Home » Archive

Articles Archive for نويابىر 2008

رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[25 نويابىر 2008 | 13 Comments | 1,100 قېتىم كۆرۈلدى]
بوستون خاتىرىسى Boston Pictures

بوستون خاتىرىسى Boston Pictures

(بۇ رەسىم ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئامرىكىدا تۇرۋاتقان دولان نامىدىكى بىر دوستىمىز تەكلىپ بىلەن تەمىنلىدى)

بوستون ئامرىكىدىكى باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ ئامرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەر. باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇش سەۋەبى ئامرىكا تارىخى بوستوندىن باشلىنىدىكەن. مەن بوستوندا تۇرغان بىرىنجى كۇندىن تارتىپ ئاخىرقى كۇنۇمگىچە خۇددى ئامرىكىنىڭ تارىخ كىتاۋىنى ۋاراقلاپ ئېچىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. بوستوندىكى چارلىس دەرياسىدىن بويلاپ كامبرىج، ماسساچۇسەتتس كوچىسى، بۇنكەر تېغى ( Bunker Hill) ، ئۇ س س پارلامىنت سارىيى(USS Constitution) ، بەكۇن تېغى(Beacon Hill) ، بوستون پورتى(Boston port) ، بوستون شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ تۇگەتكەندە ئامرىكىنىڭ ئاساسى …

ئىلىم-پەن »

[11 نويابىر 2008 | 19 Comments | 822 قېتىم كۆرۈلدى]
ئەگرىلەنگەن بوشلۇق ۋە ۋاقىت ھەققىدە پاراڭ The Space Curving and the Time

كىشىلەر <بوشلۇقنىڭ ئىگىلىشى >دىگەن سۆزنى ئاڭلاپلا بەلكى قايمۇقۇش ھىس قىلىدۇ .ئەمدى ماددىلارغۇ ئىگىلسۇن .بوشلۇقمۇ ئىگىلەمدۇ ؟ دەپ ئويلايدۇ.بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلايلى :ئالەم كىمىسىنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر كىشى ئالەم كىمىسى يىقىن ئەتراپىدىكى بىر پىلانىتنى تەپسىلى كۆزەتكەن بولسۇن ،بۇ پىلانىت پۇتۇنلەي دىڭىز-ئوكيان بىلەن قاپلانغان(ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىرتقى يۇزى بىليارتقا ئوخشاش سىلىق پارقىراق ھالەتتە بولىدۇ .) ھەمدە بىر كىمە بۇ پىلانىتنىڭ دىڭىزىدائىكىۋاتورنى بويلاپ شەرق تەرەپكە قاراپ ھەيدىلىۋاتىدۇ .ئۇنداقتا بىز يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەسەۋۋۇر قىلساق

ئىلىم-پەن »

[7 نويابىر 2008 | 4 Comments | 829 قېتىم كۆرۈلدى]
ئېينىشتىيىننى ئىزدەش (2)   Seek Einstein

بەزى دوسلىرىم مېنى ئېينىشتىين دەپ ئاتىشىدۇ.مەن خوشال بولىمەن،كىيىن تۇرۇپلا ئۈمۈدسىزلىنىمەن،ئۇلار سىنىپ، كارىدۇر، تەجىربىخانىلارنىڭ تاملىرىدا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرغان بۇ ئۇلۇغ ئادەم توغرىسىدا جېق نەرسە بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكى،ئالىم ئىكەنلىكى،ئۆتمۈشتە قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ فىزىكا ئالىمى ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىدىغانلارمۇ ئانچە كۆپ بولمىسا كىرەك. مىنىڭ ئۇنىڭغا قايسى يىرىم ئوخشايدىغاندۇ،دەپمۇ قالىمەن بەزىدە.مىنىڭ فىزىكىغا قىزىقىدىغانلىقىمنى ئۇلار بىلمەيدۇ.مەن ئەڭ ھەيران قالىدىغان ئىش دەل مۇشۇ.ئىشقىلىپ بىر كۈنى پىشانەمنىڭ كەڭلىكى،چېچىمنىڭ بۈدرىگە يېقىن، پاخپىيىپ تۇرىدىغانلىقىدىن بىر خىل ئوخشاشلىقنى بايقىغاندەكمۇ بولدۇم. كىچىكىمدىن

ئىلىم-پەن »

[7 نويابىر 2008 | 2 Comments | 1,093 قېتىم كۆرۈلدى]
ئېينىشتىيىننى ئىزدەش (1)   Seek Einstein

ھازىر ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ نام ئىلىم- پەننىڭ،جۈملىدىن فىزىكىنىڭ سىموۋولىغا ئايلىنىپ قالدى.ئېيىنىشتىيىن بىر ئادەمنىلا كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى ئۇ شەخىس گەۋدىسى،يۈكسەك نىرۋا پائالىيىتى،ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھازىر، شۇنداقلا تەڭرى بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت…كە ئوخشاش بىر تۇتاش تەپەككۈرنىڭ خوجايىنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتىيىن ھەم جانلىق ھەم جانسىز، ئۇ ھەم ئادەم ھەم بىر خىل ئۇقۇم.ئۇ ھەم ئۆتمۈشكە ھەم كەلگۈسىگە مەنسۇپ.سىزمۇ ئېينىشتىيىن،مەنمۇ ئېينىشتىيىن. بىز ھازىر ئېينىشتىيىن بىلمىگەن بەزى نەرسىلەرنى بىلىمىز،بۇ جەھەتتە ئۇ بەك بەخىتسىزمۇ قانداق؟ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ ئۇقۇم بىزگە يەنىلا مۇكەممەلسىزلىكنىڭ بەزى پەرىشان تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ

ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر »

[5 نويابىر 2008 | 10 Comments | 794 قېتىم كۆرۈلدى]
ئوباما دەۋرى باشلانغۇسى Now It is Obama’s Time

ۇنداق قىلىپ 15 مىنۇت ئىلگىرىكى ئەڭ يىڭى سايلام نەتىجىىىدە ئوبامانىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانى 338 دىن ئېشىپ مەككەيننىڭ ئىرىشكەن 155 بىلىتىنى ئىككى قاتلاپ يىڭىپ ئامرىكىنىڭ پرېزىدىنتلىقىغا سايلانغانلىغىنى جاكالىدى. ئامرىكىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن بىلەت تاشلاش ياكى سىتاتىسكىلاش تېخى ئاخىرلاشمىدى. لېكىن كىيىنكى بىلەتنىڭ قانداق تاشلىنىشىدىن قەتئى نەزەر ئوباما يىڭىپ بولدى. ئامرىكا ئوباما دەۋرىگە كىردى. قارا تەنلىك ئامرىكىلىق ئادىل سايلام ئارقىلىق پرېزىدىنىتلىققا سايلىنىپ ئامرىكىدا بەلكىم دۇنيا تارىخىدىمۇ بىر يىڭى تارىخ يارىتىلدى.

ئىلىم-پەن »

[2 نويابىر 2008 | 13 Comments | 926 قېتىم كۆرۈلدى]
ئالەمنىڭ تۇنجى  دەقىقىسى ۋە ئاخىرقى تەقدىرى   The first and last minute of the universe

ئالەمنىڭ «چوڭ پارتلاش» نەزىريىسى20-ئەسىر تەپەككۈر ئىنقىلاپلىرىنىڭ بىرى.نەزەرىيە فىزىكا ئالىملىرى ئالەمنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ھەرگىزمۇ بىر قېتىمىلق پارتلاش ئەمەس،كۆپ قېتىملىق پارتلاش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن دەيدۇ.ھەر قېتىملىق پارتلاشتا ئالەم بىر قېتىملىق چوڭ كىڭەيمە ھەركەت قىلغان.شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالەمنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بۈلۈنۈپ چىققان. بىز بۇنداق ئالەمگە نىسپەتەن ۋاقىتنىڭ باشلىنىش نوختىسىنى كوردىنات ئوقى بىلەن ئىپادىلىسەك،ئالەمنىڭ باشلىنىش ۋاقتى 10 ^ -43 سىكونىت بولۇپ چىقىدۇ.بۇ فىزىكىدا پىلانىك ۋاقتى دىيىلىدۇ.ھەم ۋاقىتنىڭ كىۋانىت بىرلىكى سۈپىتىدە قوللىنىلدۇ.شۇنداقلا ئۇ بۇنىڭدىن كىيىن قايتا بۈلۈنمەيدۇ. بىز ئالەمنىڭ يېشىنى ھىساپلىغاندا 10 ^ -43 سىكونىتتىن باشلاپ ھىساپلايمىز