Home » Archive

Articles in the كولتىگىن Category

كولتىگىن »

[24 ئۆكتەبىر 2008 | 5 Comments | 814 قېتىم كۆرۈلدى]
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (3) The Last Failure of Successful

خېشېنننىڭ خىيانەت قىلىپ غايەت زور مال-مۈلۈك توپلاپ جەريانىنى مۇلاھىزە قىلغاندا،سەۋەبنى خېشېننىڭ ئۆزىدىن سەۋەپ ئىزدىگەندىن باشقا،پېۋدالىزىملىق پادىشالىق تۈزۈمىدىن ۋە چىئەنلۇڭخاندىنمۇ سەۋەپ ئىزدەش كېرەك.پادىشالىق تۈزۈمدە،خان بولغۇچى تەڭرىنىڭ ئوغلى،بارلىق زىمىن خانغا تەۋە،بارلىق چىڭ پۇقرالىرى پادىشاھنىڭ پەرزەنتلىرى دەپ قارىلىدۇ.گەرچە خان بولغۇچىنىڭ ھەرىكىتى ئائىلە نەسەپنامىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ،ۋاقتى قارانى كەلگەندە رىئايە قىلمىسا ھېچكىمنىڭ ئامالى يوق بۇلۇپ،ھەرقانداق ئادەم زۇۋان سۈرەلمەيدۇ.ھوقۇق نازارەتسىز قالغاندا،ئۈنۈملۈك چەكلىمىگە ئۇچۇرمىغاندا،ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بولغان كىشى ئۆزىنىڭ سۈبىكتىپ ئارزۇسى بۇيىچە مەلۇم بىر پەرماننى چۈشۈرگەندە

كولتىگىن »

[16 ئۆكتەبىر 2008 | 8 Comments | 998 قېتىم كۆرۈلدى]
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2) The Last Failure of Successful

خېشېننىڭ شۇ دەۋرگە ،يېشىغا نىسبەتەن مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەردېمەي ھىچ ئامالىمىز يوق.خېشېننىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تۈپكى ئامىل،بىرىنچىدىن ئۇنىڭ تالانتى ۋە مول بىلىمى.ئىككىنچىدىن چىئەنلۇڭخاننىڭ زور ئىشەنچىسى.ئۈچىنچىدىن خېشېننىڭ مال-دۇنياسى.بۇ ئۈچ ئامىل بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ.ناۋادا خېشېننىڭ تالانتى بولمىغان بولسا،چىئەنلۇڭخانغا ھەرقايسى تەرەپتىن يېقىپ قېلىشى ناتايىن،دەماللىققا يېقىپ قالغان بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.خېشېننىڭ تالانتى، مول بىلىمى،كىچىكىدىن تىرىشىش روھى ۋە كېلىشكەن قەددى قامىتى چىئەنلوڭخاننىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان،ئۇزۇن مۇددەت بىرگە تۇرۇش جەريانىدا،ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن

ئويلانمىلار, كولتىگىن »

[15 ئۆكتەبىر 2008 | 2 Comments | 948 قېتىم كۆرۈلدى]
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)  The Last Failure of Successful Man

كىرىش سۆز:يېقىندىن بۇيان كىنو تېلۋۇزورلاردا،چىڭ سۇلالىسى ھەققىدىكى تېلېۋزىيە تىياتىرى ئاينىپ قالدى.مەسىلەن“دوك ۋەزىر لىۇيوڭ“،“چىئەنلۇڭ خاندانلىقى“،“تەدبىركار جىشاۋلەن“قاتارلىقلار.بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا،تارىخى شەخسلەرنىڭ ئىسمىلا ھەقىقى بۇلۇپ،ۋەقەلىك پۈتۈنلەي ئويدۇرۇلۇپ چىققان.ھەتتاكى 360گىرادۇس بۇرىۋەتكەن.مەسىلەن ئالساق،دوك ۋەزىر لىۇيوڭ دېگەن فىلىمدە،“يېزىق ماجىراسىنى“لىۇ يوڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،بۇ ماجرانى تۈزەيدۇ.ئەمەلىيەتتىكى تارىختا بولسا،لىۇيۇڭ جىئاڭسۇدىكى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتتا،ئارقىمۇ-ئارقا ”يېزىق ماجراسى“نى پەيدا قىلىپ خانغا مەلۇم قىلىپ،تۆھپە كۆرسىتىپ،ئەمىلى ئۆسىدۇ.لىۇيوڭ ”تەشرىپدارلىق“تىن ئۆتكەن ۋاقىتتا

ئويلانمىلار, كولتىگىن »

[19 سېنتەبىر 2008 | 3 Comments | 746 قېتىم كۆرۈلدى]
[Koltigen] دىھقانلارنىڭ چىقىش يولى نەدە How to make our farmers rich?

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان،يېزا ۇتەخەسسىسلىرى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن، نۇرغۇن يازغۇچى،شائىرلار دېھقانلارنىڭ ئەجرىنى،چەككەن جەبرى- جاپاسىنى مەدىھلەپ ھېكايە،شېئىرلارنى يازغان،كادىرلار بولسا ئۇلارنىڭ جاپاسىنى مۇتلەق مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇنداقلا دېھقانلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن بولسىمۇ،يەنىلا نۇرغۇن دېھقانلار نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئالدى كەينىدە چۆرگىلەپ كېتەلمىدى. شەھەردىكى كوچا-كويلاردا كېتىپ بارغان،نەرسە كېرەك سېتىۋالغان كىشىلەرنىڭ تەقى-تۇرقى،كىيىنىشىدىنلا ئۇنىڭ دېھقان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس،شۇنداقلا

جەميەتكە نەزەر, كولتىگىن »

[18 سېنتەبىر 2008 | 4 Comments | 707 قېتىم كۆرۈلدى]
[Koltigen] بوۋاققا سالغان قارا قۇلۇڭنى تارت Save My Baby

ىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققى قىلىپ 21-ئەسىرگە كىرگەن،جۇڭخۇا ئېلىنىڭ بەش مىڭ يىلىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش،خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىۋاتقان، جۇڭگونىڭ يۈز-ئابرويىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرمىللەت خەلقى تېرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈۋاتقان مەزگىلدە،ئىنسانلارنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن ئەخلاق ئۆلچىمىنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجۇۋاجۇئاڭ شەھىرىدىكى بوۋاقلار ئۈچۈن سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاتالمىش ”داڭلىق كارخانا“ سەنلۇ باشچىلىقىدىكى 22كارخانا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىستىمال بۇيۇمغا ئارىلاشتۇرۇش چەكلەنگەن خىمىيىلىك تەركىپ قېتىپ،ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ

جەميەتكە نەزەر, كولتىگىن »

[25 ئاۋغۇست 2008 | 5 Comments | 889 قېتىم كۆرۈلدى]
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدە Olympic is over

نېمىلا دېگەن بىلەن نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ كۆز يېشىنى ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئېرىشكۈچىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ، ئۈمىد بىلەن ئۈمۈدسىزلىكنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز.بىزگە ئېلىپ كېلىدىغىنى بىر خىل قەيسەر روھ!شان-شەرەپ ۋە مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئىنسان قەلبىدە قالدۇرىدىغان چوڭقۇر تەسىرى….
بىر مۇۋەپىقىيەتلىك ئېچىلغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننى تاماملاش ئۈچۈن،7يىل ۋاقىت،نەچچە يۈزمىڭ ئادەم،نەچچە مىليارد پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ.خەلق-ئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ،ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىلىشى ئۆتكۈزمەكچى بولغان شەھەرگە قۇيۇلىدىغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغلىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باسقۇچلىرىنى

ئويلانمىلار, كولتىگىن »

[20 ئاۋغۇست 2008 | 4 Comments | 822 قېتىم كۆرۈلدى]
«خەيىر خوش» مۇشەررەپكا! Good bye to Musharraf

مۇشەرەپ ھاكىمىيەت تارتىۋالغاندىن كىيىن،گەرچە پاكىستاننىڭ ئىقتسادىي تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولغان بىلەن،سىياسى سەھنىسى بىر كۈن تىنىچ بۇلۇپ باقمىدى.پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە ”خەلق پارتىيىسى“ بىلەن“ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى شىرىپ مەزھىپى“دىكى پارتىيە، تەشكىلاتلار ھاكىمىيەت سىرتىدا قالدۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ داھىيلىرى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان بولغاچقا،مۇشەررەپ رەھبەرلىك قىلغان پارتىيە، كۆپ قىسىم پاكىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۇرەلمىگەن ۋە پاكىستانغا تۇلۇق ۋەكىللىك قىلالمىغان . مۇشەررەپ ئىككى قېتىملىق پېرىزدىنىت سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ پېرىزدىنىت بولغان بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن بولغاچقا شۇنداقلا ھەر قېتىم

كولتىگىن »

[13 ئاۋغۇست 2008 | 8 Comments | 707 قېتىم كۆرۈلدى]
گرۇزىيە ۋە روسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلامدۇ؟

جەنۇبى ئوسىدى بولسا گروزىيىنىڭ بىر ئاپتونوم ئوبلاستى بۇلۇپ،نوپۇسى 200مىڭغا بارمايدۇ،ئاساسلىقى ئوسىدى،گروزىن ۋە روس قاتارلىق مىللەتتىن تەركىپ تاپقان.ئۇ سىۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن،جەنۇبى ئوسىدى رايۇنى ھۆكىمىتى گېروزىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان بولسىمۇ،گرۇزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئېغىر توقۇنۇش پەيدا بولغان ئىدى.بۇ توقۇنۇشقا روسىيە قول تىققاشقا گروزىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇش ئاخىرىدا روسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالغان .-1992يىلى روسىيە،گرۇزىيە ۋە جەنۇبى ئوسىدى ئۈچ تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ،جەنۇبى ئوسىدى رايونىدا بىرلەشمە تىنچلىق ساقلاش قىسىمى تۇرغۇزۇپ شۇ ۋاقىتتىكى توقۇنۇشنى