Home » Archive

Articles Archive for ئۆكتەبىر 2011

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[20 ئۆكتەبىر 2011 | 2 Comments | 2,017 قېتىم كۆرۈلدى]

قەشقەرچە رىۋايەت ۋە ئۇيغۇرچە مەپكۇرە
گۈلەن
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كوچا پارىڭى سۈپىتىدە تارقىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن ھىكايەتلەر، لەتىپىلەر، رىۋايەتلەر بار.  بۇلار رەسمىي مەتبۇئاتلاردا نەشىر قىلىنمىغان بىلەن ئاۋامنىڭ ئاغزىدا دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. بۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە، ئۆزگىلەرگە، موھىتقا، جەمئىيەتكە، سىياسەتكە، ھاكىمىيەتكە ۋە باشقا تۈرلۈك شەيئىلەرگە بولغان تونىشى، قارىشى ۋە باھاسى ئەكىس ئېتىدۇ. بۇنداق رىۋايەتلەرنىڭ كەڭرى تارقىلىشى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېقىپ يۈرىشى ئۇلاردا ئۇيغۇلار ئىتىراپ قىلغان ئىددىيەلەرنىڭ بارلىقىنى بىشارەتلەيدۇ. مەن بۇ يازمامدا بۇنداق ئىددىيەلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ مەپكۇرە دەپ ئاتىدىم. مەپكۇرە دېگەنلىك ئىدولوگىيە دېگەنگە سەل يېقىن كېلىدىغان بىر ئاتالغۇ. …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, تۈرى يوق, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[20 ئۆكتەبىر 2011 | 2 Comments | 3,554 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
33. ئامېرىكىدىكى ئازەرىنىڭ زارى
ئامېرىكىغا كېلىپ تۇنجى قېتىملىق ساياھېتىمدە بىر ئىرانلىق تۈرك (ئىرانغا مۇستەملىكە ئەزەربەيجانلىق) بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. دەسلەپكى پاراڭلاردىن مېنى ئېچىندۇرغىنى، يېشى50 دىن ئاشقان بۇ كىشىنىڭ بىر ئېغىز ئىنگىلىزچە بىلمەي تۇرۇپ ۋەتىنىنى، ئائىلىسىنى تەرك ئېتىپ، يات ئەلدىن پاناھلىق تىلەپ بامباشقا بىر ھاياتلىق سەپىرىگە ئاتلانغىنى بولدى. 2009-يىلى تومۇزدىكى پاجىيە سەۋەبلىك بۇ كىشىمۇ مېنىمۇ ئامېرىكىغا پاناھلىق تىلەپ كەلدىمىكىن دەپ قاپتۇ. پەرەز قىلغىنىمدەك ئۇ ئامېرىكىغا سىياسى پاناھلىق تىلەپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە پاناھلىق تىلەش دېگەنلىك ئۆز دۆلىتىدە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان كىشىلەرنىڭ نورمال ھاياتىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوغۇدىشىغا، ئىلتىپاتىغا …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[20 ئۆكتەبىر 2011 | One Comment | 2,990 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
32. ئامېرىكىدا ئاياللار ۋە  ئەرلەر
1.    ئايالىمنىڭ نەزىرىدىكى ئامېرىكا ئاياللىرى ۋە ئەرلىرى
ئايالىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكىلىق قىز-ئاياللارنىڭ ياسىنىپ تارىنىشلىرىغا باھا بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يەردە قىز چوكانلار ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەكسىچە يۈزىگە ئانچە قېنىق گىرىم قىلمايدىكەن. ئايالىم ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئىشلەش جەريانىدا ئامېرىكىلىق خانىم  قىزلارنىڭ يۈز گۈزەللىكىگە ئەمەس ئۇسقىنىنىڭ گۈزەللىكىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپتۇ. ئادىتىم بويىچە ئايالىمغا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈزىگە كۆپرەك گىرىم قىلىشىدىكى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەدەن گۈزەللىكىگە بەكرەك مەپتۇن بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟
بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى بۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇن ”كىم ئايىپ ئىشتۇر قۇلاق، ئاي ئۆيى ئارتۇچ …

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[20 ئۆكتەبىر 2011 | One Comment | 1,118 قېتىم كۆرۈلدى]

قەشقەردىكى  تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى
گۈلەن

ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتىلىدىغان قەشقەر تولىمۇ سىپايە بىر شەھەر. قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسىغا مەشھۇر. بىر كۈنى دوستلارنىڭ چېيىدا ئولتۇرۇپ بىرەيلەننىڭ “ ئەجەپ بۇنداق گاچا بولۇپ قالدۇق“ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ تاڭ قالدىم. سەۋەبىنى سورۇسام خەنسۇچە بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزىنى ”گاچا“ دەپ قارايدىكەن. بۇنداق گاچا بولماسلىق ئۈچۈن قانچە كۆپ يات تىل بىلسە شۇنچە بىلىملىك، شۇنچە ئىناۋەتلىك سانىلارمىش. قەشقەردە گاچا بولماسلىق ئۈچۈن خەنسۇچىنى، دۇنيادا گاچا بولماسلىق ئۈچۈن ئېنگىلىز تىلىنى چوقۇم بىلىش لازىممىش. ئۇيغۇرچە دېگەننى ئويناپ يۈرۈپ ئۆگىنىۋالارمىش، سۆزلىيەلىسىلا بولارمىش. قەشقەردە مۇشۇنداق قاراش …

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[20 ئۆكتەبىر 2011 | 2 Comments | 2,691 قېتىم كۆرۈلدى]

تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى
گۈلەن

ئابدۇكېرەم ئابلىز ئورۇنلىغان ”سىيىت نوچى“ داستانىدىن ئارىيەدە سىيىت نوچى ”شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىستىبىدات ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى قوزغالغان گېلاۋخۇي تەشكىلاتىغا قاتناشقان“ دېيىلىدۇ. مەن بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن گېلاۋخۇيغا دائىر تارىخى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىقتىم. گېلاۋخۇي دېگەن بۇ گوروھ ئەسلى سىچۈئەننىڭ گولۇ دېگەن يېرىنى مەنبە قىلغان بولۇپ بەزىلەر گېلاۋخۇي دېگەن بۇ ئىبارىنى گولۇ گوروھى مەنىسىدىكى گولۇخۇيدىن كەلگەن دەپ قارايدىكەن. بۇ گورۇھنىڭ زوزوڭتاڭ قۇرغان خۇنەن قوشۇنىدا تەسىرى كۈچلۈك بولغان. خۇنەن قوشۇنى لىيۇجىنتاڭنىڭ قۇماندانلىقىدا شىنجاڭنى ئالغاندىن كېيىن گېلاۋخۇي قەشقەردە پائالىيەت قىلىشقا باشلىغان. خەنسۇچە تارىخى مەنبەلەردە قەشقەردىكى گېلاۋخۇي ھەققىدە مەلۇماتلار …

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[20 ئۆكتەبىر 2011 | One Comment | 2,638 قېتىم كۆرۈلدى]
تۇردى لېتىپ – ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق

- قۇشقاچ كىچىك بولسىمۇ بەش ئەزايى تولۇق، گەرچە يۇرتىمىز ھازىرقى زامان تەرەققىياتلىرىدىن سەل كېيىندەك، ئادەملىرىمىز جاھان رەپتارلىرىدىن سەل بىخۇتتەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ يەردە ھېچنېمە كەم ئەمەس. ھەرقانداق ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنىڭ يۇقۇندىسىنى بۇ يەردىن تاپالايسەن. ئادەملەرنىڭ خىرامان كەيپىياتىدىن ئۇلارنى بىخۇتمىكىن دەپ ئويلاپ قالما. ئۇلارنىڭ جاھان ئىشلىرىدىن خەۋەردارلىق دەرىجىسى سېنىڭدىن ئۈستۈن. سەن بىلىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇلار ساڭا ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. سەنلا ئاڭلاشنى خالىساڭ جاھان ئىشلىرىدىن ساڭا دەرس بېرەلەيدۇ. ئۇلارنى پۇلسىز- نامرات، بىتەلەپ كۆرمە! نۆۋىتى كەلسە سەن پېتىنالمىغان ھەرقانداق بىر بەدەلنى ئۈستىگە ئېلىشتىن

ئويلانمىلار, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[20 ئۆكتەبىر 2011 | No Comment | 2,161 قېتىم كۆرۈلدى]
تۇردى لېتىپ – خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ

خىزمەت دېمەك شۇ خىزمەتكە ئېرىشكۈچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بولغانىكەن، خىزمەت پۇرسىتى قەدىرلەش جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇچۇن ئورتاق مەجبۇرىيەت. مەيلى ئۇ خىزمەت سىزگە لايىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، ھەتتا سىزگە لازىم بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئەشۇ خىزمەت ئورنى ئېھتىياجىنىڭ بولغانلىقىلا قەدىرلەشكە تېگىشلىك مۇھىم پۇرسەت. ئادەملەر خىزمەت- ئەمگەك قىلىش ئارقىلىقلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. جەمئىيەتمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىقلا تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن خىزمەت تېپىش پەقەت يېڭىدىن جەمئىيەتكە چىققانلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، پەقەت ئەقلىي ھۇشى جايىدا، مەلۇم ھەرىكەت ئىقتىدارى بار ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ داۋاملىق ئويلايدىغان

ئويلانمىلار, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[20 ئۆكتەبىر 2011 | No Comment | 2,683 قېتىم كۆرۈلدى]
تۇردى لېتىپ – ھاياتلىق مۇساپىسىدە

ياپونىيەلىكلەرنىڭ زاۋۇتىدا دەسلەپكى كۈنلەردە شۇنداق بىر سېختا ئىشلىدىمكى ھەر بىر ئىشچىنىڭ مەشغۇلات دەۋرى سىكۇنۇتلۇق سائەتتە ئۆلچەپ بېكىتىلەتتى. ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىدىكى ھەربىر ئىشچىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. مەلۇم ئىشچىنىڭ مەلۇم مەشغۇلاتى ئاز ۋە ئاددىي بولۇپ قېلىپ تېز تاماملىۋېتىشىگىمۇ ۋە بەزى ئىشچىنىڭ مەشغۇلاتى مۇرەككەپ بولۇپ كۆپ ۋاقىت كېتىشىگىمۇ يول قويۇلمايتتى. بىر مەھسۇلاتنى تولۇق قۇراشتۇرۇپ بولۇش ئۈچۈن 30 مىنۇت ۋاقىت كەتسە، شۇ ۋاقىتنى 50 ئىشچىغا بۆلۈپ ھەر ئىشچىغا 36 سىكۇنۇتتىن تەقسىملىنەتتى. ۋە شۇ تەرىقىدە تىزىلغان بىر ئاشلەپچىقىرش ئاقما لىنىيىسىدە ھەر 36 سىكۇنۇتتا بىر دانە مەھسۇلات پۈتۈپ چىقاتتى.

Headline, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[19 ئۆكتەبىر 2011 | No Comment | 1,988 قېتىم كۆرۈلدى]
تۇردى لېتىپ: سەپەر خىياللىرى

مارالبېشىغا ئىلگىرى نەچچە رەت بارغان بولساممۇ بۇ قېتىمدىكىدەك كۈزىتىپ باقماپتىكەنمەن. كوچا- كويلىرى رەتلىك، ئاسفالىتلىشىپ، قاتناش چىراقلىرى تولۇق ئورۇنلاشقاننىڭ ئۈستىگە بىر ناھايە بازىرى دەرىجىسىدىن ھالقىغان ھالدىكى ئىگىز ئىمارەتلەر، رەتلىك بازار رەستىلەر كىشىنى بۇ يەرنى بىر شەھەرمىكىن دېگەن ئويغا كەلتۈرەتتى. كىشىلەر ناھايىتى بىخارامان ھالدا ۋېلىسپىتلىك، موتوسىكىلىتلىك ۋە پىيادە يول يۈرۈشەتتى. شەھەردىكى كىرا ماشىنىلىرىمۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. بىر قانچە يېڭىدىن ئېچىلغان تاللا بازىرىنى ئارىلاپ بۇ يەرنىڭ ھەقىقەتەن بۇرۇنقى مارال بېشى ناھىيەسى ئىكەنلىگىدىن گۇمانلانغۇدەك كەيپىياتقا كەلدىم. مارالبېشىنىڭ داڭلىق نەرسىلىرى خېلى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە مارالبېشى توغراق موگوسى ۋە مارالبېشى تونۇر كاۋىپىنىڭ خېلىلا داڭقى بار. مارالبېشىنى خەنزۇچىدا نېمە دەپ «باچۇ» دەيدىكىن دېسەم يېقىندا ئۇيغۇرچىدا «بارچۇق» دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. باچۇ ئەسلى بارچۇقتىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسا كېرەك. مارالبېشىنىڭ قىسقا مۇددەتتە بۇنچىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلىشىنى بۇ يەردە 2003-يىلى 24 –فېۋرال يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. تەبىئىي ئاپەت بەزىدە ھايات قالغۇچىلار ئۈچۈن بەخت سائادەت ئېلىپ كېلىدىغاندەكمۇ قىلاتتى. ھازىر ئۇ چاغدىكىدەك ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان كېسەك تاملارنىڭ ئورنىغا يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىتونلۇق ئىمارەتلەر سېلىنىپ پۈتكۈل ناھىيە بازىرى پۈتۈنلەي يېڭىچە تۈسكە كىرگەن ئىدى.