ئامرىكىلىق بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۈھبەت Hey American, What DO You Think About Us,Uyghurs.
Jeck ئىلاۋىسى: بۇ سۈھبەت ئالغا نامىدىكى بىر توردىشىمىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ بەرقى تورىدا ئىلان قىلىنغان. تىما Jeck بلوگىنىڭ خاسلىقىغا ماس كىلىدىغان بولغاچقا ئەسلى يازغۇچىنىڭ ۋە بەرقى تورىنىڭ ئالاھىدە روخسىتى بىلەن بۇ بلوگدا ئىلان قىلىندى. ئالغا ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىگە كۆپ رەھمەت. باشقا تور بەتكە كۈچۈرۈپ چاپلىغۇچىلار يەنە چوقۇم بەرقى تورى ۋە ئالغا ئەپەندىدىن روخسەت ئالغايسىزلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئامېرىكاننىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار
ئاپتۇردىن سۆز:
مەن بۇ يىگىت بىلەن تاساددىبىي پۇرسەتتە تۇنۇشۇپ قالغانتىم.ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ئىشتىياق مەندە ئۇنىڭغا بولغان ئۆزگىچە ئىشتىياق قوزغىغان ئىدى.چۈنكى ھازىر ئۆزىمىز قەدىرلەمەيۋاتقان ئانا تىلىمىز باشقا بىر مىللەت تەرەپىدىن شۇنداق قەدىرلىنىۋاتاتتى. بۇ يىگىت ئۇيغۇر تىلىدا خېلى راۋان سۆزلەيتتى.مەن بىر نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بىر ئەنگىلىيەلىككە ئۇيغۇر تىلىدىن 6 ئايدەك دەرس ئۆتكەنتىم.شۇ ۋاقىتتا بىزگە شۇنداق ئاددىي تۇيۇلىدىغان بۇ ئانا تىل نىڭ نەقەدەر تەس تىل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان ئىدىم.ھەم چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغان ماتېرىيال يوق شۇنداق قىينالغان ئىدىم.سەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بىرە ژۇرنالغا بىرەيمىكى دەۋاتىمەن دىسەم،بۇ يىگىت ئالەمچە خۇشھال بولدى.ئەگەر مەن ئامېرىكاغا كىتىپ قالسام ئېلخەت ئارقىلىق ماڭا ئۆۋەتىپ بەر،مەن بىر ئوقۇپ باقاي دىدى.بۇ سۆھبەت ئەسلى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغانتى،بىراق ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ سەل جىددىي بولۇپ قېلىشى سەۋەبى بىلەن،بەزى سۆزلەرنى تىپىپ بولالمايدىكەنمەن دەپ ئىنگلىزچە جاۋاب يازدى.مەن ھېچ يىرىنى ئۆزگەرتمەي،ھېچنىمە قوشماي ئەينەن تەرجىمە قىلدىم.ئۇ بەزى سۇئاللارغا جاۋاب بىرىشىنى ياخشى كۆرمىدى.شۇنىڭ بىلەن بەزى سۇئاللىرىم جاۋابسىز قالدى…
ۋىنسىتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەملىشىپ ئامېرىكادا بىر ئۇيغۇرچە ئاشخانا ئېچىشىپ بەرگۈسى بار ئىكەن.ئەگەر ئوقۇرمەنلىرىمىز ئارىسىدىن ھەقىقەتەن ۋىنست دىگەن تەلەپكە چۈشىدىغانلار بولسا،مەن بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلساڭلار،مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسام بولىدۇ. ئېلخەت: uyghur@yeah.net
سۆھبەتنى ئېلىپ بارغۇچى: ئو.م.ئالغا
بەرقى مۇنبىرى
سۆھبەتكە قاتناشقۇچى: ۋىنسىت مالىك
1.سوئال: باشتا ئارقا كۆرىنىشىڭىز توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ج: بولىدۇ.مىنىڭ ئىسمىم-ۋىنسىت مالىك.بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم.مەن فىللىپىن قان تىپىدىكى ئامېرىكالىق.ئائىلىمىزدە 4 جان بار.ئۇلار ئاتا-ئانام،16 ياشقا كىرگەن ئىنىم ئانجىرو ۋە مەن.ئاتا-ئانام فىللىپىندا توغۇلۇپ،شۇ يەردە چوڭ بولغان.چوڭ دادام 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا ياپۇنلار بىلەن باتۇرلارچە جەڭ قىلغان كىشى ئىكەن.ئۇ ۋاقىتتا،فىللىپىن ئامېرىكانىڭ زىمىنى بولغانلىقى ئۈچۈن،چوڭ دادامنىڭ باتۇرلۇقىغا «ئامېرىكا گىراژدان»نى بولۇش مۇكاپات قىلىپ بىرىلگەن ئىكەن.ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسلانغاندا،ئامېرىكا گاراژدانلىقىدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ تۇغقان بالىسى تەبىئىي ئامېرىكا گاراژدانى بولۇپ كىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، دادام توغۇلىشىدىنلا ئامېرىكا گاراژدانى.
يىگىتلىك يېشىغا يەتكەندىن كىيىن،دادام ئامېرىكا گاراژدانلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ،ئانامنى ئېلىپ ئامېرىكاغا بېرىپ ھەربىي قىسىمدىن خىزمەت تېپىشنى قارار قىلغان.بۇ مەن توغۇلماستا،يەنى 1970-يىللاردا بولغان ئىش.دادام ئامېرىكاغا بارغاندىن كىيىن لۈچۈكلۈك كۇرۇسىغا قاتناشتى ۋە ئۇنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ لۈچىگى بولدى.مەن كالفورنىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇغۇلغان ئىكەنمەن.بىراق مەن 6 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئائىلىمىز تېنىس شىتاتىنىڭ مەپىس دىگەن يېرىگە كۆچۈپ كەلدۇق.مەن مۇشۇ يەرنى مىنىڭ يۇرتۇم دەپ قارايمەن.ئانام ئاممىۋىي سەھىيە كەسپىدە ئوقۇدى،ئىنىم 1992-يىلى توغۇلۇپ بولغۇچە،بىر تىببىي لابوروتىيەدە ئىشلىگەن ئىدى.
ئۈسۈپ يىتىلىشىم: ئاتا-ئانامنىڭ ئەسلى يۇرتى ئاسىيادا ۋە دادامنىڭ لۈچۈك بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن دادام توختىماي دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا قاراپ ئۇچۇپ تۇراتتى.شۇنىڭ بىلەن مەندىمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشۈنۈش ۋە شۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا زىيارەتكە بېرىش ئىشقى قوزغالغان ئىدى.دادامنىڭ 7 قىتئەدىن تارتىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپقىچە بېرىپ باققىننى ئويلىسام،دادامدىن شۇنداق پەخىرلىنىپ كىتىمەن.دادام باشقا مەملىكەتلەرگە بارغان ۋاقىتدا دائىم شۇ يەرنىڭ ئەنئەنىۋىي نەرسىللىرىدىن ئالغاچ كىلەتتى.مەن لوس ئانجىلىستىكى جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقتىمدا ئىنسانشۇناسلىق ۋە شەرىقىي ئاسىيا تەتقىقاتى دىگەن كەسىپنى تاللىدىم.مۇشۇنداق كەسىپلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق،كەلگۈسىدە مىنىڭمۇ دادامغا ئوخشاش باشقا مەدەنىيەتلەرنى چۈشۈنۈش ۋە شۇ يەردە ياشاش پۇرسىتىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.ئاخىرىدا مىنىڭ ئىشەنگىنىم راست بولۇپ چىقتى.چۈنكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن مىنىڭ كۆپىنچە ۋاقتىم چەت دۆلەت-جۇڭگودا ئۆتتى.
2.سۇئال: سىز شىنجاڭنى قانداق بىلدىڭىز ۋە نىمە سەۋەپ بىلەن بۇ يۇرتقا كەپ قالدىڭىز؟ سىز «ئۇيغۇر» دىگەن خەتنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە قانداق ھىس قىلدىڭىز؟
ج: مەن مەكتەپتە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى كەسپىنى ئوقۇشنى تاللىغانلىقىم ئۈچۈن،2005-يىلى ئالىي مەكتەپتىكى 2-يىلىم،مەن جاڭسۇدىكى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا تىزىملاتتىم.2005-يىلى فىۋرالدا مەن ئۇ مەكتەپكە يىتىپ كىلىپ 4 ئاي خەنزۇ تىلىنى ئۆگەندىم.مەۋسۇم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يېقىن بىر دوستۇم بىلەن يازدا ساياھەتكە باشقا جايلارغا بېرىشنى قارار قىلدۇق.ئۇ ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ شەرىقىي قىسمى بولغان جىياڭسۇدا 4 ئاي تۇرغان بولغاچقا،بىز جىياڭسۇ،شاڭخەي ۋە ياكى بېيجىڭغا ئوخشىمايدىغان بىرە شەھەرگە بېرىپ بېقىشنى خالاپ قالدۇق.بىراق بىز نەرگە بېرىشنى زادى جەزىملەشتۈرەلمىدۇق.شۇنىڭ بىلەن بىز ئاددىي بىر ئۇسۇلنى تاپتۇق: جۇڭگونىڭ خەرىتىسىنى ئېچىپ نەنجىڭغا قايەر ئەڭ يېراق بولسا شۇ يەرگە بارايلى دىيىشتۇق.ئەلۋەتتە ھەممىڭلارغا تۇنۇشلۇق بولغىنىدەك،نەنجىڭغا ئەڭ يىراق جاي-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى بولۇپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ بىزنىڭ 2005-يىلى ساياھەت قىلىدىغان نىشانىمىز قىلىپ بەلگۈلەندى.بىز ئۈرۈمچىگە نەنجىڭدىن ئاپرۇپىلان ئارقىلىق يىتىپ كەلدۇق.ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن ئالتاي ۋە قەشقەرگە ساياھەت قىلىپ باردۇق.
ئۇ ۋاقىتتا دۇستۇم بىلەن مەن ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق ئىنتايىن ئاز نەرسە بىلەتتۇق.ئىنگلىز تىلى ياكى خەنزۇ تىلىدا غ تەلەپپۇزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن،بىز «ئۇيغۇر» دىگەن خەتنى قانداق تەلەپپۇز قىلىشنىمۇ بىلمەيتتۇق.بىزنىڭ شىنجاڭغا كىلىپ بىلگەنلىرىمىز بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان،تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكى بولدى.شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ بىزگە باشقا يۇرتقا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى.مەن «ئۇيغۇر» دىگەن خەتنى تۇنجى كۆرگەندە،ئەرەب-ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تۇنۇماپتىكەنمەن.
3.سۇئال: سىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قارارىنى قانداق چىقىرىپ قالدىڭىز؟
ج: مەن 2005-يىلى تۇنجى قېتىم شىنجاڭنى زىيارەت قىلۋاتقاندا،ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئىزچىل قىززىقىپ قالدىم.سىز بىلىسىز،بىز ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق ئىنتايىن ئاز نەرسە بىلىمىز.گەرچە بىز «يىپەك يولى» توغۇرلۇق تارىخى كىتابلىرىمىزدا ئاز-تۇلا نەرسە ئۆگەنگەن بولساقمۇ،بىز ھازىرىقى زامانىۋىي مەركىزىي ئاسىيا توغۇرلۇق جىق نەرسە پەقەت بىلمەيمىز.تېخى نۇرغۇن ئامېرىكالىقلار قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىگە ئوخشاش شەھەرلەرنى خەرىتىلەردىن تاپالمايدۇ.شۇڭا شىنجاڭ- مەن ئۈچۈن يىپ-يېڭى بىر جەريان بولدى.مەسىلەن: مەن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانلار يۇرتىغا كىلىپ باققان بولدۇم.سىز بۇ يۇرتتىن ھېيتگاھقا ئوخشاش ھەممە خىلدىكى مەسجىتلەرنى،ئاپاق غۇجا مەقبەرەسىدىكىگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي نەققاشچىلىقىنى تاپالايسىز.بۇلار-ئىنتايىن گۈزەل! يەنە بىر مىسال-ئۇيغۇر تائاملىرى.مەن ھاياتىمدا ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشاش مىزىلىك تائاملارنى يەپ باقمىغان.مەن شىنجاڭغا كىلىپ پولو،لەغمەن،نان ۋە كاۋاپلارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە تۇنجى قېتىم قادىر بولالىدىم.ئۇيغۇر تائاملىرى-ھەقىقەت بەك مىزىلىك ئىكەن.ئاخىرىدا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى مىھمان دوست مىللەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.گەرچە مەن باشقا يۇرتتىن كەلگەن ساياھەتچى بولساممۇ،ئۇ ۋاقىتتا تېخى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلمەيتتىم،ئۇيغۇرلار ماڭا ئىنتايىن مىھرىبانلىق ۋە سەمىمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى.مەن ئۇ ۋاقىتتا شىنجاڭدا جەمئىي ئىككى ھەپتە تۇردۇم.مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە،ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق بىر نەرسە ئۆگىنىشكە يىتەرلىك ۋاقىت بولغىنى بىلەن،ئۇ بۇ مىللەتنى ئوبدانراق چۈشۈنۈشكە ھەرگىز يىتەرلىك ۋاقىت ئەمەس ئىدى.ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،مەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش چارىسى ئۈستۈدە ئىزدىنشنى قارار قىلدىم.چۈنكى سەن بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئارقىلىقلا،ئۇ مىللەتنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشۈنەلەيسەن.
4.سۇئال: سىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى قاچان باشلىدىڭىز؟ سىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن قايسى مەكتەپنى تاللىدىڭىز؟باشتا قايسى كىتابنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلەتتىڭىز؟سىز ئۇيغۇر تىلىنى تۇنجى ئۆگىنىشكە باشلىغاندا ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى قانداق ئويلىدىڭىز؟
ج: كىيىنكى جاۋابىمدا دىگەندەك،مەن ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىنلا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغان جاي ئىزدەشكە باشلىدىم.ئامېرىكادا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتىدىغان جاي يوقنىڭ ئورنىدىلا ئىكەن.مىڭلىغان ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئاران 5 تەك ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى تەسىس قىلغان ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن بولغاچقا بېرىپلا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى باشلىيالمىدىم.پەقەتلا يازلىق تەتىلدە ئۆگىنەلىدىم.تىرىشقانغا بىرىدۇ دىگەندەك،ئامېرىكا ئېندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى،بۇ مەكتەپتە ئامېرىكادىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى مەركىزى بار،يازلىق تەتىلدە ئۇيغۇر تىلىدىن ئۇنىۋېرسال يىتىشتۈرۈش سىنىپى ئېچىپتۇ.مۇشۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كىينلا،2006-يىلى يازدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى باشلاش ئۈچۈن مەكتەپكە ئىلتىماس جەدىۋىلىمنى يوللىۋەتتىم.خۇدا بەرسە پەيغەمبەر غىڭ قىلالماپتۇ دىگەندەك،مەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپلا قالماستىن يەنە تېخى،پۈتۈن ئوقۇش پۇلىغا ئىرىشىپتىمەن.شۇنداق قىلىپ 2006-يىلى يازدا 8 ھەپتە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەندىم.بۇ سىنىپتا دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كۈنىگە 4 سائەتتىن مۇنتىزىم تەربىيىلەندۇق.بىزگە ئائىلە تاپشۇرۇقى بەك جىق بىرىلەتتى.مەن كىچە-كىچەلەپ ئۇيغۇر تىلى تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەيتتىم.گەرچە ئوقۇغان ۋاقتىمىز ئاران 8 ھەپتە ۋاقىت بولسىمۇ،بىز بەك جىق نەرسە بىلىۋالدۇق.ئۆگىنىشىمىز شۇنداق قىززىقارلىق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن كىلەر يىلى يەنە ئوخشاش پىراگىراممىغا ئىلتىماس سۇنۇشنى قارار قىلدىم.ئىلتىماس سۇنۇپ يەنە تەلىيىم كەلدى.بۇ قېتىم ئوتتۇرا سەۋىيىلىك ئۇيغۇر تىلى سىنىپىغا قاتناشتىم.بىزدە مۇنتىزىم دەرسلىك ماتېرىيال بولمىغانلىقى ئۈچۈن،ھەرخىل ماتېرىياللارنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلەتتۇق.ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىدىن سېتىۋېلىنىپ ئامېرىكاغا ئاپىرىلغان ئىدى.بەختىمگە، ئۇيغۇر تىلى دەرىسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىللىرىم ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان،ئىشتىياقلىق مۇئەللىملەر ئىكەن.ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى تۇنجى باشلىغاندا كاللامغا كەلگىنى،ئۇيغۇرچە خەت يېزىش خەنزۇچە خەت يېزىشقا قارىغاندا خېلى بەك ئاسان بولغىنى بىلەن،ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى ئىنگلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلى گىرامماتىكىسىدىن خېلى بەك تەس ئىكەن.ئەكسىچە،قىيىنچىلىقنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ تىلنى ئۆگىنشىكە ئەرزىيتتى.چۈنكى گىرامماتكىنى بويسۇندۇرساملا،مەن شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يېڭى بىر بالداقتا تۇرۇپ چۈشۈنەلەيتتىم.ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشالايتتىم.
5.سۇئال: سىز شىنجاڭغا كەلگىلى قانچە ئۇزۇن بولدى؟نىمە سەۋەپ بىلەن بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىشنى خالىدىڭىز؟
ج: مىنىڭ ھازىر شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقىنىمغا بىر يېرىم يىلدەك بولدى.2007-يىلى 3-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا بۇ يەرگە كىلىشنى قارار قىلدىم.چۈنكى مەن مۇشۇ يەردە تۇرۇش ئارقىلىقلا ئۇيغۇر تىلى سۆزلەش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرالايتتىم.8-ئاي مەزگىلىدە مەن كورلىغا يىتىپ كەلدىم ۋە شۇ يەردىكى بىر يەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدىم.مەن كورلىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 2008-يىلى 3-ئايغىچە دەرس ئۆتتىم.شۇ مەزگىلدە مىنىڭ دەرستىن چۈشكەندىن كىيىنكى بىكار ۋاقتىمدا قىلىدىغان ئىشىم-ئۇيغۇر تىلىمنى مەشىق قىلىش بولدى.ئەمىلىيەتتە مەن بىكار ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى كورلىدا ئېچىلغان بىر تەربىيىلەش مەركىزىدىكى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇنۇشۇش ۋە شۇلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىمنى مەشىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈم.مەن 3-ئايدا ئامېرىكاغا بېرىپ 8-ئايدا يەنە شىنجاڭغا قايتىپ كەلدىم.بۇ قېتىم مەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە شىنجاڭ يېز ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىدىم ھەم ھازىرغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن.مىنىڭ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا تۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىم-ئۇيغۇر تىلىمنى ياخشىلاش بولدى.
6.سۇئال: ئۇيغۇرلارنىڭ سىزنى تەسىرلەندۈرگەن ئىشىدىن بىرەنى سۆزلەپ بىرەلەرسىزمۇ؟
ج: ھاھاھا…مەن سىزگە بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي.بۇ ئىشنى ھازىر ئويلۇساممۇ كۈلۈپ كىتىمەن.مەن كورلىدىكى ۋاقتىمدا بىر ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ناھايىتى ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدىم.ئۇ ماڭا بەك سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى ھەم ھەردائىم يېزىدىكى ئۆيىگە بىللە ئېلىپ چىقاتتى.ئەمىلىيەتتە مەن بۇ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى ئۆز ئاچامدەك كۆرەتتىم.ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ماڭا ئۆز بالىسىدەك مۇئامىلە قىلاتتى.بۇ ئۇيغۇر دوستۇمنىڭ بىر ياشقا كىرگەن پەرىزە ئىسىملىك بىر جىيەن قىزى بار ئىدى.پەرىزە بەك شوق،جىم تۇرمايدىغان كەپسىز ئۇيغۇر قىزى ئىدى.مەن پەرىزەنى كۆرسەم ئىنتايىن خۇشھال بولۇپ كىتەتتىم.چۈنكى بۇ قىز بەك قىززىقارلىق بولۇپلا قالماي يەنە،ئۇيغۇر تىلىمنى مەشىق قىلىدىغانغا ياخشى ياردەمچى ئىدى.ھەممىمىز بىلىمىز كىچىكلەرنىڭ تىلى ئىنىق،ئاستا ۋە ئاددىي سۆزلەيدۇ.بىر كۈنى پەرىزە مىنى ئىككى ئىش ئارقىلىق بەك تەسىرلەندۈردى.1-ئىش: دوستۇم بىلەن مەن پەرىزەنى ئېلىپ يېزىدا كىتىپ باراتتۇق،پەرىزە يانچۇقىدىن بىر تال كەمپۈتنى چىقاردى.ئۇ كەمپۈتنى يىيىشنى بەك خالايتتى.ئۇ كەمپۈتنى سۇيالمىدى يا قانداق ئېچىشنى بىلەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن يەردىكى –ماڭا كەمپۈتنى سۇيۇپ بىرىشىم ئۈچۈن بەردى.ئۇ ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ كەمپۈتنى سۇيۇپ بەردىم.ئۇ كەمپۈتنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن ئازراق ئۇشتۇپ ماڭا بەردى.مەن بەك ھاڭ-تاڭ قالدىم.ئىنىقكى ئۇنىڭ مۇنداق قىلغىنى مىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياردىمىمگە دىگەن «رەھمەت»ى ئىدى.2-ئىش: بىز شۇ كۈنى يەنە بىر كۇچا بىلەن قايتىپ كىلىۋاتاتتۇق.دوستۇمنىڭ توكلۇق ۋەلىسپىتىنىڭ يېلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن،مەن ئۇنى ئىتتىرىپ مېڭىۋاتاتتىم.مەن توكلۇق ۋەلىسپىتنى ئىتتىرىپ مېڭىۋاتقاندا پەرىزە ۋەلىسپىتتە ئولتۇرۇپ «بىكارغا ئولتۇرۇش»نىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتاتتى.يول ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈنمىكى ئىشقىلىپ پەرىزە چىرايىمغا تىكىلىپ قارىدى.تۇيۇقسىز ئۇ ۋەلىسپىتتىن سەكرەپلا چۈشۈپ،كىچىك قوللىرى بىلەن ۋەلىسپىتنىڭ كەينىدىن ئىتتىرىشكە باشلىدى.مەن يەنە بىر قېتىم ئىنتايىن ھاڭ-تاڭ قالدىم.قارىماققا ئۇ ۋەلىسپىتتە بىكارغا ئولتۇرۇشنى بىر خىل جىنايەت دەپ قاراپ ماڭا ياردەم بىرىۋاتاتتى.مۇشۇ ئىككى ئىش مىنى ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندۈردى.گەرچە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بەك ئاددىي ئىشلار بولسىمۇ،بىراق پەرىزەنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەمدى بىر ياشقا كىرگەن قىز ئىكەنلىكىنى ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭىز كىرەك! ئامېرىكادا بىر ياشقا كىرگەن بالىلار بەك شەخسىيەتچى بولۇپ،پەقەن «مەن»نىلا ئويلايدۇ.بىراق ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادىتىدە بالىلار ئىنتايىن كۈچلۈك ئەنئەنىۋىلىك ئىچىگە كۆز ئاچىدىكەن،كىچىكىدىن باشلاپلا ھەرخىل ئائىلە مۇناسىۋىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن.ماڭا، ئۇيغۇر بالىلىرى ھەتتاكى بىر ياشقا كىرسىمۇ ئۆزىدە ھەق-ناھەق تۇيغۇسى،سىخىيلىق-كەڭ قورساقلىق ۋە ئۇيغۇر قىممەت قارىشىنىڭ بولىدىغانلىقىنى،مۇشۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋىتىدە ئىناقلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ئاساسى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.
7.سىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشتىكى مەقسىدىڭىز نىمە؟
ج: كىشىلەر مەندىن مۇشۇ سۇئالنى بەك سورايدۇ.جاۋاب-ئىنتايىن ئاددىي.مەن ئۇيغۇرتىلىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن.ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى گۈزەل تىللارنىڭ بىرسى.مەن ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى يازالايدىغان بولۇشنى بەك ئارزۇلايمەن.ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى قاچان بويسۇندۇرسام،شۇ ۋاقىتتا چوڭ مۇۋاپپىقىيەتكە ئىرىشكەندەك قىلىمەن.ئۇيغۇر تىلى بىلىشنىڭ ئادەمگە ئەڭ ھوزۇر بىرىدىغان يىرى-ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈش.ئىنگلىز تىلىدا مۇنداق بىر دىيىلمە بار: مەن ئۈچۈن،ئۇيغۇرچە مەقسىدىمگە بارىدىغان يول ئەمەس،ئۇ ئۆزى مەقسىدىمدۇر.مەن مەقسىدىمگە يىتىش ئۈچۈن خەنزۇ تىلى ئۆگەندىم.مەنچە ئەگەر خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلسەم،ئۇ مىنىڭ خىزمەت تېپىشىم ۋە كەلگۈسىدە جىق پۇل تېپىشىمغا ياردەمدە بولىدۇ.بىراق مەن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەندىم.چۈنكى مەن ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى كۆرۈمەن.مەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى ئىنتايىن خالايمەن.
8.سۇئال: ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن نىمە ئىش قىلماقچى؟ئۇيغۇرلار ئۈستىدە بىرە تەتقىقات ئېلىپ بارامسىز ياكى ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق بىرە كىتاب يېزىپ چىققۇڭىز بارمۇ؟
ج: مەن ئاخىرىقى جاۋابىمدا ئېيتتىم،مىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىم پەقەتلا ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئالاقە ئېلىپ بارالايدىغان بولۇشۇم ئۈچۈن.بىراق كەلگۈسىدە ئۆگەنگەن ئۇيغۇر تىلىم بىلەن قىلىدىغان بىرە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا،مەن نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى بىلىمەن.مەن ئالدىنقى سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئېيتتىم،ئامېرىكالىقلار ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق بىرەمۇ ئىش بىلمەيدۇ.ھەتتاكى مەنمۇ شىنجاڭغا كەلمەستە بۇ مىللەت توغۇرلۇق ھېچ نىمە بىلمەيتتىم.مەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كىلىپ 3 يىلدىن كىيىن،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مىنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىۋالدى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلدىم.ئامېرىكاغا بارغاندىن كىيىن مەن دۇچ كىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىق-ئامېرىكادىكى قەدىناس دوستلۇرۇمنىڭ مەن دىگەن گەپلەرنى چۈشەنمەسلىكى.مىنىڭ ئۇلارغا مەھمۇد كاشغەرى،12مۇقام توغۇرلۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگۈم بار.بىراق بۇلارنى دىمەيلى قويايلى،ئۇلار شىنجاڭنىڭ قايەردە ئىكەنلىكىنى،ئۇيغۇر دىگەننىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.مەن ئامېرىكاغا بارغاندىن كىيىن قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىش-ئامېرىكىلىقلارغا ئۇيغۇرلارنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى كۆپلەپ شىنجاڭغا زىيارەتكە ئېلىپ كىلىش.قەشقەر،تۇرپانغا ئوخشاش ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلار بىلەن چۈشۈنۈش پۇرسەتلىرىگە ئىگە قىلىش.مىنىڭچە بۇ مەقسەتكە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغۇرلۇق كىتاب يېزىش ئارقىلق ئەڭ ياخىشى يەتكىلى بولىدۇ.بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىغا ئامېرىكالىقلار قىززىقىدىغان يىپەك يولى ياكى يىمەكلىلەرنى ئاساسلىق ئېلىش كىرەك.مىنىڭچە ئامېرىكالىقلار يىپەك يۇلى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوينىغان رۇلى ۋە ياكى يىمەك-ئىچمىگى توغىرىسىدىكى ماقالىلەرنى قىززىقىپ ئوقۇيدۇ.ئۇيغۇر تائاملىرى توغۇرىسىدا بىرە نەرسە ئوقۇشتىنمۇ ياخشى ئىش بولسا ئۇيغۇر تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش.شۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ مەخپىي ئارزۇيۇمنىڭ بىرىسى-ھازىرىقى ئۇيغۇر تىلى بىلىدىغان ئامېرىكالىقلىق ئورنۇمدىن پايدىلىنىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادا ئاشخانا ئېچىشىغا ياردەمدە بولۇش.ئامېرىكادا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىش بىر نەچچە سەۋەپلەردىن كۆرە ئىنتايىن ياخشى بىر پىلان.1-ئامېرىكادا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشخانىسى ئىنتايىن كۆپ.مەن ئافغان،تۈرك،ماراكەش،ئەرەب ۋە پاكىستانلىقلار ئاچقان ئاشخانىلارغا كىرىپ باققانيۇ بىرەمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىرىپ باقمىغان.مەنچە ئامېرىكالىقلار ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.بىراق ھازىرغىچە مۇنداق ئاشخانا تېخى ئېچىلىپ باقمىدى.2-يىمەكلىك ئارقىلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى شۇنداق ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ.ئەگەر بىز ئامېرىكادا ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن بىرەنى ئاچساق،ئۇيغۇرچە بىزىسەك،ئۇيغۇر ناخشىچى ۋە ئۇسۇلچىلار بىلەن ئۆزگىچە جۇلالىنىپ تۇرسا،ئاشخانىمىزدا تاماق يىگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قۇرساقلىرى مىززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن تويسا،قۇلاقلىرىغا مۇڭلۇق ئۇيغۇر ناخشىللىرى ئۇرۇلۇپ تۇرسا،كۆزلىرى گۈزەل ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى بىلەن جەلىپ قىلىنىپ تۇرسا،نىمە دىگەن ئىسل-ھە! شۇنىڭ“ m J. C, L’ s! Q8 B
بىلەن ئاخشانىمىزدا تاماق يىگەن ئامېرىكالىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى توغۇرلۇق ئىزدىنىدۇ.ھەتتاكى بەزىللىرى شىنجاڭغا زىيارەتكە كىلىشىمۇ مۇمكىن.ئاخىرىدا مۇشۇنداق بىر ئاشخانا ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكاغا بېرىپ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى چۈشۈنۈش ۋە تىلىمىز-ئىنگلىز تىلىنى بىلىشىغا چوڭ كۆۋرۈك بولىدۇ.دىمىسىمۇ،مۇنداق ئاشخانىلارغا ھەقىقىي ئۇيغۇر كۈتكۈچىلەر،ئاشپەزلەر،ئۇسۇلچىلار ۋە ناخشىچىلارنى تەلەپ قىلىدۇ،ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟بۇ ئاشخانىدا ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ئىنگلىز تىلىغا ئۇستا بولىدۇ ھەم بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى چۈشۈنەلەيدۇ.ئەگەر ئۇلار شىنجاڭغا قايىپ كەلسىمۇ ئىنگلىز تىلىنى بىلگەنلىكى ۋە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇررىمىزدا كۆۋرۈلۈك رول ئوينىيالايدۇ.بۇ ئاشخانا،ئەلۋەتتە،قوش يۆنىلىشلىك مەدەنىيەت ئالاقە بۆشىگى بولۇپ قالىدۇ.بۇ مىنىڭ بىر ئارزۇيۇم،ئارزۇيملا خالاس!ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئاشخانا ئېچىشقا ئىقتىساد ئەڭ چوڭ تۇسالغۇ بولىدۇ.بۇنى ماڭدۇرۇشقا نۇرغۇن پۇل كىتىدۇ.ئەگەر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا پۇل يىغىپ ئامېرىكادا ئاشخانا ئېچىشقا قىززىقىدىغانلار بولسا،مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭلار!
تۈگىدى.
كونا بلوگدىكى ئادېرسى بۇ يەردە.
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا بىقىپ قويغان بالىسىدەك لەغمەن يىگۈم با پولو يىگۈم بار دىسە ئىتىپ بىرىپ سەمىرتىپ . ئۆز زامانىسىدىمۇ خەنلەرنى شۇنداق كۆرەتتۇق پىڭيو دەپ قويسا بىشىمىز كۆككە يىتىپ ماختىنىپ يۈرەتتۈق بارچە سىرىمىزنى تۆكۈپ بىرەتتۇق باشقىلارنىڭ ئۇلارغا بىزدىنمۇ بەك ياراپ قىلىشىنى خالىماي رىقابەتلىشىپ خىزمەت قىلاتتۇق ھالا بۈكۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ بۇنى ئۆزىگە مىراس ئەقىدە قىلىپ ياشايدىغانلارغا نىمە دىگۈلۈك ئۇنۇتماڭلار ئامىركىلىقمۇ يات خەنمۇ پەرقى پەقەت تىلى ئوخشىمايدۇ بىزدىن كۈتىغىنىمۇ ئالىدىغىنىمۇ ئوخشاش
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
دېمەكچى: تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، ھەمدە شۇ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، بىر مىللەتنىڭ تىلىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ مەدىنىيىتىنى چۈشىنىمەن دېيىش ……….. شۇڭا قېرىنداشلار ئۆزىمىزنىڭ تىلىنىىڭ قەدرىگە يېتەيلى! دېمىسىمۇ ئۇيغۇر تىلى بىز ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل تىل! ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ئۆزىمىز بىلمىسەك خەق قاندا ئۆگىنىدۇ؟ ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى! بىز قىلالايمىز!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
چەتئەللىكلەرنىڭ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە قىزىقىشى ئېنىق ،ئەمما كارۋان ئەپەندى ئېيىتقاندەك،بىرەر مەنپەئەتنى چىقىش قىلغان بولۇشىنى تەسەۋۋۇردىن ساقىت قىلشقا بولمايدۇ. ئامرىكانغا ئارلاشقۇلۇق،مىللىي غورۇر،ئىتقاد نوقتىسىدىن ئارلىق ساقلاپ پايدىلىنىش كېرەك.
ئامرېكىدا ئاشخانا ئاچسا ،مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇشتۇرسا بولىدۇ،ئەمما ئۇسۇلچى ئەپچىقىپ،بۇزۇقچى تېرىسا بولمايدۇ.بىز خەق باشقا رەڭنى كۆرسەك ،كۆزىمىز ئالا -چەكمەن بولۇپ كېتىپ ،ئەسلى-ۋەسلىمىزنى ئۇنتۇپ ……..
اللەھىم بىزلەرنى مۇستەھكەم ئىتقاددا قىلغايسەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ ئامىركىلىق ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سەلبى كۆز قارىشى سورالمىدىمۇ قانداق ؟ سورالغان سۇئاللار بەك ئازدەك ھىس قىلدىم . كارۋان ئەپەندىمنىڭ دىگەنلىرىنىمۇ بىر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىز شۇنداق تىرىشىمز بولمىسا ،نىمىشقا بىر تىلدا مۇكەممەل سەۋيىگە يىتەلمەيمىز .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تىل ئۇگەنمەك راسلا قىيىنكەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نەفىسە گىپڭىز ناھايىتى ئۇرۇنلۇق بولدى ….
دىمسىمۇ بەزى كىشلىرمىز بىرەر چەتئەللىك بىلەن تۇنشۇپ قالسا يوغان بىرنەرسىنى تېپۋالغاندەك .بولدىغانلارمۇ تولا
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇشۇ ئامېرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشى راستىنلا قىزىقىشتىنمۇ؟ مەن ئىلگىرى ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدا بىر ئامېرىكىلىق بىرى بىلەن تەسسادىپىي تونۇشۇپ قالغاندىم، شۇنداق قىلىپ بىز ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىپ تۇردۇق. ئۇ شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئەمدى "ياخشىمۇ سىز" دېگەنگە ئوخشاش سالاملىشىش سۆزلىرىنى بىلەتتى. بىز دائىم ئۇنى ئۆيىمىزگە تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋىي تاماق بىلەن مېھمان قىلاتتۇق، ئۇمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمەن، پولۇ، نارىن، تۈگرە، ئۈگرە…. قاتارلىق تاماقلىرىمىزنى تولىمۇ ئامراقلىقىنى ئاغىزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ تۇرۇپ يەيتى. ئۇ ھەتتا قايسى تاماقنى يىگىسى بولسا، بىزگە تېلېفون قىلىپ، مېنىڭ سىلەرنىڭ ئۆيگە بۈگۈن بېرىپ پولۇ يىگۈم بار دېسە بەزىدە لەغمەن يېگۈم بار دەپ تارتىنماي ئېيتتاتتى. بىزمۇ ئۇنى شۇنداق قىزىن كۈتۈۋالاتتۇق. بىز مەزگىل ئالاقىلشىشتىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ سىرىنى ئاشكارلىدى. يەنى بىزنى توختىماي خرستىئان دىنغا كىرىشكە دەت قىلدى. ئۇ بىزنىڭ كەيىپ-ساپادا يوق مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزنىڭ دىنىغا شۇنچىلىك دەۋەت قىلاتتى. بىز ئۇنىڭغا ئىسلام دىنى توغرلۇق سۆزلەپ بىرەتتۇق. مۇشۇ ئىشتىن كېيىن ئارىمىزدا بىر خىل سوغۇقچىلىق باشلاندى. بىز ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئالاقىلاشماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي كۆرۈشمىدۇق. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېركىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقى ئېتىپ بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ( ئەلۋەتتە قۇرۇق ئەمەس، يەنى مىللىتىمىزنىڭ قائىدىسىنى قىلىپ، مىللىي قول-ھۈنەرۋەن بويۇملىرى ۋە كەشتىلەنگەن داستىرخان ئېلىۋالغان ئىدۇق) كېيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا ئومۇ بىزگە بىر سوۋغىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بىزگە بولاقلىق بىر نەرسە بەردى. بۇنى ھازىر ئاچماسلىقىنى كېيىن ئېچىشمىزنىڭ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەرگەن سوۋغىنى ئىگىسىنىڭ قېشىدا ئېچىپ كۆرۈشنى بىئەپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆيگە كىلىپ ئاچساق، خرىستىئان دىنىغا ئائىت كىتاب، پىلاستىنكا ئىكەن. ئۇ كىتاب بىزنىڭ يېزىمىز ئۇيغۇر تىلىدا بۇلۇپ ئىشلىنىشى تولىمۇ نەپىس ئىدى. مەن شۇ ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سوۋغا قىلغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەردىم. ھەم بىر قاتار سۆزلەردىن كېيىن ئىشىكىنى يېپىپ چىقىم كەتتىم. ئۇنىڭ مەن سۆزلىگەندە چىرايى تولىمۇ تاتىرىپ، بىر قورقونچلۇق تۈسكە كىرىپ قالغانىدى. ….
دېمەك شىنجاڭغا كەلگەن ئامېركىلىقلاردىن ئۇيغۇر تىلىنى نېمىشقا ئۆگىنىسەن دېسىڭىز مەن پەقەت ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى كۆرۈمەن، مېنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بەرگۈم بار دەپ، ئۆزىنىڭ سىزگە بولغان ھېسداشلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ ئامېركىلىق بولسۇن ياكى ئۇ بىر باشقا ئەجنەبى بولسۇن ھەرگىز ئالدىراپ ئارلشىپ كەتمەك. ئەڭ ياخشى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن تىرىشىپ، ھەر جەھەتتىن ئۆزىڭىزنى تاكاموللاشتۇرۇڭ.
مېىڭىچە سىز ئامېركىلىق بولامدۇ ياكى باشقا چەتئەللىك بولامدۇ ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەك. ئۆزىڭىزگە پۇختا بولۇڭ.
خەيىرى، بۇ تېمىنى كۆرۈپ بۇ ئىنكاسنى يازغىم كىلىپ قالدى، جېك ئەپەندى بۇ ئىنكاسىمىنى كۆرەمدۇ يوق-بىلمەيمەن. قىسقى بۇنداق ئىشقا يولۇققان مەن بىر بولمىسام كېرەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاشخانا ئېچىپ يەنە ئۇسۇلچى قىزلارنىمۇ ئېلىپ چىقىدىكەنمىز-دە!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەقىقەتەن چەتئەللىكلەر ئۇيغۇر تىلىنى تىز ئۈگىنىۋالىدىكەن ، گەرچە دىگەندەك ياخشى يازالمىسىمۇ .
بەزىدە باشقىلارنىڭ بىز ئۇيلاپ باقمىغان كىچىككىنە ھەركىتىمۇ بىزدە زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلالايدىكەن .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ ئامېرىكىلىق دوستىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان قىزىقىشى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن.ھازىر مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە يېشى ئەللىكتىن ئاشقان بىر ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى بار.ئۇمۇ مۇشۇ دوستىمىزغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.دەرس ۋاقتىدا بىرەر مىنىۇتنىمۇ بىكار ئۆتكۈزۋەتمەيدۇ.شۇنداق ئەستايىدىل.تۇرسۇن ئەپەندىم بەلكىم سىز بۇ ئامېرىكىلىق ئايالنى تونىشىڭىز مومكىن.بۇ ئايال شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىنىڭ چەتئەل تىلى ئىنىستىتوتىدا 15يىلدەك خىزمەت قىلغان.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاۋۇ رەسىمدىكى ئادەم يۇپۇرغا ناھيىسىدىن ئىكەن.
ئامرىكىلىقلارنىڭ بۇنداق قىزىققاقلىقى ئادەمنى بەكمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.بۇ بىزنىڭ پەرۋاسىزلىقىمىزنىڭ قارىمۇ – قارشىسى ئىكەن. يەنە بىرسى ئۇيغۇر تائام مەدەنيىتى ئۈچۈن بۇ ئەپەندىنىڭ ئويلىغىنى ناھايىتى ئەتراپلىق بوپتۇ. ئۈمىدىم ۋە ئارزۇيۇم : ئۇيغۇر تائاملىرى ،ئۇيغۇر مەدەنيىتى دۇنياغا تۇنۇلىشى كىرەك،دۇنيا بىزنى بىلىشى كىرەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
كىچك قىزنڭ ھېكايسى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى ، بېتەلەي مىللىتمنڭ پەرزەتى كىچكىدىن شۇنچە ئىش ئۇقىدىغان ، شۇنچە مەسۇمە ، ئۆزىنى شۇنداق ئايايدۇ ….ھەر قاچان باشقىلار ئالدىدا بوي قىشىنى نومۇس دەپ بىلىپ كەلگەن مىللتتىمنى تەڭرى خەقىڭ قولغا قويغىنغا بەكمۇ ھەيرانمەن …. كىچڭ ئوماق فەرۇزە …..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نىمە ئۈچۈن مىنىڭ باشقا تىللارنى ئۆگەنمىكىم شۇنچە تەس بۇلىدىغاندۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel