولمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. بەزىدە يامغۇر يېغىپ ھۇشقۇرتۇپ دومبەنگە سوغاق، ھۆل شامال ئۇرۇپ قالىدۇ. ئۈلۈشكۈن يەر تەۋرىۋىدى بىرىنچى بولۇپ ھېس قىلىپ، كارىدۇرغا چىقسام تۆۋەن قەۋەتتىكىلەر كاردۇردا چۇرقىرىشىپ كېتىپتۇ. كىرىپ QQ توپىغا خەت يازسام «يەر تەۋرەشتە يە ئەڭ ئۈستىدە بولغان ياخشى، يە ئەڭ ئاستىدا، پەس قەۋەتتە بولسا، قېچىشقا ئاسان، ئۈستۈنكى قەۋەتتە بولسا كېيىن قۇيقۇزۇشقا ئەپلىك» دەيدۇ بىرى، «توۋا!» دەپ قاپتىمەن ئىچىمدە، نېمە كارامەتلەر بولىۋاتېدۇ مۇشۇ كۈنلەردە، ئەمدى بىزگە كەلمىگەن مۇشۇ بالا قالدىمۇ، ھېلىمۇ خۇدا ساقلاپتۇ، ئۇزاق تەۋرىمىدى، سەل تۇرۇپ پەسكە چۈشۈپ كېرىلىپ بىردەم مېڭىۋېتىپ چىقتىم. ھاۋا ئوچۇق بولسا پەسكە چۈشۈپ لاغايلاپ مېڭىپ كېلىمەن. تولا ئولتۇرۇۋېرىپ بەل ئۇمۇرتقىسى پولتۇيۇپ چىقىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن بۇيان ھاۋا ئوچۇق بولسىلا ئەتراپنى ماڭدامداپ كېلىش مەن ئۈچۈن ئەڭ راھاتلىك ئىش بولۇپ قالدى. مۇشۇ كۈنلەردە كۆپرەك مېڭىش پۇرسىتى بولىدىغان ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرمۇ ئازلاپ كېتىۋاتېدۇ. راستىنلا زامان ئاخىر بولۇۋاتامدۇ نېمە؟ بۈگۈننىڭ بارىدا ياخشىراق ياشىۋېلىش كېرەكتەكمۇ قىلىدۇ.

قىلىشقىلى گەپ چىقمىغاندا، ھاۋارايى توغىرلىق گەپ قىلىش تەرەققىي قىلغان ئەللەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. بەزىدە بىراۋنىڭ «بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشىغۇ» دېگىنى سىزگە ياخشى كەيپىيات تېلىگىنى. كۆپ ھاللاردا ھاۋانىڭ شۇ قەدەر ياخشى بولۇشىدىن ئىلگىرىكى ناچار كېلىماتنى دەپ يۇرمەيدۇ. چۈنكى بۇلارنى دېيىش تەبىئىيلا كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا مەنمۇ، ئۈچ يىل ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ يۇرتىمىزنىڭ تاغۇ دەريالىرىنى كېزىپ يۇرگىنىم، بەش يىل ياپونىيە كارخانىلىرىدا ئىنژېنېرلىق سالايىتى بىلەن ياپونىيە شېنجېن ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرگىنىم، ئۈچ يىل خەلقئارا سودا بىلەن شۇغىللىنىپ دوللار ساناپ ئۆتكىنىم، يۇرتقا قايتىپ كېلىپ تۆت يىل ياپونىيە كارخانىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىدا ئۆلچەم تارزا مۇتەخەسسىسى سانىلىپ تاللا بازىرى ۋە زاۋۇت-كانلاردا تارازا تەڭشەپ ئۆتكىنىم ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىگىلىك تىكلەپ قانداق جەۋرىلەرنى تارتقىنىم، بىر يىل «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ئىشلەيمەن دەپ تولا ئولتۇرۇپ سالامەتلىكىمنى بۇزىۋالغىنىم، ھازىر يەنە ئۇنىڭ-بۇنىڭغا ياردەملىشىمەن دەپ تۆت بايغا بىر مالايلىق قىلىۋاتقانلىقىم توغىرلىق كۆپ گەپ قىلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيمەن.

ھازىرىم ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىش مەن ئۈچۈن كۈندىلىك ئادەتكە ئايلانغان. ئەتىكى ئىشلار ئۈستىدە كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈش مېنىڭ قىلمىسام بولمايدىغان ئىشىم. پىلانلىرىمدىن باشقىلارنى خەۋەردار قىلغىم كېلىپلا تۇرىدۇ. بەزى ئاغىينىلىرىم مېنى «گېپى تولا» دەپمۇ قويۇشىدۇ. دېمىسىمۇ شۇنداقتۇر، ئەگەر مەندەك كۆپنى كۆرگەن ئادەم بولسا گاچىنىڭمۇ تىلى چىقىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.

مۇشۇ كۈنلەردە سىرتلاردا تاماق يېيىش پەقەت قورساق توقلاش ئۈچۈنلا بولمايدىغانلىقى ئېنىق. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ قايناق ئېقىملىرىدا كونا-يېڭى تونۇشلار بىلەن تاماقتا بىرگە بولۇش يۇرتقا قايتىپ كەلگىنىمدىن بۇيان ئۇدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە. تاماق ئۈستىدە قىزىق پاراڭلار كۆپ، كۈتكۈچىنىڭ نېمىلەرنى كەلتۈرۈپ، نېمىلەردىن بىزنى بىزار قىلغانلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدىغانغا چولا يوق. دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىمدا، ھە دېسىلا يا تاماق چىقماي، يا پۇل خاتا ھېسابلىنىپ قېلىپ يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىسىنى تۆلەيدىغان، ئىككى ئېغىز گەپنى ئارتۇق قىلىپ سالغانغا كۆڭۈللەرنى پەرىشان قىلىۋالىدىغان ئىشلار تولا يۈز بېرىپ قالاتتى. تاماقنى بولسىمۇ خاتېرىجەم يېيىش، قىلىشىدىغان پاراڭلىرىمىزغا دەخلىي قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن تاماقلىنىش مۇھىتىمىزنى ئوڭشاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن مەن، بۇندىن بەش يىل بۇرۇن يۇرتىمىزنىڭ ئاشخانا رېستورانلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىدىم. بىر مەزگىللىك تىرىشىش ئارقىلىق ئاشخانا رېستورانلاردا قوللىنىلىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش، ھېسابات قىلىش سىستېمىسى بولغان «ھەممىباب» سىستېمىنى ئوڭۇشلۇق بازارغا سېلىپ، ئاشخانا رېستورانلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىگە تەسىر قىلىدىغان ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقاردىم. مانا ھازىر مەن ۋە مېنىڭ كارخانامدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەجرى سىڭگەن ئاشخانىلار يۇرتىمىزنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە يېيىلىپ يېتىپتۇ. مەيلى نەگىلا بارماي مەن بىلىدىغان ئاشخانا رېستورانلار بار. كۆپ ۋاقىتلىرىم ئاشخانىدا، قەيەرنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقى ياخشى، قەيەرنىڭ چۈشلۈك تامىقى تېتىملىق، قايسىسىنىڭ كەچلىك سورىنى كۆڭۈللۈك دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ ياشاپ كېلىۋېتىپتىمەن. مەھسۇلاتلىرىمىز مەملىكەتلىشىش چەمبىرىكىدىن ئۆتۈپ بولغىلى ئىككى يىل بولدى، خەلقئارالىشىش قەدىمىمىزنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ بولدۇق. نەدە زامانغا لايىق يېڭى ئېچىلغان ياسىداق ئاشخانا رېستوران بولسا، بىز شۇ يەردە دېسەممۇ بولىدۇ. يەنە بىز قىلىپ بولالمىغان ئىشلار تولا، كېيىنكى نىشان قانداق قىلغاندا ئاشخانا رېستورانلارنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈشكە قارىتىلماقتا.

ئۆلچەملەشتۈرۈش بولغانىكەن ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئىدىتلاپ تەكشۈرۈپ كۆرمەي بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈر كۈزىتىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا سەزگۈرلۈكۈم زىيادە ئېشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. بەزى ئىشلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش يۈزىسىدىن يېزىپ تورغا يوللاپ قويىمەن. گەرچە قىلىۋاتقان ئىشىم ئىنچىكە، يۇقىرى تېخنىلىك ساھە بولسىمۇ، بارلىق ئىشلار مۇشۇ جەمئىيەتتىن ئىبارەت مۇرەككەپ سەھنىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتالدىن ساۋاتلىقلار سانى بەكلا ئاز بولغان مۇشۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر ئىشنى ئىدىتلاپ تەتقىق قىلىش، ئاز-ئازدىن بىلدۈرۈش، ئاز- ئازدىن تەسىر قىلىش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچۇمغا ئايلانغان.

شىركەت ئىسمى «ئىزگۈ»، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك مەلۇم ئىزگۈ تىلەكلەرنىڭ كۆڭۈلگە پۈكۈلگەنلىكىدىن شۇنداق بولغان. شۇنداقلا ئىنچىكە، تۈجۈپىلەپ قىلىدىغان زىل ھۈنەر، تولىمۇ ئېغىر بېسىقلىق كەيپىياتتىكى تاشنىمۇ ئېرىتىپ تاشلىغۇدەك ئەجىر تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ بولغاچقا، كۈچلۈك ئىجتىمائىلىشىش تەلەپ قىلىدۇ، يەنىمۇ كۆپلىگەن دوستلارنىڭ دوستانە ياردىمىنى ئايىماي ئەتراپىدىكى تاماقلىنىش مۇھىتىغا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ قويۇشى ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئاشخانا خوجايىنلىرىغا ئىككى كەلىمە تەكلىپ – «ئىزگۈ»نىڭ مەھسۇلاتىنى بالدىرراق ئىشلىتىش تەكلىپىنى بېرىپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

مۇنداق دېسەم ئەرزان ئۆتمەس ماتا نەرسىنى زورلاپ ساتامدىكى دەپ ئويلاپ قالماڭ، سىستېمىمىزنىڭ سەرخىللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. ھارىزرغىچە ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ ھەرقاندىقى بىزدىن تولىمۇ رازى. ئەلۋەتتە باھاسىمۇ ئانچە ئەرزان ئەمەس. باھا تالىشىدىغانلار ياكى تونۇش بىلىش ئىزدەپ سالا قىلىدىغانلار بىلەن ئانچە خۇشام يوق. ئومۇمىي باھاسى ئاز بولغاندىمۇ 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان سەللا كۆلىمى بار ئاشخانا-رېستورانلار بولسا گەپ يوق 40-50 مىڭ يۈەن خەجلەشكە توغرا كېلىدىغان بۇ ئىشتا بىر نەچچە مىڭ يۈەن يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇپ قېلىشنىڭ كارايىتى چاغلىق، لېكىن ئۇنىڭغا كېتىدىغان ئەجىرنىڭ قىممىتى يوق. تېخنىكىنىڭ ئەسلىدىنلا قىممىتىنى مۆلچەرلىمەك تەس. كۆرۈنۈشتە سىزگە بىر نەرسە سېتىپ بەرگەندەك قىلغىنىمىز بىلەن ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھەقىقى تەمىنلەيدىغىنىمىز رېستوران باشقۇرۇشقا دائىر تېپىلغۇسىز تەجرىبە ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى بولغان يېڭىلىقلاردىن بەھرىلىنىش پۇرسىتى. نەرسە ياخشى بولسا پۇلىمۇ سەل ئۆرە بولىدىغان گەپكەن. لېكىن ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىڭىز باش ئاغرىقىدىن خالىي تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن ھوزۇر سۈرۈش، بۇ ھوزۇرنى رېستوران خوجايىنىلا ئەمەس، شۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغان ئىشچى خىزمەتچىلەرمۇ ھەتتا شۇ يەردە غىزالىنىدىغان سىزدەك خېرىدارلارمۇ تەڭ سۈرىدىغان گەپ. نەرسە ياخشى بولۇپ، باش ئاغرىقى ئاز بولسا ھەممە رازى، تۇنۇشتۇرغۇچىنىڭمۇ يۈزى يورۇق، گېپى چوڭ بولىدۇ. گەرچە بىز شۇنچە كۆپ يەرگە ئورناتقان بولساقمۇ، باھانى زورلاپ يۇقىرى قىلىۋېلىپ كۆپلەپ پايدا ئېلىپ كەتكىنىمىز يوق. ياخشى نەرسىدىن كۆپرەك كىشى بەھرىلەنسۇن دەپ مۇمكىن قەدەر باھانى تۆۋەن قىلىشقا تىرىشتۇق. شۇنداقتىمۇ ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ تۇرقىغا قاراپ بولىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىمۇ تۆۋەن قىلىشقا ئامال بولمىدى. بىرلا يېرى ئېنىق، يۇرتىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن يېمەك- ئىچمەك سورۇنلىرىنى مەھسۇلاتىمىز- تېخنىكىمىز بىلەن ئاسايىشلىق، كۆڭۈللۈك مۇھىتقا ئىگە قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئانچە-مۇنچە تەشۋىقاتمۇ قىلىپ قويىمىز، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.

2011-يىلى 16 ئىيۇن ئۈرۈمچى

بۇ تىمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز يەنە تۈۋەندىكى تىمىلارنى ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن:
تۇردى لېتىپ يازمىلىرى

3 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..