سۆز قالدۇرۇش
بۇ يەرگە يازمىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان سۈز قالدۇرسىڭىز بۇلىدۇ.
Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
يازمىلارنى ئوقۇپ چىقتىم ئۇيغۇرئاكادىمىيسى بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بۇلىدۇ. مەسلەھەت بەرسەڭلار
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نامەلوم Reply:
ماي 21st, 2012 at 03:04
@پولات, yingi adrisi akademiye.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
miningche bu tor bek yaxshiken ,lékin xetlirini mumkin bolsa ,burunqi bilogningkidek chiqidighan qilip ishligen bolsingiz,yaki uyghur latin yéziqida ishligen bolsingiz.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمجېك ئەپەندىم ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ دىيارىمىزدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى ئېچىلمايدىغۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەن خاربىن سانائەت ئۇنۋېرسىتنىڭ ھاياتلىق ئىلمى كەسپىدە ئوقۇيمەن.مەندىن بۇرۇنكى قارارلادا ئوقۇش پۇتكۇزۇپ ،ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەرنى تەبرىكلەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام تۇرسۇنجان ئاكا، ئامان- ئېسەن تۇرىۋاتامسىز؟ مەن خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدىن بولىمەن. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن. 6- ئايدا ئىمتىھانغا قاتنىشىمەن. ئوقۇشۇم نورمال ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ، ئۆزەم زىرەك ھەم ئەقىللىق بالا، قىزىقىش دائىرەم كەڭ. مېنىڭ تولۇقنى پۈتتۈرۈپلا چەتئەلدە (بولۇپمۇ تۈركىيەدە) ئوقۇش ئارزۇيۇم بەك كۈچلۈك ئىدى. بۇنڭ ئۈچۈن بىز قانداق قىلىمەن؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
مارت 6th, 2012 at 08:30
@ئەزىمەت, ئۇيغۇر ئاكادىميەسى ياكى بۇ تۈركىيە ھۈكۆمىتىنىڭ بىۋاستە شۇ ئىشنى قىلىدىغان يىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
http://bbs.bilik.co/thread-24855-1-1.html
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدا ،ئۇچۇر كەسپىدە ئوقۇيمەن. مىنىڭ بەكلا چەتئەلدا ئوقۇغۇم بار،نۇرغۇن چەتئەللىك دوستلۇرۇم بار،ھەممىسى چەتئەلگە چىقىشىمنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. لىكىن ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس،ئوقۇۋاتقىنىممۇ بەك داڭلىق مەكتەپ ئەمەس.سىزنىڭچە چەتئەلگە چىقىشىم مۇمكىن بولارمۇ؟ ئامال بولارمۇ ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىزدىن مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل توغرىسىدا 10مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىدىغان بىر سوئال سورىماقچى ئىدىم، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل مودىلى» دەپ ماۋزۇسىنى چوڭ يەردىن قويىۋاپتىمەن. كۆرۈپ باققان بولسىڭىز قىزىقىپ قالىسىزغۇ دەيمەن، ئادىرىسى http://bbs.misranim.com/read.php?tid=56664
ئىلمىي تەكلىپ-پىكىر بەرگەن بولسىڭىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
hiyali Reply:
ئىيۇل 29th, 2011 at 18:32
@خىيالى,
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن ھېسابلاپ باقسام، لەيلىتىش كۈچىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى نۆل بولۇپ قالىدىكەن، سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ ھەممىسى مەركىزي ئوققا يۆلەنگەنىكەن، كۈچ مومىنتى بويىچە ھېسابلىساممۇ نۆل بولۇپ قالدى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
hiyali Reply:
ئىيۇل 29th, 2011 at 18:32
@hiyali, ئاۋارە بولماڭ، بېتىڭىزگە قۇرۇق گەپ قالدۇرۇپ قويغاندەك ئىش بولدى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
ئىيۇل 29th, 2011 at 20:30
@hiyali, شۇنداقتەك قىلىدۇ. بۇنىڭغا زىھنىڭىزنى ئۇپراتماي بىرەر نەرسە ياسايدىغان ئىشقا كىرىشىپ بېقىڭە،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
jeckئاكا ياخشىمۇسىز .. مەن ئىچكىرىدە ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىكىدا ئوقۇيمەن. مىنىڭ قىزىقىشىم شۇنداق كوپ،ھەرتەرەپلىمە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەگە قىزىقىمەن ھەم قىلالايمەن ، لىكىن مەن يىقىندابىر ئادەمنىڭ ھەقىقى ئوزى ئەڭ ياختۇرىدىغان بىر قىزىقىشى بولىشىنىڭ شۇنداق مۇھىملىقىنى ھىسقىلدىم ، ئادەم ئوزى ياخشى كورىدىغان ئشنى قىلغاندا يۇرىكىدىن چىكىرىپ قىلىدۇ نەتىجىگە ئىرىشىدۇ ، لىكىن مەن ئوزۇمنىڭ ھەقىقى قىزىقىشىنىڭ نىمە ،ئوز قىزىقىشىمنى قانداق بايقاشنى بىلەلمەي شۇنداق تىت تىت بوپ ، بىر خىل چۇشكۇن خېيالچان بوپقالدىم . مىنىڭ شۇنداق چەتەلگە چىكىپ ئوقۇغۇم بار .ھەم ئىرادەم كۇچلۇك.دەرىسلەردىمۇ ياخشى . ماڭا مۇشۇ توغۇرلۇق ياردەم بەرسىڭىز …….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
ماي 11th, 2011 at 00:32
@kamil, تېخىمۇ تەپسىلى قىلىپ يازسىڭىز ئاندىن مەن ياخشىراق مەسلەھەر بەرسەم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
kamil Reply:
ماي 11th, 2011 at 06:07
@Jeck, /ئاكا مەن ئوزۇمنىىڭ ھەقىقى قىزىقىشىمنى قانداق بايقاشنى بىلەلمەيۋاتىمەن .مەسىلەن كومپيۇتېر غا ئقتىساد قا ،مىخاينىكا كەسپىگە ھەممە كەسىپكە قىزىقىدىغان دەك لىكىن ئوزۇم قىزىقىشىمنى قانداق بايقاشنى بىىلەلمەي گاڭگىراپ كالدىم … مىنىڭ كەسپىم 车辆工程 ،لىكىن 2يىل بولدى ڧىزىكا ،كۇچ نەزىرىيەسى توك يولى دىگەندەك نەزىرىۋى نەرسىلەنى ئوتىۋاتىدۇھەممىسى قەغەزدە قالدى ،،، كەسپىكە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر بەك ئاز ، 3-يىللىق نىڭ 2-مەۋسۇمى بىر كەسپى نەرسىلەنى ئوتىدىغان ئوخشايدۇ ،مىنىڭ ئىنتىلىدىغان ئەمەلىيەتچان لىقى كۇچلۇك مارىپ ،،بۇرۇن كەسپىمگە شۇنداق قىزىقاتتىم 2يىل بولدى نەزىرى نەرسىلەنى ئاڭلاۋىرىپ سويۇپلا كەتتىم ،ئالى مەكتەپكە ئوتۇپ بىر يىل تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇدۇم تىخى ۋاقتىمنى ئىسىراپ قىلىۋاتقاندەك تۇيىلىۋاتىدۇ ،مىنىڭ ئويلىغىنىمدەك ئەمەس . بۇمارىپتا ئەسلى 大专 دە ئوقىسام ھازىرقىدىن كوپ ئەسقاتىدىغان نەرسىلەنى ئۇگىنەلەيدىكەنمەن . ،گەرچە 2-يىللىقتا بولساممۇ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم كۇچلۇك بوغاچقا ھازىردىن باشلاپ ئوزۇمگە ھەقىقى بىر نىشان تىكلىۋالغىم بار، ھازىرمۇچەتكە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن ، لىكىن قىزىقىشىم كوپ بولغاچقىمىكىن مەن ئوزۇمنىڭ نىمىگەھەقىقى قىزىقىدىغان لىقىمنى بىلەلمەي يۇرىمەن . ئادەم كەسپى بىلەن بىر ئومۇر ياشايدۇ شۇڭا ھەقىقى ياخشى كورىدىغان ئىشنى قىلغان ياخشى ،،ئوزۇمنىڭ يۇرىكىدىكى قىزىقىشىمنى قانداق قازىمەن ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
راخمانجان Reply:
ماي 15th, 2011 at 13:03
@kamil, ئوزۇمنىڭ بىشىدىن ئوتكەن ، سىز ئەڭ ياخشىسى بىر ئىشنى تاللاپ قىلىڭ قىزىق مىسىڭىز مۇ زورلاپ قىلىپ بىقىڭ .قىزىقىشىم كوپ دوپ خىچىشنى قىلماي ئولتۇرماڭ ..چەتكە چىقىپ نىمە كەسىپتە ئوقۇيدىغانلىقىڭىز نى ئوبدان ئويلىشىڭ . ،سىزدە بولغان ئەخۋال كوپ ئادەملەردە بار .
mrjeck Reply:
ماي 16th, 2011 at 01:13
@kamil, چۈشىنىشلىك. ئالى مەكتەپ ئاساسى مائارىپنىڭ بىر قىسمى ھىساپلىنىدۇ، شۇڭا مەيلى قايسى كەسىپ ئوقۇپ ئىككى يېرىم يىل ئەتراپىدا مۇھىم نەزىرىيە دەرىسلىرىنى ئوقۇيدىغان گەپ، ھەم بۇ دەرىسلەر تەبئى پەنلەر، سانائەت پەنلىرىنىڭ قايسىنى ئوقۇماڭ ئاساسەن ئوخشايدۇ. بۇلاردىن قاخشاپ قالسىڭىز بولمايدۇ. ئامرىكىدىمۇ ئوخشاش دەرىسلەرنى ئوقۇيدۇ. چەتكە چىقماقچى بولسىڭىز شۇ دەرىسلىرىڭىزدىكى نەتىجىلەرگە قارايدۇ مىنىڭ مەسلەھەتىم سز بۇ كەسىپكە كىرىپ ئۇقۇۋاتقا بولسىڭىز مەيلى قىززىقىڭ ياكى قىززىقماڭ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈشكە تىرىشىڭ. بولمىسا كىم نەتىجىڭىزگە قارىسا ياخشى نۇمۇر بولمىسا سىزنى ياخشى ئوقۇمايدىغان ئوقۇغۇچىكەن دەپ قارايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن كىيىن ئۈزىڭىز قىززىقىدغان كەسىپلەرنى قىلىپ بېقىپ ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۈگەنسىڭىز ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئىزدەپ خىزمەت ئارقىلىق ئۈگۈنۇۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
مەن ئوغلۇمنى قاتاردا ئونۈېرسىتىتىدا ئوقۇتماقچى ئدىم ئلتىماس قىلىشتا قىينىلىپ قالدىم ياردېم قىلالاسىزمۇ؟تور ئادرىسى مېرىپېت ئەركىن سىدىق تور بىتىدې پۇتۇن ئوقۇش مۇكاپاتلىقكەن مەن ئلتىماس ئەنكىتىنى توشقۇزۇشتا ئادرىسقا كەلگەندە قىزىل رەقەم چڭقىپ ىاتا بولدڭ قايتا دەپ ئەسكەرتتى بىر نەچچە قىتىم ئوزگەرتسەممۇ بولمىدى شۇنىڭغا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
ئاپرېل 22nd, 2011 at 19:37
@ئابدىغىنى,
تور ئادېرىسلىرى ۋە توشقۇزىدىغان بارلىق ئوچۇرلارنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز تولدۇرۇپ بىرەي. لېكىن مەسلەھەتىم يېنىڭىزدا ئىنگىلىس تىلى بىلىدىغان بىرسىنى تېپىپ شۇنىڭ بىلەن بىللە تولدۇرسىڭىز قۇلايلىق بۇلامدىكى دەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىنكاسقا جاۋاب قايتۇرۇش ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جەك،سىزدىن سورايدىغان ياردىمىم بار ئىدى.كانادا تۇغۇلغان ئۆزى ھىندىستانلىق بىر ھەزىلچى بولىدىغان،داۋاملىق كانادا ۋە ھىندىستاننى چۈشۈرىدىغان.ئېنگىلىزتىلى ئۈگۈنىۋاتقان بولغاچقا شۇنىڭ سىنلىرىنى كۆرەي دىگەن.لىكىن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.بىلسىڭىز شۇنىڭ ئىسمىنى ئىيتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.رەھمەت.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاپرېل 9th, 2011 at 00:47
@ئالىم,
Russel Peters
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مىنىڭ بىر مۇنبەر قۇرۇش خىيالىم بار ، شۇڭا بوشلۇق سېتىۋىلىش توغىرىسىدا مەسلىھەت سوراي دىگەن ، ئۆزۈم تور بىكەت ياساۋاتقىلى بىر قانچە يىل بولدى ، بۇ جەھەتتىن خىلى تەجىرىبەم بار ، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقلارنىڭ ياخشىراقلىرىنىڭ باھاسى بەك يۇقىرى ، شۇڭا يىقىندىن بۇيان چەتئەلنىڭ بوشلۇقلىرىنى خىلى كۆپ كۆرۈپ باقتىم ، ئومومەن خىلى ئەرزانكەن ، شۇڭا چەتئەلدىن سىتىۋالاي دەپ ئويلىدىم .
مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم :
1. قايسى تور بىكەتتىن سېتىۋالسام سۈرىتى بىر قەدەر تىز (ۋەتەندىكى ئېچىلىش سۈرىتى) ؟ مەن hosting24.com,godaddy.com قاتارلىق بىكەتلەرنىڭ بوشلۇقىنى كۆردۈم ھەم ياقتۇردۇم ، بولسا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز .
2. مەن سىغىمى چوڭراق (چەكلىمىسىز بولسىمۇ بولىدۇ) بوشلۇقنى بىراقلا 3 يىللىق سېتىۋالاي دىگەن ، بوشلۇق ئىشلىتىش جەريانىدا تىل جەھەتتىن ئازراق قىينىلىپ قالىدىغان ئوخشايمەن (تور بىكەت يۈزىنى تولۇق چۈشىنىمەن، ئەمما بوشلۇق باشقۇرۇش سىستىمىسى قاتارلىقلارنى تازا چۈشىنىپ كىتەلمەي قالىمەنمىكىن دەپ ئويلىدىم) ، مۇشۇ جەھەتتە ماڭا خالىسانە ياردەم قىلىدىغانغا ۋاقتىڭىز چىقارمۇ ؟ (ئەلۋەتتە قاچانلا قارىسا سىزنىلا ئاۋارە قىلىپ تۇرۇۋالمايمەن ، ئۆزەممۇ ئىزدىنىمەن )
3. مۇشۇ بوشلۇق جەھەتتە ماڭا تېخىمۇ ياخشى مەسلىھەت بىرىشكە ياكى يول كۆرسىتىشكە ۋاقتىڭىز چىقارمۇ ؟
4. بوشلۇقنىڭ باھاسى250 دوللار ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق دەپ قارىدىم (جەمئىي 3 يىل ). پۇل تۆلەشتە ئەلىپاينى ئىشلىتىشتىن ئازراق مەسىلىگە ئۇچرايمەنغۇ دەيمەن ،چۈنكى مەن ئەلىپاينى ئاساسەن چۈشەنمەيمەن ، مۇشۇ جەھەتتىن ماڭا ياردەم قىلارسىزمۇ ؟
سىزنى بەك ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ،كۆپ رەھمەت !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
يانۋار 12th, 2011 at 01:36
@ئىزدىنىش, چەتئەلدە تور بوشلۇقلىرى بەك جىق، قايسىسىنىڭ ۋەتەندە تىز ئېچىلىىدىغانلىغىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. ھازىر بلوگىمدا ئىشلىتىۋاتقان تور بوشلۇقىمۇ ۋەتەندە بەك ئاستا ئېچلىدۇ، مەنمۇ تىز ئېچىلىدىغان تور بوشلۇقى ئىزدەپ يۈرۈيمەن.
چەتئەلدىن ئۈزىڭىز مۇۋاپىق بوشلۇق تاپسىڭىز ئىشلىتشتە مەن ياردەم قىلىشىپ بەرسەم بۇلىدۇ. بۇلارنى ئىشلىتىش ۋە پۇل تۈلەش ئىشلىرىدا نۇرقۇت تورىدا ۋەتەندىكى تەجرىبىلىك بالىلار بار ئىكەن، شۇلاردىن ئاۋال سوراپ بېقىڭ، ئۇنداق يازمىلارمۇ ھەم بار.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
داستان Reply:
ئاپرېل 8th, 2011 at 19:12
@mrjeck,
ئەگەر تېز ئېچىلىدىغان چەتئەل بوشلۇقلىرى ياكى ئاي سى پى كەتمەيدىغان تېز بوشلۇق ئىزدىسەڭلار، ئىچكىردىكى مۇلازىمتېر ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ شىياڭگانىڭ ياكى يېقىندىن بۇيان مودا بولىۋاتقان كورىيە بوشلۇقلىرىنى سىناپ باقساڭلار بولىدۇ، باھاسى ئەرزان ھەم سۈرئىتى تېزكەن، لېكىن ئامېرىكا بوشلۇقلىرى ھەقىقەتەن بىزگە نىسبەتەن بەك ئاستا بولىدىكەن…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جېك ئەپەندىم………..ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !
تور خاتىرىڭىزنىڭ يىڭى نوسقىسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ مۇبارەك بولسۇن !
بولسا بىزدەك چەتئەلدىكىلەر ئۈچۈن …ئۇيغۇرلاغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ رەسىم بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسىڭىز….يازمىلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇيمىز …..تۈركىيەدىن مەن بىلىدىغان نۇرغۇن بالىلارنىڭ تاللىشى سىزنىڭ تور خاتىرىڭىز….بىزمۇ ئۆزىمىزدە بار بولغان ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق رەسىملەرنى سىزگە ئەۋەتىپ بەرسەك سىز خالامسىزكىن ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ماقالىنىڭ ئادرىسى : http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=redirect&tid=613&goto=lastpost#lastpost
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جېك ئەپەندى، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ …
بىلوگىڭىزنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاپ بەكمۇ ياخشى قىلىۋاپسىز. بىلوگىڭىز داۋاملىق تەرەققىي قىلغاي .
مەن قاسىم سىدىق مۇئەللىمنىڭ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولىمەن، شۇڭا سىزدىن بىر ياردەم سوراي دېگەن ئىدىم. بولسا تۆۋەندىكى يازمىنى بىلوگىڭىزدا ئېلان قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز:
————————————————————————————————-
كەسىپ ئەھلىلىرىگە مۇراجەت
غەيرەت قادىر ئىزدەن
قاسىم سىدىق مۇئەللىم ئاساس سالغان «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش جىددى زۆرۈر بولىۋاتقان ئىككى تېئورمىسى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
29-تېئورېما:
زەررىچە(ئېن) ياكى جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
41-تېئورېما:
زەررىچە(ئېن) ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت مىقدارى بىلەن بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت مىقدارى تەتۈر تاناسىپ، ئومۇمىي ھەرىكەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.
يۇقارقى 29-تېئورېمىنىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇلدى. بۇ تېئورېمىنى نورمال ئاتموسفېرا بېسىمى شارائىتىدىمۇ ئىسپاتلىغى بولىدۇ. ھالبۇكى، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر « بۇ تېئورېمىنى ۋاكوئومدا ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، نورمال ئاتموسفېرا بېسىمى ئاستىدا ئىسپاتلىنىشى ئايرو دىنامىكا پىرىنسىپلىرى ۋە بېرنوللى ئىففىكىتىنىڭ مەھسۇلى » دەپ قاراش بىلەن بىرگە «ئەگەر بۇ تېئورېما ۋاكوئوم (ھەقىقىي بوشلۇق) دىمۇ ئىسپاتلانسا، ئۇ ھالدا ئالەمشۇناسلىق ۋە نەزەرىيىۋى فىزىكىغا نىسبەتەن يېڭى بىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» دېيىشمەكتە.
قاسىم سىدىق مۇئەللىم« 29-تېئورېما ھەقىقىي بوشلۇق (ۋاكوئوم) دىمۇ قەتئىي ئورۇنلۇق بولىدۇ.» دېگەن تەشەببۇستا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە «بۇ تېئورېما ساقلىنىش قانۇنلىرى بولۇپمۇ ھەرىكەت مىقدارىىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرسىنى بېكىتىشنىڭ سىناق تېشى»دەپ قارايدۇ.
29 -تېئورېما زادى ۋاكوئوم (ھەقىقىي بوشلۇق) دىمۇ ئورۇنلۇقمۇ- ئەمەسمۇ؟
بۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تولىمۇ جىددى بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. ھالبۇكى، شەكىل نەزەرىيىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاز بىر قىسىم كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ بۇنداق تەجرىبىنى ئېلىپ بېرىش شارائىتى بولمىغاچقا ، شارائىتى بار كەسىپداشلارنىڭ مۇستەقىل سىناپ كۆرۈشى ۋە ياكى ياردىمىگە مۇھتاجمىز.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك زۆرۈر نۇقتا شۇكى، ئالدى بىلەن 29- تېئورېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ھەم سىزىقلىق (ئىلگىرىلىمە) ھەرىكەت ھەم بۇلۇڭلۇق ھەرىكەتنى تەڭ قانائەتلەندۈرىدىغان تەجرىبە لايىھەلىرىنى تۇرغۇزۇپ چىقىپ ئاندىن ۋاكوئومدا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.41- تېئورېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت بىلەن سىزىقلىق (ئىلگىرىلىمە)ھەرىكەتنىڭ تەتۈر تاناسىپلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، تەجرىبە لايىھىسىدە بۇلۇڭلۇق ھەرىكەتكە كۆپرەك ئېتىبار بېرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. چۈنكى، تەجرىبە مۇھىتىنىڭ ئىخچام بولۇشى ئۈچۈن بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت مىقدارى يېتەرلىك بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، تەجرىبە مۇھىتى ئىخچاملاشمايدۇ ھەم تەجرىبە مۇھىتىنى ياراتماقمۇ قىيىنغا چۈشىدۇ.
«ئېيننشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» بىلەن «نىيۇتون مېخانىكىسى»، «كۋانت مېخانىكىسى» ۋە «بىرلىككە كەلگەن ئالەمشۇناسلىق» ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىۋاتىدۇ. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» بىر مەھەل تولىمۇ ئاز بىر قىسىم كىشىلەر تەرپىدىن «ئېينىشتيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» گە خىلاپ ئىكەن دەپ قارىلىپ، سوغوق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئىدى. نۆۋەتتە 1979-يىللىق فىزىكا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى سىتېۋىن ۋېنبېرىگ قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى «ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ . ئېينىشتىيىننىڭ خاتالىقى توغرىسىدا سىتېۋىنۋېنبېرىگ«ئېينىشتىيىننىڭ خاتالىقى» ماۋزۇلۇق يازمىسىنى ئېلان قىلدى، سىتانفورد ئونۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، روسىيە ئالەم قاتناش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى خۇادىمۇ 6 پارچە (1-پارچە،2-پارچە،3-پارچە،4-پارچە،5-پارچە،6-پارچە)يازما ئېلان قىلىپ «ئېينىشتىيىننىڭ خاتالىقلىرى» نى كۆرسىتىپ بەردى. كراك كالىندىر بۇ يىل «زاماننىڭ سوبيېكتىپ ئىكەنلىكى» نى ئوتتۇرغا قويدى،«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» بۇ خىل ئىدىيەنى 1990-يىلى ئوتتۇرغا قويغان.
يۇقىرقىلار فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ۋاستىلىك ئىسپاتلايدۇ.
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى » پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق چوڭ تەتقىقات تېمىسى. مۇبادا ئۇنىڭ ئىلىمىي قىممىتى ئىسپاتلانسا ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ. شۇڭا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتى»غا جىددى قارشىنى ئىلتىجا قىلىمەن.
مۇشۇ تەتقىقاتقا قاتناشماقچى بولغانلار 13199737777 ، 18999833352 ، 13199804350
0991-5830362نومۇر
بىلەن ئالاقىلاشسا ياكى شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقات مۇنبىرى ئارقىلىق باشقۇرغىچىلار بىلەن ئالاقىلاشسىمۇ بولىدۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھېچقىسى يوق. سىزگە كۆپ رەھمەت!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەراست، تور ئادرېسىمىز : http://www.ishtap.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قارىسام بلوگىڭىزدا چەتئەلدە ئوقۇشقا ئائىت ئۇچۇرلار بار ئىكەن. بىزنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت تېپىشى ئۈچۈن قۇرغان بىر تور بېكىتى بار ئىدى. ئۇنىڭدا مائارىپ، چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى سەھىپىسىمۇ بار ئىدى. سورايدىغىنىم، يازمىلىرىڭىزنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا، تورىمىزدا ئېلان قىلساق بولارمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
سېنتەبىر 25th, 2010 at 21:42
@bughra, بۇلىدۇ، كەچۈرۈڭ ئەمدى كۆرۈپتىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]