Articles Archive for ئۆكتەبىر 2009
ئۇختۇرۇش »
تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر. پېقىر 6-ئايدا توي قىلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل شىنجاڭدا بولدۇم ۋە توينىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگقا قارىيالمىدىم. كىيىنچە 7-ئايدا چىققان ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن تور ئۈزۈلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كىيىن ئىچكىرگە كىلىپ بىر مەزگىل تۇردۇم، قايتىپ كىلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشمغا سەل توختاشقا توغرا كەلدى، بىرئايدىن ئارتۇق ۋىزا ساقلاپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرەر ھەپتىلەر بۇرۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا مەكتىۋىمگە يېنىپ كەلدىم. ھازىر مەكتەپتە.
توي قىلغاندىن كىيىن توردا بىرىنچى قېتىم توينىڭ رەسىملىرىدىن بىرقىسمى تارقىتىلغاندىن كىيىنلا تور تاقىلىپ قىلىپ تويغا بارالمىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلار توينىڭ ئەھۋالىنى كۆرەلمەي قالغان ئىدى. پېقىر كىيىنراق شۇ رەسىملەرنى ۋە باشقا رەسىملەرنى تورداشلارغا …

Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.